تېلىفون

( مېكرو ھىكايە)

رەنا غوپۇر

ئۇزۇن ساقلىغان بولساممۇ قارشى تەرەپ تېلىفوننى ئالمىدى.    

قارشى تەرەپ ؟ ھاھاھا….. ئۇنى قاچاندىن باشلاپ قارشى تەرەپ دەپ ئاتايدىغان بولىۋالدىم؟ ئايرىلغىنىمىزغا تېخى ھەپتە بولمىدىغۇ؟ بۇرۇن ئۇنى بۇ دۇنيادىكى مەن بىلىدىغان بارلىق چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئاتايتىمغۇ؟ « جېنىم» دىگەننى كۆپ ئىشلىتىدىكەنمەن راست. دائىم « ھەي جېنىم » دىسەم ، ئۇ « ھەي نى ئېلىۋېتىڭ » دەيتتى.

توغرا شۇ « جېنىم» تېلىفوننى ئالمىدى. بۇ نەچچە كۈندىن بېرى قانچە قېتىملاپ تېلىفون قىلغىنىمنى بىلمەيمەن….. يۈزنىڭ ئىچىدە ساناۋاتقاندا ئېسىمدە بار ئىدى. تېخى

ئاخىرقى قىتىم  سۆزلەشكىنىمىزدە ئۇرۇشۇپمۇ قالدۇق. مەن ئۇنىڭ دەرھال بىر قارار چىقىرىپ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى بېكىتىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ مېنىڭ ئۇنى قىستىماي تۇرۇشۇمنى، ماڭا چوقۇم جاۋابىنى بېرىدىغىنىنى دىدى.

         چوقۇم؟ چوقۇم دىگەن قاچان؟ چوقۇم ھىچقايسى تىلدا ۋاقىتنى ئىپادىلەيدىغان سۆز ئەمەس. ئۇ مېنى گەپتە يېڭەلمەيدىغىنىغا كۆزى يېتىپ « كەچۈرىسىز، تېلىفوننى قويىۋەتتىم » دىدى – دە، مېنىڭ ماقۇللۇقۇمنى ئالمايلا تېلىفوننى قويىۋەتتى.

     ئاچچىقىم قىرىق گەز ئۆرلىدى . « سەكسەنگە چىقتى » دەپ بىر تەسۋىرلەر بولىدىغان. ئۇ دەقىقىدىكى غەزىپىم ئاتموسفىرا قاتلىمىنى تېشىپ چىقىپ كەتتىمىكى. قەسەم قىلدىم –  خەپ، قاراپ تۇر، بىر ئاينىڭ ئىچىدە سەندىن نوچىدىن بىرنى تېپىپ تويۇمنى قىلمايدىغان بولسام، كاپىر بولۇپ كېتەي.

– ۋاقتىڭىز بارمۇ؟

شۇ زامات ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلغان،ئېسىمدە بارلىكى ئوغۇللارغا كوللىكتىپ ئۇچۇر قالدۇردۇم.  

«سىز ياردەم قىلمىسىڭىز بولمايدىغان جىددى ئىشىم بارتى» . شۇ كەچتىن باشلاپ ئۇچرىشىشلارنى باشلىۋەتتىم.

ۋاي، بۇ خەق نىمە بولغان خەق ھەي؟ بىرنى تۇتۇپلا تېگەي دىسەم ، يا كۆرۈمسىز، يا بىلىمسىز، يا ئەدەپسىز. بۇرۇنمۇ مۇشۇنداقمىتى؟

ئۇنى سېغىنىشىمنى باسالماي ئۆگۈنى كەچتە ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدىم. ئالمىدى. ماشىنا خوتۇننىڭ « ئۇچۇر قالدۇرۇڭ!» دىگەن بۇيرۇقى بىلەن « سالام ، نىمىشقا تېلىفون ئالمايسىز؟ ……» دەپ تاپا تەنىنى باشلىۋەتتىم.

بىرئازدىن كىيىن ئويلاپ باقسام بىرمۇنچە گەپنى ئۇنتۇپتىمەن. قايتا تېلىفون قىلىپ ئۇچۇر قالدۇردۇم. ئۇنىڭ ئەتىسى ساق 33 قېتىم تېلىفون قىلدىم . ئالمىدى. مەنمۇ تاپا تەنىدىن « ھەى جېنىم، بەك قىززىق ئىكەنسىز . مېنىڭ دىگەنلىرىمنىڭ قايسى خاتا…….» دىيىشكە ئۆتتۈم. ئاندىن ………… ئاندىن « جاننى ئالىدىغان ئىشىڭىز بولسىمۇ گەپ قىلىڭە…………»

كۈنۈم باشقا ئوغۇللار بىلەن ئۇچرىشىش ھەم ئۇنىڭغا تېلىفون قىلىش بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ. »  دىمىگەن ياخشى گېپىم قالمىدى. نەچچە يىغلاپمۇ ئۈلگۈردۈم . شۇندىلا ئىشەندىمكى، بۇدا راست ئايرىلىپ كىتىپتىمىز.

شۇندىمۇ يانماي تېلىفون قىلىپ ئەھۋالىمنى دوكلات قىلىپ تۇردۇم. مېنىڭچە ئۇ ئۇچۇرۇمنى ئاڭلاۋاتىدۇ، پەقەت ئازراق ئەدىۋىمنى بەرمەكچى بولدى، ھامان بىركۈنى تېلىفوننى ئالىدۇ..

ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى. ئەمدى ھىچكىم بىلەن كۆرۈشمىدىم. چۈنكى بۇ كۆرۈشۈشلەر ئۇنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئەمەس، ئۇنى بارغانسىرى سېغىندۇرىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا تېلىفون قىلىشتىن توختاپ قالمىدىم. تېلىفون ئىككى سايراپ ئېلىندى. يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالدى . ئۇنىڭ ماگىنىتتەك ئاۋازىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتىم. « ئەسسالام» ، بۇ بىر ئايال كىشى ئىدى. گەرچە بىرەر قېتىم سۆزلىشىپ باقمىساممۇ بۇ ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلدىم.  بۇ ئۇنىڭ ئايالى ئىدى.

نىمىمۇ دەرمەن دەپ بېشىم قېتىۋاتاتتى. قارشى تەرەپ ماڭا سۆز پۇرسىتى بەرمىدى. ئۇ ئاۋالقى ئۇچۇرلىرىمنىڭ ھەممىنى ئاڭلىغىنىنى، مېنى بەك ئوبدان تونۇيدىغىنىنى، مەندىن قانچىلىك نەپرەتلىنىدىغىنىنى …… سۆزلەۋېتىپ « ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئىككىمىز ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولىشىمىزغا ئۇ ئالدىراپ ماشىنا ھەيدەپ سېنىڭ يېنىڭغا ماڭغان يولىدا ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتتى. …..» دىمەسمۇ.

شۇنداق ، ئەمدى بۇ ئايالنىڭ مەندىن نەپرەتلىنىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. چۈنكى مەن ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم.

تامام.

جاۋاب يېزىش