گۈلنىسا ئىمىن شېئىرلىرىدىن

گۈلخان

چىرايلىق ھەسرىتىمسەن

چىرايلىق ھەسرىتىمسەن جېنىمدىكى،

چۆللەرگە كىرىپ كەتكەن تېنىمدىكى.

سېغىنىش ئەڭنى جۇل- جۇل باھار گويا،

سېنى دەپ تۇرۇپ قالغان يېنىمدىكى.

يۇلتۇزغا ئايلىنىسەن قولۇم يەتمەس ،

سېنىڭسىز ئاتمىقى تەس تېڭىمدىكى.

بىر قۇچاق پىراق بىلەن بىللە ياشاپ ،

يولۇڭدا ئويۇپ قالغان قېنىمدىكى.

بۇ كۈتۈش مەۋسۇمىدۇر شۇنچە ئۇزاق ،

بىر تال بىخ تىترەپ تۇرغان دېنىمدىكى ،

بەرىبىر سىرغىپ،  -سىرغىپ تۈگىشىمەن،

چىرايلىق ھەسرەت بولۇپ سېنىڭدىكى

ئاياللار تۇرمسى

كۈلۈمسىرەيدۇ قار ئىچىدىن ئاياللار تۈرمىسى،

يۈگۈرۈپ چىقار تاڭ ئىچىدىن،

يېرىلىپ قاناپ كەتكەن كىرلەش قوللار.

جىجىلايدۇ ئاپئاق قار ئۈستىگە،

ئاياللار تۈرمىسىنىڭ خەرىتىسىنى.

كۆزىدىكى ياشنى تۆككۈسى كەلمەيدۇ،

كۆتۈرمەكچى بولىدۇ بېشىنى،

قارىماقچى بولىدۇ قۇياشسىز ئاسمانغا،

سېغىنىشلىرىنى، ئەنسىرەشلىرىنى،

قورقۇپ جۆيلۈشلىرىنى،

كېچىدە ئويغۇنۇشلىرىنى،

دەپ بەرمەكچى بولىدۇ ئەشۇ تەرەپتىكى بىر ئىنسانغا.

جاۋاب يېزىش