يىڭىچە ئۆمۇت، روھىي ئوزۇق

ئۆز مۇخبىرىمىز ئالتۇن ئارتۇش خەۋىرى

          بوۋاق ھالەتتىكى «دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى» نىڭ دادىل قەدىمىنىڭ مېۋىسى بولغان ، ھەر ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان  تور مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى 2021 -يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۆتكۈزۈلدى . يىغىن ۋاقتى 90 مىنۇت قىلىپ بېكىتىلگەن بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ قاتناشقۇچىلارنىڭ بەس – بەستە پىكىر بايان قىلىشى ۋە يىغىندىن ئايرىلىشقا  قىيالماسلىقى سەۋەبىدىن ئۈچ سائەتكە سوزۇلۇشى بۇ يىغىنىننىڭ قانچىلىك قىزغىن ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.

            بۇ قېتىمقى يىغىندا ياش، تالانتلىق يازغۇچى رەنا غوپۇرنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى . رەنا غوپۇر قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە « باھارغا خەت »،«تاشلاندۇق چۈش » ، « پارىژدىكى مۈشۈك » ، « توقالنىڭ قولى »، « تىۋىشسىز پاكىت » قاتارلىق كىشىگە زوق ئاتا قىلىدىغان  ھېكايىلىرى ، شۇنداقلا يەنە باشقا ژانىردىكى رەڭدار ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتە يۈرەكلىرى پۇچىلانغان ، روھى قاغجىراپ كەتكەن كىشىلىرىمىزنى مەنىۋى جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇپ  كېلىۋاتقان ئىشتىن سىرت يازغۇچى . ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە پروگرامما مەزمۇنىنىڭ چىنلىقى ۋە رەڭدارلىقى بىلەن ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا ، ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر تىلىدىكى « ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى » نىڭ قابىلىيەتلىك ياردەمچىسى ۋە رىياسەتچىسى ئىدى.

       مۇھاكىمە يىغىنى ئاساسلىقى رەنا غوپۇرنىڭ بىر قانچە ھېكايىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلدى . ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تور ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشقان خېلى كۆپ بىر قىسىم يازغۇچى ، شائىرلار ، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە قىسمەن ئوقۇرمەنلەر رەنا غوپۇرنىڭ ئۆز ئاغزى ئارقىلىق ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى ئازاپ – ئوقۇبەتلەر ، قىيىنچىلىقلار ، جاپالىق تەر تۆكۈشلەر ، بەخت ، خۇشاللىقلاردىن خەۋەردار بولۇشتى . كۆپچۈلۈك  رەنا غوپۇرنىڭ جاسارىتىگە ، تېز پۈكمەس روھىغا ، تىرىشچانلىقىغا ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىشتى ھەمدە يازغۇچىغا بولغان قايىللىقى تېخىمۇ ئاشتى.

        يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ يازغۇچىنىڭ ھېكايىلىرىگە بەرگەن باھالىرىنى تىلشۇناس ، ئۇيغۇر ئۈچۈن تىنىمسىز ، مىننەتسىز كۈرەش قىلىۋاتقان ئاكتىپ  پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بەرگەن باھاسى ئارقىلىق يىغىنچاقلاپ ئىپادىلەپ بېرىشنى لايىق كۆردۈم:

رەنا غوپۇرنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ تىلى ئاددىي ، ساپ ، ناھايىتى يەڭگىل ، ھەجىم جەھەتتە قىسقا بولۇپ ، ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويمايدۇ. دىئالوگلىرى ئۆزگىچە بولۇپ ، تەبىئىي ، جەلپ قىلارلىق . بىر قىسىم ھېكايىلىرى چىن رېئاللىقنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن بولسا ، يەنە بىر قىسىم ھېكايىلىرى رېئاللىققا جەڭ ئېلان قىلغان . سادىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسىراتلىرىمۇ خۇددى رەنا غوپۇرنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا ئۆزگىچە بولدى.

      يىغىندا يەنە رەنا غوپۇرغا بولغان ئۈمىدلەر، تەكلىپ  پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى . ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان سەنئەتكار شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى رەنا غوپۇرغا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىدە  ھەرخىل تۈردىكى سەھنە ئەسەرلىرى ، كىنو سىنارىيىسى يېزىپ بېقىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، ئۇنىڭ بۇ تەكلىپى مۇھاكىمە يىغىنىنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى، ھەر كىم بۇ توغرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

      ئۇنىڭدىن باشقا ، يىغىندا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىش ، ئىقتىدارىنى قېزىپ چىقىرىش ۋە نامايان قىلىش ، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئۈمىد ، جاسارەت ئاتا قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان « دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى » گە بولغان تەكلىپلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى . ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي ، پىدائىيلىق بىلەن « ئىزدىنىش» تور ژۇرنىلىنى چىقىرىۋاتقان پروفېسسور مۇرات ئورخۇن بۇ بىرلىكنىڭ قۇرغۇچىسى ، ئىستىداتلىق يازغۇچى دىلدار ئەزىز خانىمغا مۇمكىن بولسا خىزمەت دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ، مەخسۇس ئاياللار ژۇرنىلىدىن بىرنى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلدى . ئەلۋەتتە ، ئىزچىل ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى بىلىپ كېلىۋاتقان ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ ھايات نىشانى قىلغان دىلدار ئەزىز خانىمنىڭمۇ  كەلگۈسىدىكى خىزمەت پىلانلىرى كۆپ ئىدى..

     بۇ تور مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ، رىياسەتچىسى دىلدار ئەزىز خانىم ۋاقىت پەرقى سەۋەبىدىن يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى قاتناشقۇچىلارنى نەزەردە تۇتۇپ يىغىننىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى ئېيىتتى ھەمدە 8 – ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىلەر  قېتىملىق ئەدەبىيات  مۇھاكىمە يىغىنىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرە راھىلە كامال خانىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

     بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماڭا ( ئىشىنىمەن ، باشقىلارغىمۇ ھەم ) قانچىلىك دەرىجىدە ئىلھام بەرگەنلىكىنى ، ئويلىمىغان دەرىجىدە تۈرلۈك بىلىملەرگە ئىگە قىلغانلىقىنى ، ھاياجانلاندۇرغانلىقىنى ۋە ئۆزۈمنى تېپىۋېلىشىمدا قوزغاتقۇچ رول ئوينىغانلىقىنى ئىنچىكىلەپ  سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن ، پەقەت مۇھاجىرەتتىكى ئىلىمسۆيەر ھەمشىرىلىرىمنىڭ  « دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى » نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى ھەر ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان بۇ تور دەرسلىرى ، تور مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ مېنىڭ يۇقىرىدىكى ھېسسىياتلىرىمنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. چۇنكى ئىنسان مەيلى ئۇ نەدە بولمىسۇن، پەقەت ئۆمۇت بىلەنلا ياشنىيالايدۇ.

جاۋاب يېزىش