ئادەملار بار

راشىدە ئابدۇسامېتوۋا

ئادەملەر بار سىرلىرىڭنى تىڭشايدىغان،
بىر ئۈرنىدە بىر تۈنىدە ساقلايدىغان.
ئىشەنگىنىڭ  ۋەدىلەرگە ۋاپا بولۇپ،
يېپىق قازان ئېچىلماستىن قالىدىغان.

ئادەملەر بار قوبۇل قىلار «بولارىڭنى»،
كۈزەت قىلماس ئۈستۈڭدىكى چاپىنىڭنى.
ئىشەش قىلغان يېرىڭدە موۋجۇت بولۇپ،
بىر سۆز بىلەن ئاقلار ئارتقان ئۈمۈدىڭنى.

ئادەملەر بار سېنى پۇلغا ساتمايدىغا،
قايغۇ-غەمدە چۆچىگىڭنى چۆرمەيدىغان.
بەختىڭ كەلسە خوشال بولۇپ ئورتاقلىشىپ،
سېنىڭ بىلەن تەڭ ھاياجان بولالايدىغان.

ئادەملار بار ئەل-يۇرۇت  غېمىن يەيدىغان،
تۇغان سېلىپ سۇنى سايغا باشلايدىغان.
كەتمەن چېپىپ پەرۋىش قىلىپ باغلارنى،
سايىسىدا كۆپكە ئۇسسۇلۇق بېرىدىغان.

ئادەملەر بار بەرسە مىننەت قىلمايدىغان،
خۇدا بولۇپ ئۆزگىگە سوت بولمايدىغان.
كۆڭلى دەرىيا ،مەرتلىگى ئېشىپ تاشقان،
قىلغان ئەتكەن ھىممىتىنى ساتمايدىغان.

ئادەملەر بار كۈلسە كۈنلەر ئېچىلدىغان.
بارى ئۇنىڭ ساڭا ئارام بولىدىغان.
ئادەملەر بار باش ئۇچىدىن «ئادەم» بولغان،
ژۈرگەن يېرى مايسە چۆپلەر ئۈنىدىغان.

. 2021 يىل
ياركەنت شەھىرىدە يېزىلدى

جاۋاب يېزىش