پېتوفى، ئۇيغۇرلار ۋە مىللىي مۇستەقىللىق

19 ـ ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋېنگرىيە شائىرى ۋە مىللىي قەھرىمان دەپ ئېتىراپ قىلىنغان داڭلىق ئىنقىلابىي شائىرى ساندور پېتوفى 1823 ـ يىلى 1 ـ يانۋار ۋېنگرىيىدىكى كىس كورۇس دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى قاسساپ،ئانىسى ئىشچى بولۇپ، پېتوفى 16 ياشقا كىرگەندە ۋېنگرىيە ئارمىيىسىگە كىرگەن. كېيىنچە سالامەتلىكى ياخشى بولماي، ئارمىيىدىن چېكىنىپ چىقىپ يېزىقچىلىق بىلەن ۇغۇللانغان .

1848 ـ يىلى يانۋاردا سېتسىلىيىدىن پارتلاپ چىققان « ياۋروپا باھارى» 3 ئاي ئىچىدىلا ياۋروپادىكى 5 چوڭ ئىمپىرىيە، 50 نەچچە كىچىك دۆلەتلەرگە كېڭەيگەن. 15 ـ مارت ۋېنگرىيە ياشلىرى ۋە ئىشچىلىرى ھازىرقى بۇداپېشتتا كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلغان. پېتوفى ئېگىز بىر جايدا ئاۋامغا خىتاپ قىلىپ :« ئويغان ۋېنگرىيە!» ناملىق نۇتۇقى بىلەن ۋېنگرىيە خەلقىگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان. ( 1526 ـ يىلى سۇلتان سۇلايمان ۋېنگرىيەنى بويسۇندۇردى.1626 ـ يىلى ئۇلارغا كىنەزلىك ھوقۇقى بېرىلدى.1699 ـ يىلدىكى كارلوفچا شەرتنامىسى سەۋەپلىك ۋېنگرىيە ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالدى.ساق 150 يىل ئۆتۈپ،ۋېنگىر خەلقى 1848 ـ يىلى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى قوزغاپ چىققانىدى.گەرچە بۇ ئىنقىلاپ چاررۇسىيە ۋە ئاۋستىرىيە تەرىپىدىن 1849 ـ يىلى ئاۋغۇستتا تولۇق باستۇرۇلغان بولسىمۇ،بىراق بۇ مىللىي قارشىلىق ۋېنگىرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى).ياۋروپا پادىشاھلىرى باشقا جايلاردىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تېزدىن قانلىق باستۇرالىغان بولسىمۇ،بىراق ۋېنگىرلارنىڭ كۈچلۈك مىللىي ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىدى. ۋېنگىرىيە خەلقى بۇ ھەرىكەتنى تاكى 1850 ـ يىلغىچە ئۆز كۈچىگە تايىنىپلا داۋاملاشتۇردى.ئەتراپتىكى خوشنىلىرىنىڭ كۈچى بىلەنمۇ ۋېنگىرلارنى باستۇرالمىغان ئاۋسترىيە پادىشاھى كۈچلۈك ۋە رەھىمسىز خوشنىسى چارپادىشاھ 1 ـ نىكولايدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلدى. چارپادىشاھ نىكولاي شەخسەن 300مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق رۇس قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ ۋېنگىرىيە مۇستەقىلچىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.( قانخور 1 ـ نىكولاي بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇزاق ياشىيالمىدى.قىرىم ئۇرۇشىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ،ئىچكى ـ تاشقى بېسىمغا چىدىماي 1855 ـ يىلى 2 ـ مارت ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى).

پېتوفى سالامەتلىكى ياخشى بولمىغىنىغا قارىماي 1848 ـ يىلى قايتىدىن ئەسكەرلىككە تىزىملىتىپ تاجاۋۇزچى نىكولاي ئارمىيىسى ۋە ئىشغالىيەتچى(باسقۇنچى)ئاۋسترىيە قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى.1849 ـ يىلى ئىيۇلدا مىڭ بېشى ھەربىي ئۇنۋانى بىلەن ۋېنگرىيىنىڭ شەرقىدىكى سېگىتۋار(ھازىرقى رومىنىيە چېگرىسىغا يېقىن جاي بولۇپ،ئوسمانىلارنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك سۇلتانى سۇلايمان قانۇنى ( 1496 ـ 1566)ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق جازا يۈرۈشىنى مۇشۇ جايدا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن. ئەمما 1566 ـ يىلى 7 ـ سېنتەبىر سېگىتۋاردىكى ھەربىي چېدىرىدا غازى ھالىتىدە قازا قىلغان. ۋەسىيىتى بويىچە يۈرىكى سۇغۇرۇلۇپ ئېلىنىپ،ئالتۇن قۇتا بىلەن ۋاپات بولغان چېدىرنىڭ تېگىگە چوڭقۇر ئورا كولىنىپ كۆمۈلگەن. ئالىملار ھازىرمۇ بۇ جايدا سۇلتان سۇلايماننىڭ يۈرىكىنى ئىزدىمەكتە.2016 ـ يىلى سېنتەبىر سۇلتان سۇلايمان ۋاپاتىنىڭ 450 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە پىرىزدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋېنگرىيىگە زىيارەتكە بارغاندا بۇ مەسىلە يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلغان)دا باسقۇنچى نىكولايغا قارشى شىددەتلىك جەڭ قىلغان.نەتىجىدە ئاددىي قوراللانغان نەچچە مىڭ ۋېنگرىيىلىك قەھرىمان نىكولاينىڭ 300مىڭ زور قوشۇنى تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق شەكىلدە قىرىپ تاشلانغان. پېتوفى بىلەن سەپداشلىرى 1849 ـ يىلى 31 ـ ئىيۇل كۈنى جەڭگاھتا قۇربان بولغان. ئۇنىڭ جەسىتى تېپىلمىغان. كېيىنچە رۇسلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە پېتوفىنىڭ ئەترىتى رۇسلارنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقاچقا،ياۋۇز چاررۇسىيە ئارمىيىسى پېتوفى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى سېگىتۋاردىكى جەڭگاھتا چوڭقۇر ئورەك كولاپ تىرىك پېتى كۆمۈۋەتكەن ئىكەن.

ۋېنگىرلارنىڭ ئاققان قېنى بىكار كەتمەيدۇ.ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى ۋېنگىرىيىنى تەڭ دەرىجىدىكى ئىتتىپاقداش دەپ ئېتىراپ قىلىپ،1867 ـ يىلى ئاۋسترىيە ـ ۋېنگرىيە ئىمپىرىيىسىنى قۇرىدۇ. 1918 ـ يىلى 1 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاچقا بىر پۈتۈن ئىمپىرىيە پارچىلىنىپ،1919 ـ يىلى مارتتا ۋېنگرىيە ئاخىرى تولۇق مۇستەقىل بولىدۇ.مەرھۇم پېتوفى بارلىق شېئىرلىرىدا ئىزچىل ۋېنگىرلارنىڭ شەرقتە بارلىققا كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى.ئۇنىڭ قابىل دەۋرداش سەپداشلىرى ۋېنگىرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ھونلار،ئۇيغۇرلار،بولۇپمۇ سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق دەپ قارىدى. كېيىنچە بىر ۋېنگىر ئالىمى « بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا » ناملىق كىتاپنى يېزىپ،ئۇيغۇرلارنى ۋېنگىر خەلقىگە تونۇشتۇردى. 2011 ـ يىلى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن قەلەمكەشلەر يىغىنىدا،ۋېنگىرىيە قەلەمكەشلىرى رەئىسى مەلۇم ئۇيغۇر زىيالىيسىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا : « بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن 1500 يىل بۇرۇن جۇدا بولغانىدۇق. مانا بۈگۈن بۇلارنى يەنە تېپىۋالدىم. ئەمدى قايتا جۇدا بولمايمىز ! » دەۋەتكەن . شۇندىن بېرى ۋېنگرىيىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان « ھون ۋە تۇران خەلقلىرى قۇرۇلتىيى» غا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلىپ،تۈركىي مىللەتلەر يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنى ئوبدان تونۇشقا باشلىدى. بۇ قۇرۇلتاي ھەر يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ.مەرھۇم پېتوفى ( ئەسلى ئىسمى ئالېكساندىر پېتروۋىسكىي) ( 1823 ـ 1849) دىن ئاسارەت ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە مۇنۇ جەڭگىۋار ۋە قىممەتلىك مىسرالار مىراس قالدى : دۇنيادا ھەممىدىن ھايات ئەڭ قىممەت، ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك سۆيگۈ ـ مۇھەببەت. ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن، ئەركىنلىك ئازادلىق ئۈچۈنلا پەقەت.400 يىلغا يېقىن مۇستەملىكە تارىخىغا ئىگە بولغان قەيسەر ۋېنگرىيە خەلقى 1526 ـ يىلدىن 1919 ـ يىلغىچە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئوسمان ئىمپىرىيىسى،ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى، پىرۇسسىيە ئىمپىرىيىسى ۋە ئاچكۆز چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسى ئارىسىدا قۇربانلىق بولۇپ كەلدى. بىراق 1919 ـ يىلى مارتتىن ھازىرغا قەدەر بولغا ن 100 يىللىق مۇستەقىللىق دەۋرىدە بارلىق ئاسارەت جاراھەتلىرىدىن تولۇق ساقىيىپ، ئىشغالىيەتچى دۈشمەنلەرنىڭ 400 يىللىق روھىي، مىللىي، دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر زىيانكەشلىكىنىڭ تەسىرىنى تولۇق تازىلاپ،مىللىي ئىپتىخارلىق روھىنى قايتا تىرىلدۈرۈپ گۈللىنىتىپ ـ ياشناتتى. دۇنيادا 2600 يىل دۆلىتى يوق سەرسان بولۇپ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كەتكەن شورپېشانە يەھۇدىلارمۇ بۇندىن توپتوغرا 71 يىل ئىلگىرىيەنى 1948 ـ يىلى 14 ـ ماي يېرىم كېچىدە 2600 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى مىللىي دۆلىتى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. دۆلەت قۇرۇپ تېخى 20 يىل بولمايلا، يەنى 1967 ـ يىلى ئىيۇندا بارلىق ئەرەپ دۆلەتلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ،ئېرۇسالىمنى پەلەستىندىن، گولان ئېگىزلىكىنى سۈرىيەدىن،ئىئوردان دەرياسى قىرغىقىنى ئىئوردانىيىدىن،سىناي يېرىم ئارىلىنى مىسىردىن،لىۋاننىڭ جەنۇبىنى لىۋاندىن تارتىۋالدى.( ئۇيغۇرلار بولسا 1881 ـ يىلدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى بۆلۈشۈش كېلىشىمى ۋە رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 100 يىللىق بۈيۈك ئويۇن»نىڭ قۇربانلىقى سۈپىتىدە 30 يىل ئىچىدىلا (1924 ـ يىلى،1934 ـ يىلى، ھەمدە 1949 ـ يىلى ) كەينى ـ كەينىدىن ئۈچ قېتىم قولدىن قولغا سېتىلىپ ، 1949 ـ يىلى نويابىردىن باشلاپ پەس خىتايلارنىڭ ئىنساپىغا تاشاپ قويۇلدى. گەرچە 1950 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىكى موسكۋا مەخپىي شەرتنامىسىدە ۋەتىنىمىز،تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدا 5 يىل ئىچىدە مۇستەقىل دۆلەتلەرنى قۇرۇش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەپسۇس بۇ قارار 1953 ـ يىلى 5 ـ مارتتا جوزېف سىتالىننىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. 1969 ـ يىلى مارتتا سوۋېت ـ خىتاي مۇناسىۋىتى قاتتىق يىرىكلىشىپ،يادرو ئۇرۇشى ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن بولسىمۇ بۇ كېلىشىم ئاشكارىلانماي يەنە بىر پۇرسەت قولدىن كەتتى).دېمەك ئەڭ بالدۇر ھېساپلىغاندىمۇ 1759 ـ يىلى مىللىي مۇستەقىللىقى،دۆلىتى ۋە ئازاتلىقى قولدىن كەتكەن ئۇيغۇرلار ئاسارەتتە ياشاۋاتقىلى بۇ يىل توپتوغرا 260 يىل بولدى.ئەڭ ئاز دېگەندە بۇ يىل ئاخىرقى قېتىم ئاسارەتتە قالغانغا توپتوغرا 70 يىل بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك 2600 يىل دۆلەتسىز قالغان يەھۇدىلار قاتتىق تىرىشقانىدى. يىگىرمە ئالتە ئەسىردىن كېيىن دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ، ئاسارەتتىن قۇتۇلدى. 400 يىللىق ئاسارەتتە قالغان ۋېنگىرلارمۇ بوشاشماي تىرىشىپ، قان تۆكۈپ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قايتۇرۇۋالدى.بىز ئۇيغۇرلارمۇ تىرىشساقلا ئاللاھ خالىسا 260 يىلدىن بۇيانقى خارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېپيېڭى بىر قۇدرەتلىك دۆلىتىمىزنى قۇرۇپ چىقىپ،مىللىتىمىزنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئابرۇيىنى قايتا تىكلەيمىز ! ئەمما « گەپنى ئاز قىلىدىغان،ئىشنى كۆپ قىلىدىغان كىشىلەر كۆپەيسۇنكى ، ئېغىزدا شەھەر ئالىدىغانلار شاللىنىپ قالسۇن ! ھەقىقەت بىز تەرەپتە ! شۇڭا غەلىبە بىزگە مەنسۇپ ! بىراق قانچە ئالدىرىساق،تىرىشساق شۇنچە بالدۇر بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ ! ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ئاللاھ ۋەتىنىمىزدىكى پەرشتە كەبى خەلقىمىزنى شەيتاندىن بەتتەر پەس خىتتايلارنىڭ تۈرلۈك سۇيقەست ـ يامانلىقلىرىدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ! بىزنى مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە قىسقا يولغا باشلىسۇن !

2019 ـ 3 ـ 8 ـ مارت جۈمە

جاۋاب يېزىش