شېئىرلار

راھىلە كامال

توي بارغىقى

قاناتلىرى ئاپئاق بەك ئاپئاق،

بىر قۇش كەلسە ئۇچۇپ بۇ ياققا.

تىترەپ كېتەر جىمى نازۇكلۇق،

يۈرىكىنى يېقىپ بىر ئوتقا.

توينىڭ چۈشى قۇشنىڭ پەرۋازى،

قۇش سىياقتا تور بارغىقى ھەم.

بارغاق دەسلەپ تىترەڭگۈ كۆكرەك،

ئۇلۇغ قىزغا ئايلىنار بۇ دەم.

قىز قۇش دىمەك، قۇش ئۆزى بىر قىز،

خىيال قىزدۇر،قىز پۈتمەس خىيال.

قۇش خىيالغا، خىيال قىزغا ئايلىنار بەك تېز،

توي بارغىقى بولالماس ساختا.

رېڭى دەردتۇر، تېگى مۇھەببەت،

قاناتلىرى ئاپئاق بەك ئاپئاق.

بىر قۇش كەلدى ئۇچۇپ بىز تامان،

قېنى شۇنى قوغلاپ تۇتقۇدەك.

كىمنىڭ قولى ھەممىدىن چاققان،

چارىسىزلىق

نىچۈن ساڭا كۆرسىتەلمەيمەن ،

نۇرلۇق قۇياشنى؟

نىچۈن ساڭا كۆرسىتەلمەيمەن،

باھاردىكى يۇمران گىياھنى؟

دۇئايىم

سۆيۈپ قانمىغان كۆك رەڭ بار، دىدى،

كۆيۈپ ئۆچمىگەن كۆك دەرد بار، دىدى،

كۈيلەپ ھارمىغان كۆك جەڭ بار، دىدى،

كۆكتىن ماڭا باقارسەن!

تاغلاردا ئاللاھنىڭ جامالى بار، دىدى،

ئەزان پەيتىدە تىلەكنىڭ كامالى بار، دىدى،

باغلاردا قۇشلارنىڭ ناۋاسى بار، دىدى،

خىسلەتلەردىن ماڭا ئاقارسەن!

بۇلاقلاردا ئاشىقنىڭ كۆزى بار، دىدى،

ۋىسالسىز سۆيگۈنىڭ سۆزى بار،دىدى،

مۇھەببەتنىڭ پەردازسىز يۈزى بار، دىدى،

ھىجرانلاردىن ماڭا قالارسەن!

ئوتتا شەيتاننىڭ سىماسى بار،دىدى،

يا رەب! شەيتاننىڭمۇ لىباسى بار،دىدى،

ۋە لېكىن كۆيگەن يۈرەكنىڭ زىباسى بار، دىدى،

زىبالاردىن ماڭا يانارسەن!

ناخشا

ئىھ! ناتونۇش قەدىرلىكىمسەن!

سېنى كۈتۈپ ياشىدىم ئۇزاق.

ئۇچراشمىدۇق، ئۇچراشتۇق بەلكىم،

كۈتۈش ئىكەن ئەسلىدە شۇنداق.

ياپراقلارنىڭ شىلدىرى كەبى،

ئاتا قىلدىڭ مەيىن بىر قاراش.

بولۇپ قالدىم مۇڭلۇق، خىيالچان،

قەدىردانىم مەن ساڭا ئوخشاش.

بىر ناخشىنى بىلىمەن تولۇق،

ئېيتالمايمەن ئەمما بىمالال.

يۈرىكىمدە ھەردەم جاراڭلىق—

چىقماس ئۈنۈم ئەپ قاچار شامال.

يۈكسەكلىك

چۆكمەيمەن سىلەرگە ھارغىن يۇلتۇزلار،

نىجاتلىق تىلىكىم بولسا پەرىشان.

يۇلتۇزلار جىلۋەڭلار بولسىمۇ خىرە،

مېھرىمدىن نۇر بېرىپ باقىمەن ھامان.

تۇتقۇنغا ئايلانماس قەيسەر يۈرىكىم،

شاھلىقىم قولۇمدىن كەتمىدى ئۇچۇپ.

بىر مېنى ياقتۇرغان ئاپئاق كېچىلەر،

ئىشقىمدىن قۇياشقا قويار نۇر توقۇپ.

تىۋىنغان تەلۋىلىك يۈتسۇن غەزىپىڭ،

كەچۈرۈش گۈزەلدۇر،كەچۈرمەسلىك ھەم.

بوپ قالغىن شۇ خىلۋەت ساھىلغا تارىخ،

دىل ئازار يىمىسۇن مۇقەددەس ئەتەم.

جاۋاب يېزىش