مەن رىزۋانگۇلنىڭ كونا سەبدىشى (باللادا )

(بىر مىللى ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ بايانىدىن)

گۇلباھار  ھاكىم

 

غاچىلداپ تۇرغان، ئاق قار ئۈستىدە،

جەڭلەر بولغانتى مەھەللىمىزدە.

رىزۋانگۈل بىلەن جەڭگاھتا تۇرۇپ،

ئۈمىد باغلىغان كەلگۈسىمىزگە.

.

يېزىلىدۇ  تارىخ ئالتۇن قەلەمدە، «

تۆكۈلسە قانلار ھەربىر قەدەمدە.

ھەققانىي كۆرەش يېڭەر ئەلۋەتتە،»

دېگەن ئىدى ئۇ  ئەشۇ كۈنلەردە.

 

تاشلاپ پاراشوت، جەڭنىڭ بىر كۈنى ،

ئېلىپ قاچتى كۆكتە»سبۇراپ» بېشىنى،

ۋەزىپە شۇكى، قالدۇرماي بىرنى،

غەنىمەت ئېلپ، ئېتىپ دۈشمەننى.

 

سايراپ پىلىمۇت، كۆزلەپ نىشاننى،

ئاتلاندۇق ئالغا، تىكىپ بۇ جاننى.

قاچتى«سۇغۇر »لار ئىزدەپ تۆشۈكنى ،

غەلىبە بىلەن بىز، ئالدۇق ئولجىنى.

 

«ھۇررا !» ياڭرىتىپ، قارشى ئىلىشتى،

ھەرەمباغدىكى سەپداشلار بىزنى.

رىزۋانگۇلمۇ با،چېپىپ ھەر يانغا،

تونۇشتۇراتتى زوقتا ھەر كىمنى:

 

«مانناپ ئاكام بۇ،بۇ  بىر مەرگەندۇر،

ئۇكام شاكىچىك، ھاكىمجانغۇ بۇ!

ئون يەتتە پاراشۇد، ئولجا ئالغىنىنى ،

داڭلاپ گېزىتتە،خەۋەر يازغانغۇ!»

 

«كۆلكا ،دانچىنكسا،سىلەرمۇ  بارمۇ؟

ۋۇي ، ھېبەم ئاكا، سىزمۇ كەلگەنمۇ ؟

ياشا! ئەزىمەتلەر،دېگەنتىڭىزغۇ ،

ئاخىرقى سۆزكەن بۇ، ئويلىمىدۇققۇ ؟

 

ئۆتتى ئون كۈنلەر،يەنە جەڭگاھتا،

ئىبراھىم پوستقا، ھەجەپ كەلمەيدا ؟

كىرىپ ناشتىغا،ئۇنى كۆردۇم ، ئاھ!

چىرايى سۇلغۇن،ھەسرەت قايغۇدا.

 

ئۇ دېدى: «تىكىپ، رىزۋانگۇل جېنىنى ،

ئوق يامغۇر ئىچىدە، قۇتقۇزدى جاننى.

ئاق قار ئۈستىدە، قىزىل گۆل كەبى ،

تۆكتى ئۇ قېنىنى ۋەتەن ئىشقىدا.»

 

چاقماق چاققاندەك زىمىن تەۋرىدى ،

يىپسىز مارجاندەك ياشلار تۆكۈلدى.

«رىزۋانگۇلدۇر گىرويگىروي قىزتى»دەپ،

باشلىق كونىكې بىزنى بەزلىدى.

 

دېدى ئىبراھىم،غۇلجا ماتەمدە،

تەكبىر ساداسى ھەر يۈز قەدەمدە.

بەيتۇللاھمۇ ئىغىر سۈكۈتتە ،

ئاي  – يۇلتۇز بايراق تاۋۇىت ئۈستىدە.

 

ناماز چۈشۈردى ئەلىخان تۆرەم،

دېدى ئۇ: «ئاياللار شېھىتلەر بۇدەم.

خەلپەم بۈزرۈكۋار تۇپراق بېشىدا ،

كەتمەنلەر تۇتاش بولدى ھەر قولدا.

 

ئېتىلدى ساليوت ھۆرمەت بىلدۈرۈپ،

قالدى ئىبراھىم ئۈنسىز ياش تۆكۈپ.

زىمىستان قىشتا، زىمىستان خەۋەر ،

توڭلىدى يۈرەك، تاپالماي مەلھەم.

 

ئەلۋىدا »دەپ قالغىنىمىز راستمۇ ؟ «

ئوڭۇممۇ ياكى غەپلەت چۈشۈممۇ ؟

رىزۋانگۈل مىنىڭ سەبدىشىمتىغۇ ،

مەكتەپداش ھەمدە يىتەكچىمتىغۇ ؟

 

ساقلايتتۇق ئۇنى ھەر كۈنى سەھەر،

كوچا دوقمۇشىدا  ئۇ كەلگەنگە قەدەر.

رىزۋانگۇل تەبەسسۇم ئەيلەپ،

چۇقۇرشاتتۇق چۈجەكەبي ئۇنى چۆرىدەپ.

 

باراۋەت كۈنى مەكتەپ بايرىقىنى،

تۇتۇپ رىزۋانگۈل سەپنىڭ ئادىدا.

ئۇ بىر »قوماندان» قەدەم ئىزىنى ،

ئىزلاپ ماڭاتتۇق قالماي ئارقىدا.

 

«ئۈمىد مەكتىپى» ئانا مەكتىپىم ،

مەكتەپنىڭ گۇلى ئىدى رىزۋانگۈل.

ئۇ ئۇرغاندا توپنى مۇسابىقىدا،

ئالقىش ياڭراتقان، سۇنۇپ دەستەگۇل.

 

ئوقۇشتىن يېنىپ،شەيتانچاق مىنىپ،

غۇيۇلداپ ماڭاتتى، سالاملار بېرىپ.

«بىردەم تۇرمامسەن»،دەپمۇ قالاتتىم ،

زەڭگەر باشنىسىغا،كۆزۇمنى تىكىپ.

 

نويابىر ئېيى قۇياش قوينىدا،

ئارمانلار بىلەن بولدۇق پىدائىي.

ياقۇپجان ساتراچ،دوختۇر ئاكامغا ،

يەتكۈزۈپ دورا، ئاتىلىپ »ئوغرى».

 

ئايدۇروم جېڭى، ھەرەمباغلاردا ،

يۈرگەن ئىدى ئۇ، پەرىشتە كەبى.

ئۈچ دەرۋازىدىكى،ئاشۇ ئۆيۈمگە ،

كىرگەن ئىدىغۇ،ئۇ بىر چولپان ئەينى.

 

رىزۋانگۇل  – ئۇ بىر لاۋۇلدىغان ئوت ،

ئۆچمەيدۇ پەقەت،ئۆچۈرمەيمىز ھىچ.

ئۇ قەھرىمان قىز، مىنىڭ مەبۇدەم ،

ئەۋلاد ياد ئېتىپ،ئالىدۇ  كۈچ!

 

ئۆتتى تالاي يىل، ئەجدادلار قىنى؟

ئەزىز تەنلىرى،تۇپراققا سىڭگەن.

قىنى ئۇ، جەڭگاھتا، داستانلار يازغان؟

كۆز ياشلىرىدىن، بۇلاقلار ئاققان!

 

ياد ئەتتۇق ئۇلارنى تۇنۇگۇن، بۇگۇن ،

يەتمىدۇق ئارمانغا، يا چىقمىدى ئۇ كۈن.

قېنى سەن دادا، ئەسلىمە يازغان،

گۇل تىزىپ قەۋرەڭگە، بارىمىز بىر كۈن.

ھاكىم تۇرسۇن سادىرۇفنىڭ«مەن ھەقدار بولغان ئىشلار»ناملىق ئەسلىمە كىتابىدا ئاساسەن  2021- يىلى ئاۋۇستىراليەنىڭ  مېلبۇرن شەھىرىدە  يېزىلدى.

جاۋاب يېزىش