جەمئىيەت ئەھدىنامىسى. تۆتىنچى قىسىم

Du Contract Social

Jean Jacques. Rousseau

ڧرانسۇزچىدىن دىلدار ئەزىز ئەرجىمىسى

تۆتىنچى قىسىم                 قۇللۇق تۈزۈمى

ئىنسانلارنىڭ بىر – بىرىنى بويسۇندۇرىدىغان تەبىئىي ھوقۇقى بولمىغىنىدەك، مەجبۇرلاش ئارقىلىقمۇ كىشىلەر ھېچقانداق بىر ھوقۇق – ئىمتىيازىغا ئېرىشەلمەيدۇ. نەتىجىدە، پەقەت كېلىشىملا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق قانۇنلۇق ھوقۇقنىڭ ئاساسىي بولالايدۇ. گروتىئۇس شۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق شۇ ئادەمنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بارلىق خەلق ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزلىرى مەلۇم بىر پادىشاھنىڭ پۇقراسىغا (قۇلىغا-ت) ئايلانسا بولمامدۇ؟» بۇ يەردە چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان بەزىبىر ئېنىقسىز ئاتالغۇلار بار. ئالدى بىلەن «ئۆتۈنۈپ بېرىش» دېگەن ئاتالغۇنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى. ئۆتۈنۈپ بېرىش دېگەنلىك، باشقىلارغا بېرىۋېتىش ياكى ھېچبولمىغاندا تۇرمۇش ئۈچۈن ئۆزىنى سېتىش دېمەكتۇر. بىراق ئۆزى باشقا بىر ئادەمنىڭ قۇلى بولۇپ ياشاۋاتقان بىر كىشى ئۈچۈن، ئۆتۈنۈپ بېرىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ. پادىشاھ ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنىمۇ باقالمايۋاتسا، ئەكسىچە پادىشاھنىڭ بارلىق چىقىمى پۇقرالاردىن كېلىدىغان تۇرسا، شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن پۈتۈن خەلق ئۆزىنىڭ بارلىقىنى (پادىشاھقا -ت) سېتىشى كېرەك بولىدۇ؟ رابلايسنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، پادىشاھنىڭ قولىدا ھېچنەرسىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭمۇ كۈنى قىيىن بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، پۇقرالار ئۆزىنىڭ ھاياتىنى پادىشاھقا ئاتىغاندىن سىرت، يەنە ئۆزلىرىنىڭ بارلىق مال – مۈلكىنىمۇ قوشۇپ پادىشاھقا بەخشەندە قىلىۋېتىشى كېرەكمۇ؟ شۇنداق قىلغاندا، پۇقرالارنىڭ ئۆزىگە يەنە نېمە قالىدۇ؟ بۇنىڭغا مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن.

بەزىلەر: «مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار ئۆز خەلقىنىڭ تىنچ – ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دەيدۇ. شۇنداقمۇ دەيلى، ئەگەر مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ ھاۋايى – نەپسى تۈپەيلىدىن ئۇرۇش قوزغالسا، ئەگەر ئۇلار تويماس – ئاچكۆز بولسا ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى خەلقنى توختىماي ئاۋارە قىلىۋەرسە، ئۇلار خەلققە زىيان سالغاندىن سىرت، يەنە خەلق ئارىسىدا توختىماي زىددىيەت پەيدا قىلىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزسا، ئاخىرى كېلىپ خەلق بۇنداق ھۆكۈمراندىن يەنە نېمە پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ؟! ئەگەر بۇنداق «تىنچلىق»نىڭ ئۆزىلا خەلققە بالايى – ئاپەت ئېلىپ كەلسە، خەلق بۇنداق پادىشاھدىن يەنە نېمە كۈتىدۇ؟! تۈرمە ھاياتىمۇ ناھايىتى تىنچ ئۆتىدۇ، ئەمىسە بۇ تۈرمە ھاياتىنىڭمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلامدۇ؟ غەربىي كلوپنىڭ ئۆڭكۈرىگە قامالغان گرېتسىيەلىكلەرنىڭ ئۇ يەردىكى ھاياتىمۇ ناھايىتى تىنچ، بىراق ئۇلارنىڭ كۈتىدىغىنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ يەم بولۇش نۆۋىتىنى ساقلاشتىنلا ئىبارەت، خالاس.

ئەگەر بىر ئادەمنى «ھېچقانداق ھەق – تەلەپ قىلماستىنلا ئۆزىنى (ھۆكۈمرانغا-ت) تەقدىم قىلىدۇ» دېيىلسە، بۇ تولىمۇ كۆلكىلىك ۋە مەنتىقىسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق قىلمىشنىڭ ئۆزىمۇ قانۇنسىز، ئىناۋەتسىز بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭغا ماقۇل دەيدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئەقلىنى ئاللىبۇرۇن يوقاتقان بولىدۇ. ئەگەر پۈتۈن دۆلەت خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى باشقىلارغا ئەنە شۇنداق تەقدىم قىلسا، پۈتۈن دۆلەتنى ئەسەبىيلەشتى دەپ تەسەۋۇر قىلىمىز، چۇنكى ئەسەبىيلىكتىن ھوقۇق شەكىللەنمەيدۇ.

ئەگەر ھەممە ئادەم ئۆزىنى (ھۆكۈمرانغا-ت) تەقدىم قىلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتىنى تەقدىم قىلىۋەتمەيدۇ. چۇنكى پەرزەنت تۇغۇلىشىدىن ئەركىن ئادەم بولۇپ تۇغۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگىلا مەنسۇپ. ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. بالىلار قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ دادىسى ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇلارنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن (بالىسىغا ۋاكالىتەن) بەزىبىر قائىدە – پرىنسىپلارنى بېكىتىشى مۇمكىن. بىراق بۇ قائىدە – پرىنسىپلار ھەرگىزمۇ ئۆزگەرمەس بولمايدۇ، شۇنداقلا شۇ قائىدە – پرىنسىپلارغا بىنائەن بالىلارنى باشقىلارغا شەرتسىز بېرىۋېتىشىگە ھەرگىزمۇ يول قويۇلمايدۇ. چۇنكى (بالىلارنى-ت)  بۇ خىل  ئۇسۇلدا باشقىلارغا بېرىۋېتىش تەبىئەت قانۇنىيىتىگە خىلاپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل قىلمىش دادا بولغۇچىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا مۇستەبىت ھۆكۈمەتنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىر دەۋرنىڭ خەلقى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ئاساستا مۇستەبىت ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىش ياكى ئۇنى رەت قىلىش (ئاغدۇرۇپ تاشلاش – ت)  ھەققىدە ئۆزلىرى قارار چىقىرىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلالايدىغان بولغاندىلا، ئەنە شۇ مۇستەبىت ھۆكۈمەت ھەرگىزمۇ خەلققە مۇستەبىتلىك قىلالمايدۇ.

ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىدىن ۋاز كېچىش دېمەك، ئۆزىنىڭ ئادەمدەك ياشاش سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىش، ئادىمىيلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش، ھەتتا ئادىمىيلىك مەجبۇرىيىتىدىن ۋاز كېچىش دېمەكتۇر. ھەممە نەرسىسىدىن ۋاز كەچكەن كىشىگە ھېچنېمە قىلىپ بەرگىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ھەممە ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش، ئىنساننىڭ ئادىمىيلىكىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق ئەركىنلىكىدىن ۋاز كېچىش، ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىدىكى بارلىق ئەخلاق – مىزانلىرىدىنمۇ ۋاز كېچىش دېمەكتۇر.

بۇنىڭدىن كېلىدىغان ئاخىرقى نەتىجە شۇكى، ئەگەر بىر تەرەپ چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولسا، يەنە بىر تەرەپ شەرتسىز بويسۇنغۇچىغا ئايلىنىدۇ. نەتىجىدە، بۇنىڭ ئۆزىدىنلا بىر خىل ئىناۋەتسىز، ھەتتا زىددىيەتلىك كېلىشىم شەكىللىنىدۇ. ھېچقانداق مەجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدىغان ۋە خەلقتىن ھەممە نەرسىنى تەلەپ قىلىش مۇتلەق ھوقۇقىغا ئىگە بىر ھۆكۈمران ئۈچۈن، بۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە شۇنداق ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرمامدۇ؟! بۇ خىل تەڭسىز، يەنە كېلىپ  تاللاش ئىمكانىيىتى بولمىغان بىردىنبىر شەرتسىز كېلىشىمنىڭ ئۆزىلا بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ؟! چۈنكى مېنىڭ قۇلۇمنىڭ ماڭا قارشى چىقىدىغان ھەرقانداق ھەق – ھوقۇقىنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ بارلىق ھوقۇقى ماڭا مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بارلىق ھوقۇقىمۇ مېنىڭ ھوقۇقۇم ھېسابلىنىدىكەن، ئۇنداقتا ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگە قارشى تۇرۇش ھوقۇقۇم ئەمەلىيەتتە ھېچنەرسىگە ئەزرىمەيدىغان، قۇرۇق گەپكە ئايلانمامدۇ؟!

(بۇ قىسىمنىڭ داۋامى بار)

جاۋاب يېزىش