تاشلاندۇق چۈش

رەناگۈل غوپۇر

(3)

تەقدىرنىڭ تەتۈر قۇيۇنى  لالەنى شۇنداق بىر يەرگە ئەكىلىپ تاشلىدى. خېنەننىڭ ئەڭ كەمبەغەل چەت يېزىسى. ساپسېرىق توپا يەر. سۇ كەمچىل، بەرەنگىدىن باشقىسى ئاساسەن ئۈنمەيدىغان ئېتىزلىق. يېزىلىقلار بەك نامرات. قىزلىرى ياخشى كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن باشقا  يېزىلارغا توي قىلىپ كېتىدۇ. ئوغۇللىرى خوتۇن ئالالماي بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇ چاغلاردا خېنەن يېقىنقى يىللاردەك قان سېتىپ باي بولۇش يولىغا كىرمىگەن، شۇڭا كېيىنكى ھەشەمەتچىلىك ۋە يىڭنىنى ئالماشتۇرماسلىقتىن پەيدا بولغان ئەيدىز بىلەن ئۆلىدىغانلار ئۆلۈپ يېزىلار قۇرۇغدالغان چاغلار ئەمەستى. يېزىدىكىلەرنىڭ خوتۇنغا جىددى ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن يېڭىچە بىر كەسىپ – ئادەم بېدىكلىگى پەيدا بولدى. باشقا يەرلەردىكى قىزلار ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئەكىلىنىپ قىز كېرەك ئۆيگە سېتىلاتتى. لالەمۇ مۇشۇنداق بىر قىسمەتكە دۈچ كەلدى.

گۈگۈم ۋاقتى، لالە يۈزىگە تەككەن يىرىك بىرنەرسىنى سېزىپ ئويغاندى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىگە ھىجاراپ تۇرغان بەتبەششىرەنى كۆردى. بەتبەششىرىنىڭ يېرىلغان قاپقارا قولى ئۇنىڭ يۈزىنى سىلاۋاتاتتى. لالە جان جەھلى بىلەن بەتبەششىرىنى مۇشلاپ تېپىشكە باشلىدى. بەتبەششىرە توڭگۇزدەك چىرقىراپ ئۆينىڭ ئىچىدە يۈگىرەيتى. ئاۋازنى ئاڭلاپ باستۇرۇپ كىرگەن بوۋاي موماي لالەنى مىڭ تەسلىكتە ئاجىرتىپ بىر ئاغامچا بىلەن پۇت قولىنى باغلاپ قويدى. لالە بۇنىڭدىمۇ پەسەيمەي بۇلارنى تىللايتى ، يۇلقىنىپ قوتۇلۇشقا ئۇرۇناتتى. موماي بىر ئەسكى لاتىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا كەپلەپ قويدى. چىرايلىق ساغۇچ دولقۇن چاچلىرى چۇۋۇق، يوغان كۆزلۈك لالە ئاغزىغا تىقىلغان لاتىنىڭ بەتبۇيىدىن تىنالماي قالدى. ئۇنىڭ ئوغۇللار كۆيىدىغان چىرايلىق كۆزىدىن ياش قۇيۇلۇپ گۈزەل يۈزىنى يۇيۇشقا باشلىدى.

لالە بەش ياش ۋاقتىدا بىر كىچىك كۈچۈكنىڭ قوغلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، پات پاتلا ئۇ ئىتنى چۈشەيتتى. ئەمما چۈشىدىكى ئىت يوغان قارا ئىتتى ئىدى. لالە چۈشىدە كۈچىنىڭ بېرىچە قاچاتتىيۇ ھەر قېتىم ئىتقا تۇتۇلاتتى. ئىت ئۇنى غالجىرلىق بىلەن تالايتتى. لالە چۈشنىڭ دەھشىتىدىن چىلىق چىلىق تەردە ئويغىناتتى. ئانىسى ھايات چېغىدا دۇرۇت ئوقۇپ ئۇنى سۈفكۈشلەيتتى. باش كۆزلىرىنى، ئۇچىسىنى سىلايتتى. نامىزىدا لالەگە ئالاھىدە دۇئالارنى قىلاتتى. بۇ چۈش پەقەت توختىمىدى. لالە دورا بىلەن مەس قىلىنغاندىمۇ ئوخشاش چۈشنى كۆرگەنىدى. چۈش تەدبىرلىرىگە ئاساسلانغاندا، قارا ئىت دۈشمەن سۈرى، بالا قازا سۈرى.

لالە باغلانغان ، ئاغزىغا ئەسكى لاتا كەپلەنگەن پېتى نەچچە ئويغىنىپ نەچچە ئۇخلاپ ياتتى. ئۇ نىمە ئويلىغىنىنى بىلمەيتتى. بۇنى بىر چۈش بولسا، ئەندىكىپ ئويغىنىپ كەتسەم بولاتتى دەپ تىرىشتىيۇ، ئۆتكەن كۈنلىرى چۈشتەك بىلىنىشكە باشلىدى. ئاغزىغا گىيا سالمىغىلى بىر كۈن بولدى. دورىنىڭ تەسىرى، توختىماي تۆككەن ياش ۋە بۇ ناتونۇش كېلىمات قوشۇلۇپ ئۇنى شۇنداق ئۇسسىتىۋەتتى. بۇ چاغدا خىتاي موماي بىر چىنىدە ئەسلى ئوماچ دەپ ئېتىلگەن ئەمما يۈندىدەكلا بىرنىمىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ ، لالەنىڭ ئاغزىدىكى لاتىنى ئېلىۋەتتى. لالە چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالدى. موماي بىر ياغاچ قوشۇقتا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۇماچنى ئۇزاتتى. ئۇماچتىن چىقىۋاتقان پۇراق بايىقى لاتىدىن كۆپ پەرقلەنمەيتى. لالەنىڭ كۆڭلى قەي بولۇپ ئاغزىنى ئاچماي بېشىنى بۇرۇۋالدى. موماي توختىماي ئۇنىڭ ئاغزىغا قوشۇقنى تىقاتتى. قارىغاندا ئۇ لالەنىڭ ئۆلۈپ تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك. لالە ئۇنىڭغا بۇنى يىمەيدىغىنىنى ، سۇ ئىچىدىغىنىنى بىلدۈردى. موماي تالاغا قاراپ بىر نىمىلەرنى دەپ چىقىرىۋىدى، بەتبەششىرە بىر چىنىدە سۇ كۆتىرىپ كىردى. بۇ سۇ شۇنچىلىك قىرتاق بىلىنىپ تۇرسىمۇ ، لالە ھاياتى ئۈچۈن ئۇنى ئىچىۋەتتى. بەتبەششىرە ئىككى چىشلىق قوناقتەك ھىڭگىيىپ ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەيتى. ئاندا مۇندا كۆزلىرى تېخى لالەنىڭ ئىگىز كۆتىرىلىپ تۇرغان كوپتىسىغا، پادىچىلار ئىشتىنىغا چۈشەتتى. لالە ئۇنىڭ قارىشىدىن بەدىنىگە سالما چاپلىشىۋالغاندەك سوغاق بىئاراملىق ھىس قىلدى. لالە يوغان چىرايلىق كۆزلىرى بىلەن بەتبەششىرىگە ئالايدى. موماي بىلەن بەتبەششىرە كۈلۈشۈپ كەتتى. موماي قاچىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكەچ ئىشىكنى يېپىپ قويدى. لالە بەتبەششىرە بىلەن جىن چىراقنىڭ يورۇقىدا يالغۇز قالدى. شۇندىلا لالە قاباھەت ھىس قىلدى.

باھار، قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئوغۇللار بىلەن يالغۇز قېلىشنى خالايدۇ. يىگىتنىڭ ئۆزىگە تاتلىق گەپلەرنى قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ. بۇكەمگىچە لالە پەقەت دىلشاتنىلا خالاپ باققان. ئالدىدىكى بۇ ئەرغۇ ئەمەس، بىر مەخلۇق ئىدى. لالە سەزگۈر تۇرۇپ تام تەرەپكە سۈرۈلدى. بەتبەششىرە كارۋاتنىڭ ئۈستىگە چىقتى. ئەسكى كارۋات بۇ ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلمەي يېقىمسىز غىچىرلاپ كەتتى. بەتبەششىرە قاپقارا قولىنى لالەنىڭ يۈزىگە ئۇزاتتى. لالە يۈزىنى قاچۇردى. بەدىنىگە ئۇزاتتى، لالە بەدىنىنى قاچۇردى. شۇ تەرىقىدە بىردەم تاتىشپ بەتبەششىرىنىڭ ھايۋانلىغى تۇتتى. ئۇ لالەگە ئېتىلدى. لالە ئۇراي دىسى قولى، تېپەي دىسە پۇتى باغلاقلىق. ئۇ يۇلقۇنۇپ تۇختىمايىتتى. بۇنىڭ بىلەن بەتبەششىرە تېخىمۇ غالجىرلاشتى. لالە ئاخىرى بەتبەششىرىنىڭ كومشىرىغا بىرنى ئۈسىۋىدى، قان بەتبەششىرىنىڭ ئاغزى بۇرنىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتى. بەتبەششىرەنىڭ بىرچىشى چۈشۈپ كەتكەنتى. ئۇ يۈزىنى تۇتۇپ توپا يەردە تولغىنىپ توڭگۇزدەك چىقىرايىتتى. بۇنى ئاڭلىغان بوۋاي موماي كىرىپ ئوغلىنى يۆلەپ سىرىتقا ئەچىقىپ كەتتى. موماي بىرنەرسىلەرنى دەپ لالەنى تىللاپ ئىشىكنى يەنە تاقاپ قويدى.

جىن چىراق ئۆچكەن، گەمە ياق بۇ دوزاقنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن. لالە نالە قىلىشقا باشلىدى:

«ئۇلۇغ ئاللاھ، تاغدەك گۇناھىم بولسىمۇ تۆۋە قىلساڭلا كەچۈرىمەن، دىگەن سۆزۈڭ بويىچە مېنى كەچۈر. يا بۇلار چۈشۈم بولۇپ ئويغىنىپ كېتەي، يا مۇشۇ تۇرقىدا جېنىم چىقىپلا كەتسۇن. ئاللاھ مەن سەندىن رازى بولاي، سەنمۇ مەندەك ئاجىز بەندەڭدىن رازى بول. مەن ئانا خوۋلۇقىنى تۈزۈك كۆرمىدىم. كۆرمىگەنلىرىمگە رازى بولاي ئاللاھ، ماڭا بۇ كۈننى كۆرسەتمە. ئاللاھ ئامانىتىڭنى ئال ……»

باھار، ھەممىلا مەزلۇمنىڭ نالىسى ئىگىسىنى تاپالمايدىغان ئوخشايدۇ. ئەتىسى لالەنى كۈننىڭ تېخىمۇ دەھشىتى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى.

ئەتىسى بەتبەششىرىنىڭ پۈتۈن يۈزى ئىششىپ كۆكىرىپ كەتكەنىدى. لالە بولسا باش ئاغرىقى، ئىششىغان كۆز، يېرىلغان لەۋ بىلەن ئويغاندى. چۈشتىن بۇرۇن موماي بىر قوناق مومىسى بىلەن بىر قاچا سۇنى ئەكىرىپ بەردى. ھاجەتكە بىر چىلەك ئەكىرىپ قويدى. بىر چاغدا ھويلىدا ۋاراڭ چۇرۇڭ ئاڭلاندى. سۇناي جاڭلار چېلىنىپ پوجاڭزىلار ئېتىلدى. لالە جىڭ تېشى ئېسىپ قويغاندەك ئېغىر بېشىنى كۆتۈرۈپ دەرىزىدىن سىىرتنى ئاران ئىلغا قىلالىدى. ئۈستەللەر تىزىلىپ ئادەملەر ئولتۇرۇشقان. تەخسىلەردە ھەلەپتەك بىر نەرسىلەر ئوتتۇرىدا توشۇلۇپ يۈرەتتى. تۇيۇقسىز لالەنىڭ كۆزى دەرۋازىغا چاپلانغان قىزىل رەڭلىك قوش خوشاللىق خېتىغا چۈشتى.

ئاھ باھار، بۇ مەزلۇم مىللەتنىڭ مەزلۇم قىزىنى ئىگىسى يوق دەپ ياقا يۇرتتا ياتلار ئەرگە بېرىۋاتاتتى. بىر مەخلۇققا خوتۇن قىلىپ بېرىۋاتاتتى. لالەنىڭ كۆزىدىن ياش فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. ئۇ بېشىنى چايقاپ نالە قىلاتتى« ياق، ياق، ياق ، ئاللاھ، بۇ چۈش بولۇپ قالسۇن !» ئۇنىڭ نالىسى سىرتتا جوزىغا دۈم چۈشۈپ ۋارقىرىشىپ تاماق يەپ ھاراق ئىچىۋاتقانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتى. لالە تاملارغا ئۈسەتتى، يىغلايتى.

باھار، شۇنداق قىلىپ لالەنىڭ «تويى» بولدى. بۇرۇن قىزلار تويىدا يىغلايدۇ دىسە، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە تېگىپ نىمىشقا يىغلايدۇ دەپ ئويلايتتى. ئەمما بۈگۈن ئۇ ھارغىچە يىغلىدى. ئاللاھغا نالە قىلىپ يىغلىدى. دادىسى ، ئاپىسى، ئاكىسى، ھەدىسى ۋە كىچىك سىڭلىسىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ يىغلىدى. دىليارنى چاقىرىپ يىغلىدى« دىلشات، مەندىن بەك رەنجىگەن بولغىيمىتىڭ؟ كۆڭلۈڭ بەك ئاغرىغان بولسا قىساسىڭغا قالدىممۇ جېنىم؟ ئاۋازىم ساڭا يېتەرمۇ، مۇشۇ قارا كۈنۈمنى چۈشۈڭدە كۆرىۋاتقانسەنمۇ ؟ ئەمدى سېنى قانداق يارىم دەيمەن؟ ئىسمىڭنى قانداق ئاغزىمغا ئالىمەن؟ »

تالادىكى يەپ ئىچىش داۋاملىشىۋاتاتتى. بىر چاغدا ئىشىك غىچىرلاپ ئېچىلىپ بەتبەششىرە ھىجىيىپ كىردى. لالە ئۇنىڭ كۆكىرىپ ئىششىغان يۈزىگە نەپرەت بىلەن تىكىلدى . « 滚!» دەپ ۋاقىرىدى. ئەمما بەتبەششىرە ئاڭلىمىغاندەك ئىشىكنى پۇختا يېپىپ لالەگە يېقىنلاشتى. لالە بۇ قېتىم بۇنى ئۈسۈپلا جېنىنى ئېلىشقا تەييارلىق بىلەن ئولجىسىنى قارىغا ئالغان چىشى شىردەك تۇراتتى. بەتبەششىرە لالەگە ھىچقانداق قىلىپمۇ يېقىنلىشالماي سالپىيىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ بىرتوپ لۈكچەك خىتايلار ئولتۇرغان ئۈستەلگە كېلىپ بىر بوتۇلكا ھاراقنى كۆتىرىپ ئىچىپلاۋەتتى. ئۈستەلدىكىلەر ئۇنى پۇل خەجلەپ غەربى دىيارنىڭ پەرىسىنى ئېلىپ خوتۇن قىلالمىدى دەپ مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. ئاچ قوساققا ئىچكەن ساختا ھاراق، تۈنۈگۈندىن يىگەن تاياق، خەجلىگەن پۇل، مەسخىرىلەر ئۇنىڭ مېڭىسىگە چىقتى. ئۇ موماينى چەتكە تارتىپ بىرنىمىلەرنى دىۋىدى، موماي ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى. بەتبەششىرىنىڭ چىرايىنى ئىپلاس كۈلكە قاپلىدى.

« يەپ ئىچىپ تويۇشقان بولساڭ مېڭىشمامسەن! » دەپ مېھمانلارنى سۈر توقاي قىلغان بەتبەششىرە چوڭ دەرۋازىنى مەھكەم تاقىدى. لالە بۇچاغدا ئەتتىگەندىن بېرى يىغلاپ ئاۋازى بوغۇلغان، لەۋلىرى چاك -چاك يېرىلغان ھالەتتە ئۈنسىز ياش تۆكۈپ، بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى. موماي بوۋاينى چاقىردى دە، ئۈچىلىسى قولىدىكى ئشنى قويۇپ گەمىگە كىردى. لالە ئۇلارغا سەزگۈرلۈك بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئۇلار گەمىنىڭ ئىشىكىنى چىڭ ئىتىپ بىرلا ۋاقىتتا لالەگە ئېتىلدى…..

لالەنىڭ يارىشىملىق كوپتىسى يىرتىلدى. ھايۋان دادا ئانا ئوغلىنىڭ لالەگە باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ياردەملەشتى. لالەنىڭ ئاغزىغا يەنە ھېلىقى سېسىق لاتا كەپلەنگەن، چاچلىرى چۇۋۇلغان، كۆزىنىڭ خۇنى ئۆچكەن، لەۋلىرى قانىغان ھالدا كۆزىنى مەينەت دەرىزىگە، ئۇنىڭدىن غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان يىراقتىكى ئايغا، ئاينىڭ يۈزىدىكى داغقا تىكتى……

لالە يۈكسەك بىر ئەخلاقنىڭ ئىگىسى بولغان قەۋىمنىڭ قىزى ئىدى. ھالبۇكى ئىنسانىيەتتىكى ئەڭ پەس مەخلۇقلارنىڭ قولىدا خار قىلىندى. ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ لالە مىدىرلىمىدى. ئۇ ئەمدى يىغلىمىدى. ياشمۇ قالمىغان بولسا كېرەك. لالە ئۆزىنى تېگى يوق قاپقارا بىر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتى. بەدىنى يىنىكلەپ ئېغىرلىغىنى يوقىتىۋاتقاندەك، بوشلۇقتا ئۇچىۋاتقاندەك قۇپقۇرۇق بىلىنەتتى. ئۇ كۆڭلىدە«ئەمدى ئىسمىڭنى ئاغزىمغا ئالالمايمەن. سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەشكىمۇ يۈزۈم چىدىمايدۇ. مېنى ئۇنتۇپلا كەتكەن بولساڭ بەكمۇ ياخشى بولاتتى. بەختلىك بول .» دىگەنلەرنى ئويلىدى. شۇ پېتى تاڭ سۈزۈلگىچە ياتتى.

تاڭ سۈزۈلۈشىگە تۇرۇپ ھويلىغا چىقتى. موماي ئۇنى قېچىپ كەتمىسۇن دەپ تىمسىقلاپ يۈرەتتى. ئۇ مومايغا ئىسسىق سۇ بېرىشىنى، ئۆزىنىڭ يۇيۇنۇپ كىيىم ئالماشتۇرىدىغىنىنى ئېيىتتى. موماي ئۇنى يۇمشىغان ئوخشايدۇ دەپ دىگىنىنى تەييار قىلدى. ئۇ گەمە ئۆيدە پاكىز يۇيۇنۇپ پاكىز كىيىملىرىنى كىيدى. ئاندىن ئۆزى قىبلە  دىگەن تەرەپكە يۈزلەندى:

ئالەمنىڭ ئىگىسى ئاللاھ. مەن بىر ئاجىز گۇناھكار قۇلۇڭمەن. بۇكەمگە قەدەر سەن بەرگەن كۈنلەرگە ناشۈكۈرلۈك قىلغان بولسام، گۇناھلىرىمنى مەخپىرەت قىلغىن. دادام، ئاكام، ھەدەم، سىڭلىمنى مەن ئۈچۈن ئامان قىلغىن. سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆتمەيدىغان گۇناھدىن بىرسى سەن بەرگەن جاننى ئۆز خائىشى بويىچە ئاياقلاشتۇرۇش ئىكەن. ئاللاھ، بۇ گۇناھىمغا دوزاققا لايىق بولسام مەن رازى. ئىككى كۈندىن بېرى تىرىك دوزاقنى كۆردۈم. ئۇ دوزاقتا تۇرسام روھىم راھەتلىنىپ قالار، ئەمما ماۋۇ دوزاقتا جېنىم بەك قىينالدى.

لالە ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى چىنىنى ئورۇندۇققا كۈچەپ بىرنى ئۇرىۋىدى سۇندى. لالە سۇنۇق پارچىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۆتكۈر بىرىنى تاللاپ، لەنىتى كارۋاتنىڭ بىر بۈرجىگىدە ئولتۇردى. سول بېغىشىغا ئاستا سۈركىشى بىلەن، مۇزدەك بىر دەققىدىن كېيىن ئىسسىق قان ئېقىشقا باشلىدى. لالە كۆزىنى يۇمۇپ ئاپىسى ۋاپات بولغان كۈننى ، تەنەپپۇىستا مەيداندا ئوينىغان ئويۇنلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى. ئۇ يەنە دىلشات بىلەن يۈرىۋاتقان ۋاقتىنى، دىلشاتنىڭ يېقىملىق يۈزىنى، تاتلىق ئەركىلىتىشىنى، قىلىشقان ۋەدىلىرىنى ئەسلىدى. بارا بارا بىر تاتلىق ئۇيقۇ بىلەن چەكسىز بىر يورۇقلۇققا كىرىپ كېتىپ بارغاندەك يىنىكلەپ، يانغا يىقىلدى…….

(داۋامى بار)

جاۋاب يېزىش