ئايال دىمەك، شىئىر دىمەك

ئامىنە ۋاھىت

دۇنياغا مۇھەببەت بىلەن باققان ھەر ئايالنىڭ ئۆزى بىر شىئىر سۆزى بىر شىئىر .  شۇڭا  قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆتكەن سان- ساناقسىز شائىرلار ئالدى بىلەن شىئىرىنى ئۇلارغا بولغان مۇھەببەت بىلەن باشلىغان.

شىئىر يۈرەكنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى پىنھان سىر ، لەۋلەرنىڭ يېقىملىق پىچىرلاشلىرى ، قەلىپتىن تېشىپ چىققان ھىسياتنىڭ قۇرلارغا تۈكۈلىشى . مىللەت ، دىن ۋە ئىرىق ئايرىمايدىغان ئىلاھى يېزىق . ئۇنى پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بىزگە يېزىپ بىرەلەيدۇ، ئەنە شۇلار بىزنىڭ سۈيۈملۈك شائىرلىرىمىزدۇر.

 بىر مىللەتكە نىسپەتەن ئۆزىنىڭ ئاياللىق نازاكىتى بىلەن ئاياللارغا ئەينەك ، ئەرلەرگە بولسا ئۆرنەك بۇلالىغۇدەك شائىرەسىنىڭ بولغىنى كاتتا نىئمەت . بۇلۇپمۇ بىزدەك ئۆز ۋەتىندىن ، ئۆزىنىڭ تىلى ۋە يېزىقىدىن ئايرىلىپ يات مۇھىتلاردا ، يات تىل بىلەن ياشاۋاتقان مۇساپىر مىللەت ئۈچۈن ئۆز تىلى بىلەن  ئەدەبىياتىنى ياشنىتىۋاتقان  ئازغىنە شائىرلارنىڭ بۇلىشى ناھايىتى قىممەتلىكتۇر .

 ھاياتىدا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىنمۇ سان- ساناقسىز تىراگىدىيە ۋە گۈزەللىكىگە تۇيۇنغان بىر پارچە شىئىر ئىكەنلىكىنى تۇنۇغان ئايال – ھەقىقىي شائىر بۇلىدۇ.

دەۋرىمىزدە ئۇيغۇر ئاياللىرى ھايات بىلەن مامات ، مەدەنىيەت بىلەن كۆلەڭگە ، يېڭىلىق بىلەن ئەنئەنە ئوتتۇرىسىدا تۇلىمۇ تىڭىرقىماقتا . ئەنە شۇ تىڭىرقاش  ئاياللارنى غېرىپسىنىش  ، ۋاز كېچىش  ،  مەخپى سېغىنىش ، ئېچىنىش ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ ، ئۇلارنى روھى سىقىلىشقا ، رىئاللىقتىن رەنجىشكە ھاياتتىن ئۈمىتسىزلىنىشكە مۇپتىلا قىلماقتا. ئەنە شۇ ئۈمىتسىزلىنىشنىڭ ئىچىدە ئۆز مەسئۇلىيتىنى تۇنۇغان ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن لەۋلىرىنى چىشلەپ ، تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى ۋە ئېغىر خىزمەتلىرىدىن ئېشىنغان دەم ئېلىش سائەتلىرىدە قۇلىغا قەلەم ئالغان ئازغىنە ئاياللىرىمىز بىز ئۈچۈن تۇلىمۇ سۈيۈملۈك .

راھىلە كامال ئەشە شۇنداق سۈيۈملۈك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى . ئۇ گۈپۈلدەپ تۇرغان ئاياللىق يۈرىكىنى ، خىياللىرىمىزغا خىيال قاتالىغان تاتلىق مىسرالىرىغا تىزسا، قەلبىمىزنى ئەسىر قىلغان چۇڭقۇر پىكىرلىرىنى ئاددى ئىبارىلەر بىلەن يېزىپ،  خىياللىرىمىزنى ، كەچمىشلىرىمىزنى بىزگە شىئىرى جۈملىلەر بىلەن بايان قىلىپ بەرمەكتە. قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر يەرلىرىگە يۇشۇرغان سىرلىرىمىزنى بولسا ئاياللىق نازاكىتى يۇشۇرۇنغان رومانتىك شىئىرلىرى بىلەن تەقدىم  قىلماقتا.

راھىلە كامالنىڭ شىئىرلىرى  ۋۇجۇدىمىزدىكى چاڭقاقلىققا ، روھىيتىمىزدىكى قۇرغاقلىققا نەمخۇشلۇق ئېلىپ كىلدىغان بۇلاقتەك شىلدارلاپ تۇرىدۇ. ئۇ بەزى شىئىرلىرى ئارقىلىق ئۆز كەچمىشىنى ، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيەتنى ، سۆيگەنلىرىگە ، ئانا ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتىنى ناھايىتى ئوبرازلىق بايان قىلىپ بەرگەن . ئۇقۇغان كىشى ئۇتلۇق ھىسياتلار بىلەن يېزىلغان شىئىرى مىسرالار ئارقىلىق ۋەقەلىكتە ئىپادىلەنگەن پۈتۈن بىر جەرياننى بىلەلەيدۇ .

………..

1945- يىلدىكى كۆك ئاسماندەك بالىلىقىڭىزنى،

1970- يىللاردىكى چەيلەنگەن ياشلىقىڭىزنى،

1980- يىللاردىكى نامراتلىققا قىلغان كۆرەشلىرىڭىزنى،

1990- يىللاردىكىمىنى ئالى مەكتەپكە ئۇزاتقاندىكى ھاياجېنىڭىزنى،

2000- يىللاردىكى باغرىڭىزدىن ئايرىلىپ كەتكىنىمدىكى ھىجرانىڭىزنى

2018- يىلىدىكى ئۆلۈك تېلفۇنلار ، ۋەھىمە، ئەنسىرەش، سېغىنىشلارنى ،

18- دېكابىردىكى قارلىق كۈننى

………..

 ئۇنىڭ » كامال كەتتى » ، » لەيلانىڭ ئۈچ شىئىرى»، » تۇنجى مۇھەببەت»، » مەھەللە ناخشىسى» ، » دادام » قاتارلىق شىئىرلىرى ئەنە شۇنداق يېڭىچە ئۇسلۇپ بىلەن يېزىلغان شىئىرى ئەسەر بۇلۇپ، بۇلارنى شىئىر دىگەن كۆرە شىئىرى پوۋسىت ياكى شىئىرى ھىكايە دىيىش تېخىمۇ توغرا بولسا كېرەك . ۋەقەنى شىئىرغا ئايلاندۇرۇش راھىلە كامالغا  خاس بولغان شىئىر يېزىشتىكى  بىر يېڭىچە ئۇسلۇپ بولسا كېرەك.

راھىلە كامالنىڭ  يەنە بەزى شىئىرلىرى خىيالى تەسەۋۋۇر بىلەن تۇيۇنغان بۇلۇپ ئۇقۇغۇچىنى  ئختىيارسىز چۆچەك دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ . مەسلەن «كىلىڭ يۇلتۇزلارغا ئايلىنىپ كىتەيلى » دىگەن شىئىرى بولسۇن ياكى » پەيدالىقتىن غايىپلىققا» ۋە ياكى » سۇنىڭ كۆزى»، » سىنىلا يازدىم»، » ئىسىمدە ساقلايمەن » دىگەن شىئىرلىرى بولسۇن  سىھىرلىك چۆچەكلەر دۇنياسىدەكلا تەپەككۈرىمىزنى تاتلىق خىياللار دۇنياسىغا باشلايدۇ . بۇخىل يېزىش ئۇسلۇبىنىمۇ شىئىر يېزىشتىكى  بىر  خىل يېڭىچە ئۇسلۇپ دىيىشكە بۇلىدۇ.  

 راھىلە كامالنىڭ  شىئىرلىرىدىكى ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدىغان بۇ خىل يېزىش ئۇسلۇبى ۋە ۋەقەلىكلەرنى شىئىرلاشتۇرۇش جەريانى ھەقىقەتەن كىشىگە ھۇزۇر بىرىدۇ.  تىل جەھەتتىكى يىنىكلىك ، قۇرۇلمىنىڭ ئاددىيلىقى ئادەمگە راھەتلىك بېغىشلايدۇ. 

بۇنىڭدىن سىرىت راھىلە كامالنىڭ يەنە نۇرغۇن شىئىرلىرى بۇلۇپ ، ئۇ قەلبىدىكى پۈتمەس – تۈگىمەس مۇھەببەتنى ، ھەسرەتنى ، گۈزەل تەبىئەتنى ، ئىنسانلىق ئالىمىدىكى ئەڭ ئىنىچكە ھىسياتلارنى ئۆزىنىڭ شىئىرلىرى ئارقىلىق تەسۋىرلىگەن . ئۇنىڭ شىئىرلىرى يالغۇز قەغەز ئۈستىگە يېزىلغان مىسرالار بولماستىن چاڭقىغان يۈرەكلەرگە تامچىقان ئابى ھاياتتەك ساپ ۋە سۈزۈك.

……………

ئەللىك يىل ئۆتتى تىترىمە ئايال !

كەچكىنى يىللارمۇ ياكى قىسمىتىڭ.

قەلبىڭدە بار ئىدى گۈزەل بىر ئارال،

ھەقىقەت ئىستىدىڭ ، سۆيگۈ ئىستىدىڭ .

كۈمۈشرەڭ چاچلىرىم تىترىمە بولدى!

سېغىنىش ، سېغىنىش سىنىڭدىكى ھال.

………..

مانا بۇ مىسرالار:

قەلبى سېغىنىش ۋە ھىجران بىلەن ئۆرتەنگەن بىر ئايالنىڭ ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلاشلىرى.

»»»»»

كېلىڭ، تېزراق كېلىڭ، بىرىمەن سىزگە

كۆزۈمدە كۆيدۈرۋەتمەي ئاۋايلاپ ساقلىغان،

بىر تال يۇلتۇزنى

كىچىمىزنى يۇرۇتماق ئۈچۈن.

بېرىمەن سۆيگۈگە ئاتىغان ، لوڭقىغا سالمىغان

بىر تال گۈلۈمنى

كۆزلەردىكى ياشلارنى قۇرۇتماق ئۈچۈن.

يەنە بىرىمەن

تەشتىكىمدىكى، يۇلتۇز كۆزلۈك

سۇمبۇل چاچلىق ، گۈزەل شېئىرنى ،

بىزنى ھاياتقا قالدۇرماق ئۈچۈن.

دىگەن مىسرالار بولسا ئۆزىنى ھاياتقا باغلاپ تۇرغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىتلىرى بىلەن مىسكىن قەلىپلەرگە تەسەللىي بىرىۋاتقان ، ئۈمىت شامىنى ياندۇرۋاتقان ئايالنىڭ يۈرەك سادالىرىدىن ئىبارەت.

جاۋاب يېزىش