ئانا

ئامىنە ۋايىت سەدەف

ھەر شائىر ئانا دەپ مىسرا پۈتسىمۇ،

ئانا دەپ گۈلچىلەر گۈللەر تىزسىمۇ،

مەدىھلەپ ناخشىچى كۈيگە قاتسىمۇ،

يىتەمدۇ ئانىنىڭ بەرگەن ئەجرىگە؟!

ئانا، ئۇ پەرزەنىتنىڭ ئۇتىدا كۆيگەن،

بالام دەپ ھەر زامان كەينىدە يۈرگەن،

چاچلىرى ئاقىرىپ، مۈكچەيسىمۇ بەل،

پەرزەنتنى پەپىلەپ قۇچاقلاپ سۆيگەن.

ئانا، ئۇ سۆيگۈسى پۈتمەس بىر ئاشىق،

ئانا، ئۇ پەرزەنتكە قانمىغان مەشۇق،

ئانا، ئۇ باغرى بۇلدۇقلاپ قايناپ،

پەرزەنتكە سۇ بەرگەن سۈزك بىر بۇلاق .

ئانام بار ئۈيۈمدە ئىللىق قۇياش بار،

ئانام بار ئۈيۈمدە ئىسسىق ئېشىم بار،

ئانام بار ئۈيۈمدە پۈتمەس – تۈگمەس،

بەخىتكە تولغان ياڭراق كۈلكەم بار.

2021- يىلى5- ئاينىڭ 8- كۈنى

 ئىستانبۇل

جاۋاب يېزىش