شېئىرلار

 راھىلە كامال

            

تەلپۈنۈش

شۇنچە لىۋەن ،ئەتىۋارلىق يار،

بوسۇغامنى دەسسەپ تۇرمىغىن.

 زارىققانمەن ۋەسلىڭگە شۇنچە،

يۈرىكىمگە خەنجەر ئۇرمىغىن.

ھەققە قايتىش قىيىنمۇ شۇنچە،

بۇ قاپقارا ،قورقۇنچلۇق چۈش.

غايىپتىنمۇ سېنىڭ قۇدرىتىڭ،

قۇرئان كەبى ئاسماندىن چۈشۈش.

ئېرىتىپ قويغىن ياشلىرىنى ھەم،

ساڭا تارتۇق بولغان يۈرەكنىڭ.

ئەجەپ رەھمىڭ كەلمىدى تەڭرىم،

ياكى قەدرى  يوق بۇ تىلەكنىڭ.

بىز ئايرىلدۇق ساناقسىز يىللار،

دىلدا كۆيەر سەن سالغان مېھىر.

رەنجىسەممۇ، قاقشىساممۇ گەر،

بار سېنىڭدە قۇدرەتلىك سېھىر.

ئېرىمەكتە سەن يازغان تارىخ،

ئېرىپ كەتسۇن ھېجرانمۇ ئاستا.

ماڭا باققان مىسكىن يۈزۈڭدىن،

بالقىپ تۇرار بىر نۇر، بىر زىيا.

قوڭغۇراق ئۈنى

زىل ھەم لەرزان قوڭغۇاق ئۈنىنى،

ئاڭلايمەن بەزىدە چۆچۈپ يا كۈلۈپ.

بىلمىسەم ئەڭ نازۇك ،نازۇك ئۈنىنى،

ئەڭ نەپىس جىغىلداش كېتەر يوقۇلۇپ.

كۆرگەندەك بولىمەن لەرزان ئاھاڭدا،

مەن تامان سوزۇلغان بىر نۇرلۇق قولنى.

كىم ئۆزى كۆرمىدىم سىرلىق چېھرىنى،

يەنىلا كۆرمەسلىك لازىم بىر يولى.

يېنىمدا سايرايدۇ ئوماق بۇلبۇلۇم،

شۇ نەپىس ئاھاڭدەك تىترىتىپ مېنى.

ئاھ شۇ يۇمران ئالقىنى بىلەن،

دەھشەتلەر ئىچىدىن ساقلار جېنىمنى.

قوڭغۇراق ئۈنىدىن تۆكۈلەر مىنۇت،

قالمايدۇ سائىتىم شۇندىمۇ توختاپ.

ئاشۇ ئۈن ئىچرە قايغۇ ،شادلىقىم،

مەڭزىمدە چاقنايدۇ بولۇپ زەر ئاپتاپ.

                           
<

جاۋاب يېزىش