شېئىرلار

                         

راھىلە كامال

قىزىم خاتىرىسىگە

دېرىزەم تۈۋىدە تىنمايدۇ يامغۇر،

شۇ قەدەر ئۆكسۈپ يىغلار يۈرىكىم،

كەل قىزىم، بېشىڭنى مەيدەمگە قويغىن.

ئۇنۇتما يامغۇرلۇق بۇ ئۇھسىنىشلار،

كۆڭلۈڭنىڭ قېتىغا مەڭگۈلۈك ئويغىن.

قارايسەن كۆزۈمگە قويۇسەن سوئال،

يىغلاڭغۇ ئاپام دەپ قالدىڭ ئېھتىمال،

بۇ قانداق پەيتلەر بىلمەيسەن قىزىم،

يامغۇرلۇق تۈنلەردە چىقمايدۇ ھىلال.

بىر كۈنى چوڭىيىپ بولىسەن سەنەم،

.تولمىسۇن چىرايلىق كۆزلىرىڭگە نەم

پەرۋاز قىل كۆكلەردە ئەي ئوماق ئەركەم !؟

شۇ چاغدا بىلىسەن ئاناڭ دىلىنى.

كۆز يېشى ، ھەسرىتى ، ئارمانلىرىنى،

ئاقتۇرساڭ قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىنى،

.تاپىسەن ئاناڭنىڭ ھاياجىنىنى

ئىككىمىز بىر جاندىن تۆرەلگەن ۋۇجۇد،

.مەندە بار ھەممىسى سەندە تېپىلار

پەقەتلا ياشىغان دەۋرىمىز باشقا،

.ئۆتمۈشتىن كەلگۈسى چىقار ، يېيىلار

ئىككىمىز بىر روھتىن يارالغان ئايال،

.بىر ئىشقا تەلپۈنسەك بىر ئىشتىن بىزار

قورقىمىز گۈزەل نەرسىلەرنى ھالاك قىلىشتىن،

.ۋىجدانسىز ياشىساق يۈزلەر قىزىرار

يامغۇرغا قېتىلغان تامچە ئىككىمىز،

كىم كۆز ياش ، كىم يامغۇر بىلەلمەس ھېچكىم !؟

بىلمەكلەر گۈللەرنىڭ قەترىگە باقسۇن،

سۈپ – سۈزۈك يالتىراپ چاقنايمىز قىزىم !؟

ئىزدىدىم  سېنى

بەزىدە  ۋەسلىڭنى  كۆرسىتىپ  غىل پال،

ۋە  گاھى  ئىشقىڭدا  تىترىتىپ  غال غال،

بوزلىغان  بىر  ئۈنگە  مۆكتۈڭ  ئېھتىمال،

ئىزدىدىم ، نەدە  سەن  ئېھ  سۆيۈملۈك  يار !؟

كىرپىكىڭ  نۇر  كەبى  تۆكۈلەر  تال – تال،

زۇلپۇڭمۇ  ئۆزگىگە  ئوخشىماس ، بىر  تال،

ئاھ  ساڭا  كۆيمەسكە  بارمۇ  يا ئامال!؟

ئىزدىدىم  نەدە  سەن  ئېھ  سۆيۈملۈك  يار !؟

كۆرۈنمەس  بىر  ئۈمىد  قىلىدۇ  پال- پال،

كۆرسەتكىن  سەن  ئۇنى  ئۆزۈڭدىن  ئاۋۋال،

بولماسمۇ  بىزگە  ھەم  تەڭسىزلىك ،ئۇۋال،

ئىزدىدىم   نەدە  سەن ئېھ،  سۆيۈملۈك  يار!؟

قىلمىدىم  سەبرىمنى  زورلۇقتا قامال،

تاشلىغىن  بىر نىگاھ ، كۆرسەتكىن  جامال.

بۇ  قىسقا  ئۆمۈرنى  قىلمايلى  مالال،

ئىزدىدىم  نەدە  سەن ئېھ  سۆيۈملۈك  يار!؟

يوپۇرماق

يالاڭاچ كائىنات كەتمە ئاھ ئۇرۇپ،

مەن بىر تال يوپۇرماق مەۋجۇدمەن بۇ تاپ.

تىترىگەن تېنىمنى قالدىم يوشۇرۇپ،

ياش بىلەن نەملەنگەن كۆزۈڭدە پارلاپ.

كۆزلىرىڭ كۆرەلمەس چاقناشلىرىمنى،

كۈيۈمنى ئاڭلاشنى بىلمەيسەن ئوڭشاپ.

كۈندۈزگە سوزۇلغان ئەۋرىشىم قولۇم،

كېچەڭنىڭ قوينىدا قالدى يالتىراپ.

تۇرىسەن ئۈنتىنسىز ئۆزۈڭگە بېقىپ ،

مەن بىر تال ياپراققا ئوخشاش شۇقەدەر.

ئاھ بۇ دەم نىمە دەر كۆڭلۈڭ ئىستىكى،

ئوت يېقىپ قويغاندەك ئۇپۇققا قەدەر.

ئاددىي بەك ئاددىي بىر تال يوپۇرماق،

پەرىشان قەلبىڭنى قۇچاقلاپ ياتقان،

ئاددىي بەك ئاددىي بىر تال يوپۇرماق،

ساپسېرىق يالتىراپ تۇرىدۇ ھەرۋاق.

جاۋاب يېزىش