راھىلە كامال شېئىرلىرى

ئاسمان رەڭلىك دىلبەر ئىدى

ئاسمان رەڭلىك دىلبەر ئىدى،

قىزىللارغا بوياشتى.

سەرۋى بويى  ئەنبەر ئىدى.

بەدبۇي قىلماق بولۇشتى.

چېھرى گۈزەل قەمەر ئىدى.

داغلار بىلەن ئۇلاشتى.

جىسمى كۆپكۆك مەرمەر ئىدى.

ئۇردى، چاقتى، كولاشتى.

سۇمبۇل چېچى  خەنجەر ئىدى.

پارچە قىلىپ بۇلاشتى.

 يىگانىسەن

سېنىڭ باشقا ئوخشىشىڭ بارمۇ!؟،

يىگانىسەن  خىياللىرىمدا.

مەن  نادان قىز ئاداققى سەھەر،

ئۇزاپ كەتكەن باغرىڭدىن  ئاستا.

چالمىساممۇ ياكى مۇڭلۇق كۈي،

تىلەپ قالدىڭ ئاق يولنى ماڭا.

ئىشقىم بىلەن بېرەرمەن ئېيتىپ،

چاك يېرىلغان باغىرلىرىمغا.

مەغرۇرلۇقۇم، گۆدەكلىكىمنى،

جېنىم بىلەن قالدۇرغان ساڭا.

مەغرۇرلۇقۇم سەن بەرگەن غۇرۇر.

نادانلىقىم ئالدىمدا تۇرۇر.

تىتىلماق ھالالدۇر سەنسىز راھەتتە،

نە قالدى ئىلكىمدە ھېجراندىن بۆلەك.

بىناۋا قۇشلارنىڭ پەرۋازى يوقمىش،

بۇ ھىجران ھەسرىتى يۈرەككە ئوقمىش.

بۇلۇتلار تىترەيدۇ تۆكەلمەي ياشىن،

بۇ كىمنىڭ ھەسرىتى، ئازابى ئاخىر؟!

كەتمەكنىڭ  بەدەلى بۇنچىمۇ ئېغىر؟!

بىر يېنىپ ئۆچمەكمۇ، يانماقمۇ ياپىر!؟

ئۆزۈمگە قايتىپ ساڭا چۆككەندە،

سېنىڭ ئالدىڭدا مەن ئۆزۈم ئەمەس،

ئاھ يۇلتۇزلار نۇرىن تۆككەندە،

كۆز قىسىشى تاڭدا يۈتكەندە،

بىلىپ قالدىم مەن ئۈچۈن ئەمەس،

شامالدەك ئۇچۇپ كەتتىمكىن دىسەم،

ئاداشتىممۇ ئۆزۈمدە ياكى!؟

ئۆزگە بىر جەننەتكە يەتتىمكىن دىسەم……

ئاداشتىممۇ سۆزۈمدە  ياكى!؟

سىم -سىم يامغۇردەك تۆكۈلدۈم دىسەم…

ئاداشتىممۇ كۆزۈمدە ياكى!؟

تىزىمنى قۇچاقلاپ پۈكۈلدۈم دىسەم..

زەڭگەر ئاسمانغا يۈكۈندۈم دىسەم..

نامەرتتە نە غۇرۇر، نە قەھرىمانلىق،

زالىمدا نە سۆيگۈ ، نە مېھرىبانلىق،

ئاللاھنىڭ بۇيرىغان بىر كۈنى چوقۇم—

جازاسى، غەزىبى تاشار ئۈستىگە.

زىمىننىڭ نەپرىتى ياغار ئۈستىگە.

بەدبەخنىڭ قولىدا قايرىلغان قىلىچ،

پاتىدۇ ئۆزىنىڭ تۆمۈر قېپىگە.

سېنى ئەسلەيمەن، ئەسلەپ ئۆلىمەن،

ئەسلەپ ئۆلگەچكە كۈلۈپ ئۆلىمەن.

بويۇڭنى، خۇيۇڭنى كۈيلەپ ئۆلىمەن،

سەن كۆيگەن زىنداندا يۈرۈپ ئۆلىمەن.

جاۋاب يېزىش