ياۋروپادا قار ياغسا

   كۈندۈزئاي ھامۇت

ياۋروپادا قار ياغسا،
مامۇق يوتقان تەبىئەت.
خۇش بوپ كەتسە بەزىلەر،
بەزىلەردە مۇسىبەت.

ياۋروپادا قار ياغسا،
ئەسكە كېلەر بىر قىزچاق.
تاج كەيسىمۇ چۆچەكتە،
دەردى قالدى بوپ پىراق.

ياۋروپادا قار ياغسا،
قار مەلىكە كۈلەرمۇ؟
”سەرەڭگە ساتقۇچى قىز”
ئۇيغۇر قىزنى بىلەرمۇ؟!

ياغقان  قارغا قارىسام،
ئەسلىمەمدە بالىلىق.
مەشرەپ سالغان قارلىقلار،
دولقۇن ياسار ئىللىقلىق.

خاسىيەتلىك قارلارنىڭ،
ئەگىز سۈيى شىپالىق.
دىلى سۇنۇق كۈلقىزغا،
بەخت بېرەر ئازادلىق.

دانىيەنىڭ چۆچىكى،
ئىنسانلىققا يول ئاچتى.
لاگىردىكى بالىلار،
كىم، كىملەرگە تەلمۈردى؟!

سەرەڭگىنى ياندۇرۇپ،
ئىسىنماقچى بىر سەبى.
ھەر زۇلۇمدا مىڭ قىزچاق،
ئىزدىمەكتە نۇر،زەكى.

ياۋروپادا قار ياغسا،
بالا ئوينار تېيىلىپ.
قار بوۋايدىن خۇش كۈلۈپ،
مەڭزىلىرى قىزىرىپ.

يۇرتۇمدىمۇ بالىلار،
ئوينىماققا ھەققى بار.
كىچىك ياشتا ھەپسىدە،
خىيالىغا نېمە يار؟

ياۋروپادا قار ياغسا،
كۈلەلمەيمەن خاتىرجەم.
ۋەتەن تۇرسا توڭ قىشتا،
پەقەت ئاللاھ بېرەر ئەم.

2022-يىلى 1-ئاينىڭ 4- كۈنى

جاۋاب يېزىش