«تاشلاندۇق چۈش «كە

—- رەنا غوپۇرنىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن

   
     كۈندۈزئاي ھامۇت


«تاشلاندۇق چۈش”ئىدى ئەسلى تاشلانمايدىغان،
ئاچچىق رېئاللىق ئۇ يەنە ئۇنتالمايدىغان،
يۈرەكلەرنى تىلغاپ قايتا قاناتقان،
خورلۇقنىڭ فورمۇلاسى ئۇ،خىتاي ياراتقان.

«تاشلاندۇق چۈش ”تە بار بىر قىزنىڭ پاجىئەسى،
ئەمما تەمسىل ئۇ مىڭ ئۇيغۇر قىزىغا،
چۈنكى كۆز-قۇلاقلار شاھىت بولدى،ئېغىزلار جىم…
يا تارتالماي خەلقئارا سوتقا ۋە يا ۋىجدان سوتىغا.

ۋەتەندە قانۇن بار ئاتالمىش، ئادالەت يوق،
خورلۇق بار يەتكۈچە، ئازادلىق يوق،
گاس- گاچا بولىۋېلىپمۇ قۇتۇلماق يوق،
يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىمۇ ئۇيغۇرغا بىر كاپالەت يوق!

«تاشلاندۇق چۈش ”تە بار ئىككى ئانا،
بىرى ئۇيغۇر ۋە بىرى خىتاي،
ئۇيغۇر ئانا ئەسلىتەر بىر نورمال ئانىنى،
خىتاي ئانا گويا ئىبلىس مەن قانداق يازاي؟

 «تاشلاندۇق چۈش ”تە بار بىر ئۇيغۇر قىزى،
زۇلۇمغا باش ئەگمەس ، مىسالى بىر تۇمارىس.
ئۇ تەلەيلىك قۇتۇلدى ۋەيلۇن دوزاقتىن،
ئەمما خاتىرەمدە بار نۇرغۇنلىرى كۆيگەن تۈتەكسىز.

ئىز- دېرەكسىز كەتتى يۈتۈپ ناتىۋان قىزلار،
ئىچكىرسىدە خىتاينىڭ زۇلمى ئاستىدا،
ھالا بۈگۈن لاگىرلارمۇ تەرەققىي قىلىپ،
.”ئۇيغۇر چۆرە”سېتىلماقتا جاھان ئالدىدا

 «تاشلاندۇق چۈش ” جىرىسىمۇ يۈرەك يارامنى،
قاناتسىمۇ ھەتتا قايتا يىرىڭلىق دەرتنى،
ئۇچقۇن بولار ياكى مەلھەم دەرتداش خەلقىمگە،
ئەدەبىيات سىلكەر دائىم ئىنسان روھىنى.

 «تاشلاندۇق چۈش ”ئايلانسا بىر نادىر فىلىمغا،
ئىشىنىمەن كەلگۈسىدە كىرەر ئوسكارغا،
ئەركىنلىك – ھەق يېڭەر چوقۇم زۇلمەت ئۈستىدىن،
تۆكۈلگەن قان، ئېزىلگەن باش كەتمەس بىكارغا!

كۆيدى ئۇيغۇر تىرىك تۇرۇپ يوغان پىچلاردا،
پۇراقلىرى تاراپ كەتتى پۈتۈن ئىقلىمغا.
 «تاشلاندۇق چۈش”كىرىپ كەتسۇن قارا چۈش بولۇپ،
خىتاي ياۋۇز شېرىكى بولغان شەكلى ئىنسانغا!

       2021- يىل 25- ئىيۇل   ستوككھولم شىۋىتسىيە

جاۋاب يېزىش