«باھارغا خەت» ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىم

ئابدۇراخمان سادىق

رەناگۈل غوپۇر قەلىمىدىكى «باھارغا خەت» ناملىق ھېكايىنى زوق- شوخ بىلەن ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇمىغىلى ئۇزۇن بولغان ماڭا نىسبەتەن، بۇ ئەسەر باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلىدى.

ئەسەر باش پىرسۇناژ زىبانىڭ نىكاھ تۇرمۇشىنى مەركەز قىلىپ تەرەققى قىلغان بولۇ، ئەسەرنىڭ سۆز بايلىقىنىڭ مول، تىلىنىڭ راۋان، پىرسۇناژلار خاراكتېرى ۋە ۋەقەلىكلەرنىڭ مەنتىقىلىق ۋە زىددىيەتسىز بولۇشى قاتارلىقلارنى تەلەپكە لايىق پروزا ئەسەرلىرىدە تېپىلىدىغان ئەقەللىي ئالاھىدىلىك دەپ قارىغان تەقدىردە، مەن تۆۋەندە ئەسەردىكى ئۆزەم ئالاھىدە دەپ قارىغان بىرقانچە نوقتىنى قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن:

1. ئەسەرنىڭ بايان ئۇسلۇبى ئۆزگىچە. ئەسەر باشتىن- ئاخىر باش پىرسۇناژ زىبانىڭ دوستى باھارغا يازغان خەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، زىبا جەمئى 38 پارچە خەت بىلەن ئۆزىنىڭ بىرقانچە يىللىق ھاياتىنى بىرىنچى شەخس تىلىدا بايان قىلىدۇ. بۇخىل بايان شەكلىنى ئۇيغۇر  پروزىچىلىقىدا ئاز ئۇچرايدۇ، دەپ قارايمەن( شەخسەن مەن باشقا بىر ئەسەرنى بىلمەيمەن).  ئەسەر بۇ خىل بايان شەكلى  بىلەن ئوقۇغان كىشىگە2019-يىلى تۈركىيەدە سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە بىرىنچى بولغان «ھۇزۇرسىزلىق» دېگەن روماننى ئەسلىتىدۇ.

2. ئەسەرنىڭ ۋەقەلىك تەرەققىياتى تېز. ئەسەردە ۋەقەلىكلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ، ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىدىغان بولۇپ، سىزنى ھە دېگەندە بىر كىرىۋالسا ئىچىدىن چىقالمايدىغان، ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان، بىر قىردىن ئاشالمايدىغان تەپسىلاتلاردىن ئازات قىلىدۇ.

3. كولمۇناتسىيە نوقتىلىرى كۆپ. ئەسەر بىر ھېكايە بولۇشىغا قارىماي، باشلىنىپ  ئاخىرلاشقۇچە بىرقانچە چوڭ كولمۇناتسىيە نوقتىلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، قەدەمدە بىر دېگۈدەك ئۇچرايدىغان كىچىك كولمۇناتسىيەلەر سىزدىكى ھاياجاننى باشتىن-ئاخىر يۇقىرى گرادۇستا ساقلايدۇ. ئويلىمىغان يەردىن چىقىۋاتقان چوڭ-كىچىك كولمۇناتسىيەلەر سىزنى بىر تەرەپتىن جىددىيلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزگىچە يېشىملىرى سىزنى راھەتلەندۈرىدۇ.

4. ئەسەردىكى پىرسۇناژلار ئوبرازى كۆپتۈرۈۋېتىلمىگەن. ئەسەردە مۇتلەق ئىجابى ياكى مۇتلەق سەلبىي پىرسۇناژ مەۋجۇت ئەمەس. ھەرپىرسۇناژ ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ھەرىكىتىدە ئۆزىنى ھەقلىق ھېس قىلىدۇ ۋە ھېس قىلدۇرىدۇ. پەزىلەتلىكلەرنىڭ ئۆزىمۇ تۇيماي ئەخمەقلىق ياكى رەزىللىكلەردىن ئاز-پاز نېسىۋە ئېلىشى، پەزىلەتسىزلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرى ئالدىدىكى ئەقلىي دەلىللىرى كۆپىنچە پروزا ئەسەرلىرىدە يارىتىلدىغان، ئەمما رىئاللىقتىن يىراق بولغان پەرىشتە ياكى ئىبلىس سۈپەت پىرسۇناژلاردىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.

5. ئەسەردىكى ۋەقەلىك ۋە ئوبرازلارنىڭ ئەمەلىياتچانلىقى كۈچلۈك. ئاپتور ئەسەردە رىئاللىقتا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئاجايىپ – غارايىپ ۋەقەلىكلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىشقا زورۇقماستىن ، بەلكى ئوقۇرمەننى  ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆتكۈزىۋاتقان رىئال ھاياتنىڭ دەل ئۆزىگە باشلاپ كىرىدىغان بولۇپ، ئەسەردىكى ئوبرازلارمۇ بىزگە بىر قارىسا ئۆزىمىزنى، يەنە بىر قارىسا بىز بىللە ياشىغان ۋە ياشاۋاتقان، بىزگە تونۇش ئاللىكملەرنى ئەسلىتىدۇ. ئوبرازلارنىڭ خاراكتېر، تۇيغۇ، پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەتلىرى رېئال ھاياتقا شۇ قەدەر يېقىنكى، سىزنى شۇ ئەسەر ئىچىدىكى ھەربىر پىرسۇناژنىڭ ئورنىدا ۋەقەلىككە قاتناشتۇرىدۇ.  ئەمما ۋەقەلىكلەرنىڭ شۇنچە تونۇش ۋە ئاددى بولۇشىغا قارىماي، سىزنى ئۆزىگە تارتىپ، ئىچىگە ئەكىرىپ كەتكىنىنىڭ ئۆزى ئەسەردىكى چوڭ مۇۋەپپەقىيەت.

6. ئەسەر ئارتۇقچە تەسۋىرلەردىن خالىي. ئۇيغۇر پروزا ئەسەرلىرىدە يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدىغان، ئەسەرنىڭ ھەجمىنى ئاشۇرۇش، ئوقۇغۇچىنىڭ دىققىتىنى بۆلۈش ۋە چارچىتىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان زۆرۈرىيەتسىز مەنزىرە، پورترېت ۋە ئىچكى ھېسسىيات تەسۋىرلىرىنى بۇ ئەسەردە ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئەسەر بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن «قارىسا بىر غۇلاچ، يىغسا بىر غېرىچ» كېلىدىغان پاخپاق ئەسەلەردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

ئەسەرگە تەكلىپلەر:

1. خەت خاراكتېرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش ۋە رىئال تۇيغۇنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرپارچە خەتكە زىبا تىلىدا باھارغا خاس كىرىش ۋە ئاخىرلىشىش قىسمى، شۇنداقلا چېسلا قوشۇلسا.

2. ئارىلاپ چېلىقىدىغان ئىملا خاتالىقلىرى تۈزىتىلسە.

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى

شىۋېتسىيە، ستوكھولم

جاۋاب يېزىش