بوۋامنى ئەسلەپ

دىلدار ئايتۇلدى

2017 – يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرى، نەۋرە سىڭلىمنىڭ ئۈندىدارىمغا قالدۇرغان ئاددىي ۋە قىسقىلا بىر ئۇچۇرى ئارقىلىق، بوۋامنىڭ سەكسەن يىللىق ھايات مۇساپىسىنى تاماملاپ، ئەبەدىي ھاياتقا سەپەر قىلغانلىقىنى ئۇقتۇم .

بوۋام ئەخمەت ئىمىن،  زامانىنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى «ئىمىن تارىخ»نىڭ ئوغلى. ئۇزۇن، ئەگرى – توقاي ئەمما شەرەپلىك ھاياتىنى «مەرىپەت گۈلزارى غۇلجا» دەپ نام ئالغان سۆيۈملۈك يۇرتنىڭ مىللىي ئاقارتىش يولىغا بېغىشلىغان پېشقەدەم بىر باغۋەن.

  مېنىڭ رەھمەتلىك بوۋام ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىم كىتابلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، ھەتتا كىتاب كەلىمىسى ماڭا دائىما بوۋامنى ئەسلىتىدۇ. ھاياتنى يېڭى يېڭى تونۇشقا باشلىغان بىر گۆدەك بالا ئۈچۈن ئۇنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، يولىغا چىراق بولالايدىغان بىر ئۆرنەك، بىر ئۈلگىنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. بۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئۇ بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى، بەزىدە ئوقۇتقۇچىسى ۋە ياكى باشقا بىر يېقىنى بولۇشى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ تەلەيلىك ھېس قىلىمەن، ئۆيىمىزدىكى كىتاب ئىشكابى مېنى كىتابلار بىلەن تۇنجى ئۇچراشتۇرغان بولسا،  بوۋامنىڭ ئۆيىدىكى كۈتۈپخانا مېنى بىباھا كىتاب خەزىنىسىنىڭ ئىچىگە باشلاپ كىرگەن ئىدى.

بوۋامنىڭ دادىسىدىن قالغان تەۋەرۈك قورۇدا، تىپىك غۇلجا ئۇسلۇبىدىكى كوچىغا قارايدىغان دېرىزىلىرى زەڭگەر قاپقاپلىق، كۆك ۋە ئاق رەڭدە ھاكلانغان ئۆيلەرنىڭ ئەڭ چېتىدە خىلۋەت بىر ھۇجرا ئىدى بوۋامنىڭ كۈتۈپخانىسى. تام بويلاپ قويۇلغان ئىككى چوڭ ئەينەكلىك  ئىشكاپ، ئىچىدە تۈرىگە قاراپ رەت _ رەت تىزىلغان، يېڭىلا سېتىۋېلىنغاندەك ھېچ پېتىدىن چۈشمىگەن كىتابلار. ھەتتا قاتتىق مۇقاۋىلىق بولمىغانلىرى تۈجۈپىلەپ قايتا مۇقاۋىلانغان، تېشىغا كىتابنىڭ ئىسمى، ئاپتورى، ژانىرى، نەشىر قىلىنغان يىل، ئاي، كۈنگىچە ھۆسنىخەت بىلەن چىرايلىق يېزىلغان. ياندىكى ئويۇقلاردا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان پۈتۈن ژورناللار تۇنجى سانىدىن ئېتىبارەن، ھەر ئون ئىككى ئايلىقى بىر قىلىنىپ تۈپلىنىپ، يەنە تېشىغا ژورنال ئىسمى، يىلى، سانلىرى يېزىلىپ چىرايلىق تىزىلغان…! مانا بۇ بىر كىتابخۇمارنىڭ ئۆمرىنى تېگىشىشكە رازى بولغۇدەك ھەقىقى خەزىنە. بۇ ئۆيدە قانچىلىغان كۈنلەرنى، تۈنلەرنى ئۆتكۈزگىنىمنى ساناپ بېرەلمەيمەن، پەقەت ئېسىمدە قالغىنى بوۋامنىڭ مەن كىتاب ئوقۇۋاتقاندا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىپ، يېنىمدىكى ئۈستەل چىرىقىنى، كۈندۈز بولسا پەردىلەرنى كۈن نۇرىغا قارىتا تۈزەشتۈرۈپ چىقىپ كېتىشىگە، مېنى تاماققا چاقىرىشىغا، كېچىچە كىتاب ئوقۇپ، سەھەرگە يېقىن ئۇخلاپ، چۈشكە يېقىن ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا، ئۆز قولى بىلەن قايماقلىق ئەتكەن چاي ئېتىپ، ناننى ئۇشتۇپ چېيىمغا سېلىپ بېرىشلىرىگىچە سىڭگەن مېھرى – مۇھەببىتى ئىدى.

بوۋام ئەسلى ئوقۇغان كەسپى خىمىيە بولۇشىغا قارىماي، ئۆزىنى ھەر ساھەدە تەڭ يېتىشتۈرگەن كۆپ قىرلىق، كۆپ تىللىق بىر زىيالىي ئىدى. تارىخ تەزكىرىلىرى يازاتتى،  ئەدەبىياتقا ھېرىسمەن، زامانە يازغۇچىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەت ئىدى. سەنئەت كېچىلىكلىرى، تىياتىر ئويۇنلىرىغا بېرىشنى ، ئالغان تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ياخشى كۆرەتتى. بوۋام نۆۋىتىدە فىزىكىچى، ياغاچچى، يىغىپ ساقلىغۇچى ئىدى. بىكار تۇرۇشنى يامان كۆرەتتى، قاچانلا قارىسام، ئۆزى ياسىۋالغان ئەپچىل سايمان ساندۇقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، نېمىلەرنىدۇر ئوڭشاپ، يېڭىدىن  ياساپ مىدىرلاپ يۈرگىنىلا كۆرەتتىم.  ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرەتتى، يېڭىلىقلاردىن زوق ئالاتتى. بوش ۋاقىتلىرىدا ئېلىكترونىك بۇيۇملارنى ساتىدىغان ماگىزىنلاردا يېڭى چىققان مەھسۇلاتلارنى كۆرۈش، كىتابخانىلارنى ئايلىنىپ، يېڭى چىققان كىتابلارنى سېتىۋېلىش ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتلىرى ئىدى.

بوۋام مېنىڭ نەزىرىمدە خۇشپېئىل، مېھرىبان، تېتىك، تەقۋادار بىر مويسىپىت بولسىمۇ، لېكىن كونا دوستلىرى، سابىق خىزمەتداشلىرى، شاگىرتلىرى ، قىسقىسى جەمئىيەتتە زىيادە پىرىنسپىچانلىقى، تەلەپچانلىقى، ئوچۇق سۆزلۈكلىكى، يۈكسەك مەسئۇلىياتچانلىقى بىلەن مەشھۇر ئىدى. ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا بوۋام غۇلجا شەھەر 7 – ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇدىر بولغان ۋاقىتلىرىدا ھەر كۈنى پۈتۈن ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن بۇرۇن كېلىپ ، مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا نۆۋەتتە تۇرىدىغانلىقى، سەۋەپسىز كېچىككەنلەرنى ئەپۇ قىلمايدىغانلىقى ۋە ۋاقىت ئۆتكەنچە، ھېچبىر ئوقۇتقۇچى ۋەياكى ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسكە  كېچىكىپ كېلىشىگە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولغانلىقى ھېكايە قىلىناتتى. راست دېگەندەك بوۋامنىڭ ھاياتتا ئۆزىگە خاس مۇكەممەل  پىرىنسىپلىرى بار ئىدى ۋە ھېچكىمنىڭ خىلاپلىق قىلىشىغا يول قويمايتتى. ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، بۇرنى ئېقىپ قالغان كىچىك ئوقۇغۇچىسىنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن  بۇرنىنى سۈرتۈپ، بېشىنى سىلىغان، ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش پۇللىرىنى ئازغىنە مائاشىدىن قىلچە ئايانماي تۆلەپ بېرىدىغان بوۋام، مائارىپ ئىدارىسىگە باشلىق بولغان ۋاقتىدا، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىمىغان ئەمەلدارلارنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا يۈز-خاتىرە قىلماي تەنقىد قىلىشتىن قورقمايتتى. چۈنكى ئۇ بۇ ۋەزىپىنى قىممەتلىك بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غۇلجىنىڭ مىللى مائارىپ ئىشلىرىدا ئەڭ پارلاق بىر مەزگىلنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەن ئىدى. بوۋام ئۈچۈن خىزمەتتە سۇسلۇق قىلىش دېمەك، بۇ مەزلۇم خەلققە ئازغىنە بولسىمۇ پايدا يارىتىدىغان پۇرسەتكە خىيانەت قىلىش بولاتتى. ئىشەنچكە خىيانەت، بوۋام ئەڭ ئەپۇ قىلالمايدىغان ئىشلاردىن بىرى ئىدى.

بۇ ھەق – ناھەق مەسىلىلىرىدە مۇرەسسە قىلمايدىغان، خوشامەتتىن نەپرەتلىنىدىغان، تۆھپىسىنى كۆپتۈرۈپ، كۆز – كۆز قىلمايدىغان مىجەزى بولغاچقا، داۋاملىق ئۆسۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان، بۇنىڭلىق بىلەن قالماي ئۆزىگە كۆپلەپ دۈشمەن تېپىۋالغان ئىدى. قاراڭغۇلۇقتىن ئوزۇقلىنىدىغان ئېتىبار سۇيىقەستچىلىرى ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سۆز – چۆچەك تارقىتىشقا ، خەلق ئالدىدىكى ئابرويىنى يەرگە ئۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، نەتىجىسىز قالغان، خەلق ئۆزىنىڭ بۇ پىداكار ئوغلىنى باغرىغا بېسىشتىن ھېچقاچان ۋاز كەچمىگەن ئىدى. دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئىلى كەچلىك گېزىتىدە بوۋامنىڭ ئىش – ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان «ياق، ئۇ ياخشى ئەخمەت» ناملىق ئوچېرىك، پىتنىخورلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب  بولغان ئىدى.

بوۋام پەرزەنتلىرىگە مال – مۈلۈك، ئالتۇن – كۈمۈش مىراس قالدۇرالمىدى، لېكىن يەتتە پەرزەنتىنىڭ ھەممىسىنى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيىلەپ، مىللەتنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى. «ۋىجدان ئەڭ راھەت ياستۇق» دېگەنىكەن قايسىدۇر بىر مۇتەپەككۇر، بوۋام ئۆزىنىڭ «جان بېقىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى غورۇر، ۋىجدان ئۈچۈن ياشاش» دېگەن ۋەدىسىنى ئاددى ئەمما پاك ئۆتكەن ھاياتى ئارقىلىق ئاقلىدى. ھاياتنىڭ مەنىسى، بىر غايە ئۈچۈن توختىماي تىرىشىشتا، توغرا بىلگەن يولىدا قورقماي مېڭىشتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بوۋام بىر ئۆمۈر يىغقان كىتاب خەزىنىسى ۋەتەننىڭ ئۈستىگە چۆككەن  زۇلمەتتە چاقنىيالماي قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋە سەپداشلىرىنىڭ مەرىپەت ئۈچۈن ئاچقان داغدام يولىنى زەھەرلىك ئوتلار باسقان بولسىمۇ، مۇتلەق بىر كۈن «نەۋرىلەر ياكى ئەۋرىلەر» بۇ يولنى قايتىدىن ئاچىدۇ . خەلق ئۆزى ئۈچۈن يۈرىكىنى مەشئەل قىلغان ئوغلانلىرىغا خىتابەن قايتىدىن ئۇ ئۇنتۇلماس سۆزنى تەكرارلايدۇ: «ياق، ئۇ ياخشى ئەخمەت»!

جاۋاب يېزىش