«سەيياھلار ئىزىدىن » ناملىق كىتاب ئىمزالىق تارقىتىلدى

ئۆز مۇخبىرىمىز راھىلە كامال خەۋىرى

2021-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى شىۋېتسىيەدە  ياشاۋاتقان زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ تېخى يېقىندا نەشىردىن چىققان « سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى كىتابىنىڭ ئىمزالىق تارقىتىش مۇراسىمى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا ستوكھولمدىكى  ئۇيغۇرشۇناس شىۋىتلار، تەتقىقاتچىلار شۇنداقلا بۇ جايدا ياشاۋاتقان كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

مۇراسىمغا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇراسىمدا ئۇيغۇرشۇناش پاترېك ئەپەندىم ۋە مارگارېتا خانىملار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ستوكھولمدىكى جامائەت چوڭلىرىدىن فەرۇق ئاكا ، زۇلھاياتنىڭ دوستلىرىدىن راھىلە، بەختىنۇر خانىملارمۇ  ئۆزلىرىنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدىكى ئويلىغانلىرى، ھېس قىلغانلىرىنى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ ،زۇلھايات ۋە ئائىلىسىنى مۇبارەكلەپ، ئاپتور زۇلھاياتقا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن زۇلھايات خانىم بۇ كىتاپنىڭ يېزىلىش سەۋەبى، جەريانى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

« سەيياھلار ئىزىدىن» زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ  شىۋېتسىيىدە ياشاپ كەلگەن بۇ 10 نەچچە يىللىق ھاياتىدىكى ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ، جاپالىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ شېرىن مېۋىسىدۇر.

بۇ كىتابتا شىمالىي ياۋروپادىكى تىنچ ۋە گۈزەل دۆلەت — شىۋېتسىيە بىلەن يىراق مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىدىكى قەدىمىي دىيار — شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ۋە بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان تەكشۈرۈش-تەتقىقات نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ كىتابتا يەنە سۋېن ھېدىن، نىلس ئامبۇلت، فولك بېرىگمان، گۇستاف راكېت، گۇننار ياررىڭ قاتارلىق شىۋېت ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قېدىرىش، تەكشۈرۈش جەريانىدا توپلىغان زور ھەجىملىك قىممەتلىك ماتېرىياللىرى توغرىلىق تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلگەن. 1892-يىلىدىن 1938-يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، يېڭىسار، يەركەن قاتارلىق جايلاردا دىن تارقىتىش بىلەن شوغۇللانغان شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلار توپلىغان ئېتنوگرافىيەلىك ماتېرىياللار ھەققىدىمۇ بىر قەدەر ئىنچىكە مەلۇماتلار تەقدىم قىلىنغان. قىسقىسى، بۇ كىتاب ئۇيغۇرلار بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى زامان مەدەنىيەت ئالاقە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا، بولۇپمۇ شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا دائىر يازما ۋەسىقىلەر، ھۆججەتلەر، قوليازمىلار، رىسالىلەر، ئېتنوگرافىيەلىك ماتېرىياللار، شۇنداقلا روھ تارىخىمىزنىڭ بىزگە تېخى تولۇق مەلۇم بولمىغان ئىزلىرىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ماتېرىيال بولغۇسىدۇر.  

مۇراسىم ئاخىرىدا زۇلھايات خانىم كىتاب سېتىۋالغۇچىلارغا ئىمزالىق كىتابىنى تارقاتتى. ھاياجانغا چۆمگەن پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى زۇلھايات خانىمغا دەستە گۈللەرنى سوۋغا قىلدى.

جاۋاب يېزىش