يۈتتۈرۈش

ياشاپ قالاي ئەلنىڭ قەلبىدە

ئايگۈل ئالىم <تامچە>

چاقناپ ئۆچۈپ گاھى چېقىلىپ،

جىن چىراقتەك كەتمىسە ئۆمۈر.

بولسام رازى ئەل ئۈچۈن كۆمۈر،

ياشاپ قالاي ئەلنىڭ قەلبىدە.

مۇزلىغاندا بولايكى ئاپتاپ،

سالقىنداشقا بىر سەلكىن شامال.

سەھنىلەرنى قىلماستىن قامال،

ياشاپ قالاي ئەلنىڭ قەلبىدە.

كۈتكەنلىرىم ئەمەس شان- شەرەپ،

بەرسەم دەيمەن ئەلگە تېرىق نەپ.

تىللىساڭلار يەڭ تۈرمەيمەن «خەپ!»

ياشاپ قالاي ئەلنىڭ قەلبىدە.

.

كۈندە ئاچ-توق قالساممۇ مەيلى،

چارچىتالماس ھاياتنىڭ پەيلى.

ئۆلۈم ماڭا ئەل يۇرتنىڭ قەھرى،

ياشاپ قالاي ئەلنىڭ قەلبىدە.

2012-يىلى 17-نويابىر، ئاۋسترالىيە

جاۋاب يېزىش