دەرسەن بەلكىم

راشىدەم سائىتوۋا-ئابدۇسېمەتوۋا

بىر كۈنلىرى دەرسەن بەلكىم،» كەچۈرگىن»

سۆيگۈ سېزىم رىشتىلىرى ئۆچكەندە.

كۈز بولغاندا باھارىمنى ئىزدىمە،

گۈلزارلىرىم غازاڭ بولۇپ كەتكەندە.

بىر كۈنلىرى دەرسەن بەلكىم،» سىنى سۆيىمەن،

سەنسىز بىلدىم،ئۆمۈر- ئۆمۈر ئەمەسكەن» دەپ.

«سۆيۈپ كۆردىم،تېنەپ كۆردىم، ئادىشىپ،

چۈشەنمەسكەن مېنى سەندەك ھېچ كىم» دەپ.

بىر كۈنلىرى،بەلكىم، قايتىپ كېلەرسەن،

ئامما ئۆچكەن ئوتلار قايتا يانمايدۇ.

سېنىڭ كۆزۈڭ ئۇچراشقاندا مەن بىلەن،

ئۇ ئاۋالقى سېزىملارنى تاپمايدۇ.

بىر كۈنلىرى بەلكىم بىلىپ قالارسەن،

پايدىسى يوق بۇرۇن كەرگەن كۆكرەكنىڭ.

ھسيات بىلەن ئايىماستىن ئوينىساڭ،

كەلمىگى ھەم كەتمىگى بار باھارنىڭ.

ۋادىرخا! ھايات  يۈكى يىنىك بولمايدۇ،

خالىشىڭنى ساڭا قوشلاپ بەرمەيدۇ.

  ئەتۋارىنى بىلمىسەڭ يېنىڭدا چاغد،

ئالما ئوخشاش سىنى چۆلگە تاشلايدۇ.

2019 – يىلى ياركەنتتە يېزىلدى

جاۋاب يېزىش