ئۇيغۇرلاردىكى «قىرىق سۈيى»(قىرقى سۈيى)

زۇلھايات ئۆتكۈر
بوۋاق تۇغۇلۇپ قىرىق كۈندىن كىيىن،قىرىق سۈيى” دەپ ئاتىلىدىغان قىرقىنى چىقىرىش كۈنى تەبرىكلىنىدۇ.ئۆيگە ياشقا چوڭ ئاياللار توپلىنىپ، سىلىنغان داستىخانننىڭ ئەتراپىغا توپلىنىپ ئولتۇرىشىدۇ. داستىخاننىڭ
ئۈستىگە ئىككى دانە قاچا ياكى داس قويۇپ قويۇلىدۇ. داسنىڭ بىرىگە پاكىز سۇ قۇيۇلۇپ، ئىچىگە ئالتۇن، كۈمۈش، زىبۇ-زىننەتلەر ۋە ئالما قېقى، گۈل بەرگى قاتارلىق نەرسىلەر سېلىنىدۇ. بوۋاقنىڭ جىنسىغا قاراپ ياكى رايون پەرقىگە قاراپ، قاچىغا سېلىنىدىغان نەرسىلەرمۇ ئوخشىمايدۇ. قىز بوۋاق بولسا، ئادراسمان، ئوغۇل بوۋاق بولسا ئوشۇق سېلىپ قويىدىغان ئادەتلەرمۇ بار. قاچىدىكى تەييارلانغان سۇ«قىرىق سۈيى» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ھەر بىر ئايال ئىككى قوشۇقتىن سۇنى ئېلىپ، يەنە بىر قاچىغا تۆكىدۇ. سۇنى تۆكۈش جەريانىدا ئۇلار ھەر بىرى بوۋاق ئۈچۈن 3 تىن تىلەك تىلەيدۇ.«بەختىنى بەرسۇن، ئەقىللىق بولسۇن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسۇن» دېگەندەك تىلەكلەرنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتىدۇ. بەزى رايونلاردا«قىرىق سۈيى»نى بىر قوشۇقتىن بوۋاقنىڭ باش قىسمىغا ئاستاغىنە قۇيۇپ تىلەك تىلەيدۇ. كەينىدىن ئوپچا دۇئا قىلىنىپ، ئىسىتىلغان سۇغا «قىرىق سۈيى» قېتىلىپ، بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدىنى يۇيۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «قىرىق سۈيى» مۇراسىمى ئاياغلىشىدۇ.

 

جاۋاب يېزىش