باھارغا خەت (4)

(ئاخىرقى قىسمى)

رەناگۈل غوپۇر

         ئايرۇپىلان ئۈرۈمچى ئاسمىنىغا كىرىشى بىلەن يۈزۈمنى ئەينەككە چاپلاپلا قالدىم. كاتەكتەك بىنالار، چۆمۈلىدەك ماشىنىلار. يېشىللىق ناھايىتى ئاز. ئەمما ئۇنىڭ نىمە كارايىتى دەيسەن باھار. قاقاس چۆل بولسىمۇ بۇ مېنىڭ يۇرتۇم. بۇ دۇنيادا ھىچيەرگە تەڭ قىلمايدىغان ئانا ماكانىم.

       چامادانلىرىمغىمۇ قارىماي ئىككى بالىنى ھارۋىدا ئىتتىرىپ مېنى ساقلاپ تۇرغانلارغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. يىغلىشىۋاتىمىز، قۇچاقلىشىۋاتىمىز. بىر بىرىمىزنىڭ باغرىدا ئېرىپ كېتىۋاتىمىز. ئاپام ئوغلۇمنى تونىدى ئەمما دىلئارە گە قاراپلا چىرايى ئۆزگەردى:

              – بۇ كىمۇ بالام؟

              – قىزىم ،- دىدىم مەن.

       –   قانداق قىزىڭىز بولىدۇ، بۇ ئىككىسى تەڭلا بالا تۇرسا؟ – ئاپامنىڭ باشقا ئىشنى خىيالىغا كەلتۈرگىنىنى دەرھال سەزدىم.

            – ياق ئاپا، بېقىۋالدىم،- دەپ چۈشەندۈردۈم . ئاپاممۇ ئۇف دىدى. ئۆيگە قايتتۇق.

ئۇيغۇرچە كۈتىۋېلىشتىن كېيىن ئۆيدە ئاپام، ھاممىلىرىم بىلەن قالدىم. بالىلارنى نەۋرە ئىنى سىڭىللىرىمنىڭ بالىلىرى ئويناتقىلى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئاپامنىڭ ئۆيىدە ئالتە قىز ، بىر كېلىن قوشۇلۇپ يەتتە ئايال ماڭا قاراپ تۇرىدۇ. ئەمدى « مەسىلە تاپشۇرۇش» ۋاقتىم بولغان ئىدى.

     ھەممىنىڭ كۆزى مەندە، ئامالىمنىڭ بېرىچە  كۆزۈمنى يەردىن يۆتكىمەي ئەڭ ئاددى، بۇلارنىڭ نېرۋىسىغا بەك تېگىپ كەتمەيدىغان سۆز – ئىبارىلەرنى تاللاپ ئىشلەتتىم. گەپدانلىق ھۈنىرىمنى ۋاقتىنچە بىر ياققا قويۇپ قويدۇم. ئەلۋەتتە ياقۇپ دەپ بىرسىنىڭ بارلىغىنى دىيەلمەيمەن. «سەلىمەنى ماشىنا سوقۇۋېتىپ ئۈلۈپ كەتتى. سۈبھىنىڭ ئاپىسى بۇ بالىنى سۈبھىنىڭ دىدى. باشقىلار بېقىۋالغىنىدىن مەن بېقىۋالسام ياخشى بولغىدەك. شۇڭا بېقىۋالدىم» ھىچقانداق شەخسى ھىسياتىمنى ئارىلاشتۇرماي سۆزلەپ تۈگەتتىم. ئاپام ھەم ھاممىلىرىم مۇرەككەپ ئىچكى توقۇنۇشتا ماڭا قاراپ تۇراتتى. ماڭا يېقىن ئولتۇرغان ھاممام ئاستا يېنىمغا سۈرۈلۈپ بېشىمدىن قۇچاقلاپ ئۆزىگە تارتتى ۋە « قانچە جاپا تارتقانسىز ئاپپاق ئۇكام؟ ماۋۇ ئىش مانداق بولدى دەپ دىسىڭىزچۇ بىزگە، ھەممىنى ئىچىڭىزگە سالماي » دىمەسمۇ، بېشىمنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە يوشۇرۇپ ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم. ئاۋازىمنى يوقىتىش ئۈچۈن لەۋلىرىمنى چىڭ چىشلىدىم. يىغام سەل پەسەيگەندىن كېيىن ئاپام: « بەكمۇ مۈشكۈل يولنى تاللىۋاپسىز بالام. قانداق مېڭىپ تۈگىتەرسىز »، دەپ قايغۇ ئىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا چقىپ كەتتى. مەن كۆزۈمنى ئاپامنىڭ دۈمبىسىدىن يەرگە يۆتكىدىم. دىمەك ئاپام بۇ قىلغىنىمغا خاپا ئىدى.

        شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ ئۆيىمىزنى مېھمان بېسىپلاۋالدى. دوستلۇرۇم ئىشتىن چۈشۈشكىمۇ ساقلىيالماي بېسىپلا كەپتۇ. بىر بىرىمىزنى يەپ كېتىدىغاندەك قانمايمىز. ھەممىسى ئوغلۇمنى تونۇپ ئەركىلىتىپ ، دىلئارەگە قاراپ « بۇ كىمۇ » دەيدۇ. مەن« قىزىم ، بېقىۋالدىم » دەيمەن. ھېلىقى ئەڭ جان جىگەر دوستۇم « زىبا، راست گەپ قىل، بالاڭ بار تۇرسا نىمىشقا يەنە بېقىۋالىسەن؟ بىرەرسى بىلەن ……» « ئاشۇنداق بولغان بولسىچۇ ئاشۇ ئادەمنى ئېلىپلا كېلەتتىم» دەپ چاقچاق بىلەن گەپنى تۈگەتتىم.

      ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى ئايلىنىپ تۈگەتتۇق دە، پىلان بويىچە ۋەتەننىڭ جەنۇبىنى ئايلانماقچى بولدۇق. ئالدى بىلەن ئاقسۇ ئاندىن قەشقەر، ئاتۇش، يەكەن، خوتەنگىچە باردۇق. ئاتۇشقا بارغىنىمىزدا قىزغىزىستان بىلەن چېگىرلەشكەن بىر تاغدىكى « يەتتە سۇ» دىگەن يەرنى زىيارەت قىلىپ قالدۇق. تاغ ئارىسىدىكى شېغىل يولدا كۆپكۆك ئەينەكتەك سۈيى بار بىر كۆلنى بويلاپ مېڭىپ بىر يەرگە كەلگەندە ، ئالدىغا ماشىنا كىرەلمەيدۇ، دەپ پىيادە مېڭىشىمىز كېرەك بولدى. سېرىق تاغ جىلغىسىدا ھوشۇققىچە مۇزدەك سۈپسۈزۈك سۇنى كېچىپ ئىچكىرلىدۇق. بالىلارنى بىرنەچچە ئوغۇل بالىلارر كۆتىرىۋالدى. تاغ ئىچكىرسىدە يەتتە يەردىن پەسكە شاقىراپ سۇ ئاقىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن « يەتتە سۇ» دەپ نام ئالغان بۇ يەرنىڭ خاسىيىتى بۇ سۇلار بەدەننىڭ نەرىگە تەگسە شۇ يەرنىڭ ئاغرىقىغا شىپا قىلارمىش. مېنىڭ كونا باش ئاغرىقىم بولغاچقا ھەممىلا سۇغا بېشىمنى تۇتۇپ تۇردۇم. تاغنىڭ ئىچكىرىسى بىر يەرلىرىدىن چىقىدىغان بۇ سۇ شۇنچىلىك سوغۇقكى ، ئەمدى بېشىم رەسمى ئاغرىيدىغان بولدى دىسەم، ئەكسىچە باش ئاغرىقىم  ئوڭشىلىپلا قالدى.

         باھار، بۇنى بۇنداق تەپسىلى سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى بۇيەردە بىر جۈپ ئەر ئايال ئۇچرىدى. يولدىشى ئايالىنى ھاپاش ئېتىۋاپتۇ. تاشلىق يەردە ھوشۇققىچە مۇزدەك سۇ ،ئەسلىدە بۇ يەردە يالغۇز  ماڭماقمۇ قىيىن ئىدى. ئۇ ئادەم ئايالىنىڭ ئاغرىپ يېتىپ قالغانلىغىنى ، شۇڭا مۇشۇ سۇدا پۇتلىرىنى يۇيۇپ، تاغنىڭ چوققىسىدىكى ئەۋلىيا قەدىمى يەتكەن مەسچىددە ناماز ئوقۇتقىلى ئېلىپ ماڭغىنىنى دىدى. تۇرمۇشى غورىگۈل كۆرىنىدىغان بىر جۈپ ئەر – ئايال. بۇ ئۆمرىدە بەلكىم مەن كۆرگەننى كۆرەلمەسلىگى مۇمكىن. ئەمما شۇ تۇرقىدا بۇ ئايالغا شۇنداق ھەۋىسىم كەلدىكى، كاشكى مېنىمۇ ئاشۇنداق ئايايدىغان بىرسى بولغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈيۈپ كۈل بولماسمىدىم- ھە!

        قەشقەرنى يەتكىچە ئايلىنىپ، يەكەنگە باردۇق. چىلتەنلىكىمگە چىقىپ چوڭ دادا ئاپامنىڭ قەۋرىسىگە چىقتۇق. يېزىدىكى ئۇرۇق تۇققانلارنى يوقلىدۇق. ئاندىن قارقاش،خوتەن……

      ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر نەچچە يېقىن دوستۇمغا دىلئارەنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئاشكارىلىدىم. ئويلىغىنىمدەك ھىچكىم بۇ ئىشنى توغرا دىمىدى. دوستلىرىم ئۇزۇن ئۇھ تارتىپ ئۈستەلگە، داستىخاندىكى بىرەر چىكىتكە، ئىستاكانغا، ئىشقىلىپ مېنىڭ يۈزۈمدىن باشقا نەرسىلەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئاخىرى ھېلىقى يېقىن دوستۇم سۈكۈتنى بۇزدى: » زىبا، سېنىڭ كاللاڭنىڭچۇ دەردى ئوبدانلا بار ئىكەن قۇمۇ»!

               باھار، باشقىلارنىڭ دىلئارەگە ياخشى مۇئامىلىدە بولماسلىغىدىن ئەنسىرىدىم. بەزىدە يېنىمدىكىلەرگە ئەسكەرتىپمۇ تۇردۇم. ئۇ شۇنداق چىرايلىق. قارىغا مايىل دولقۇن ئۇزۇن چېچى ،قوڭۇر تېرىسى، چىمدىپ قويغاندەك بۇرنى، تۈگۈپ قويغاندەك ئاغزى، يۈزىگە سايە تاشلايدىغان ئۇزۇن كىرپىكى بار. ئوغلۇم ئۇنىڭ ئەكسى، ئاق، ساغۇچراق بالا بولدى . ئىككىسى بىر بىرىگە شۇنداق ئامراق، ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. بارا بارا ھەممەيلەن دىلئارەنى قۇبۇل قىلدى ھەم ياخشى كۆرۈشكە باشلىدى. مېنىڭ دەم ئېلىشىممۇ ئاخىرلىشىپ قايتىشنىڭ تەييارلىغىنى باشلىغان بىر كۈنۈمدە، نىگارە تېلىفون قىلىپ سۈبھىنىڭ تۇققانلىرىنىڭ ماڭا چاي بەرمەكچىلىگىنى ئۇقتۇردى. يەنە ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈشۈمگە توغرا كېلىدىغان بولدى. ئەمما كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا بولغان ھىسيات پۈتۈنلەي ئۆلگەچكە، كەيپىياتىمدا ھىچقانداق داۋالغۇش بولىغان ھالدا ئولتۇرۇشقا باردىم.

          ئەتىسى دىيىشكەن ۋاقىتتىن سەل كېچىكىپ رىستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىنىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ كىردىم. ھەممەيلەن ئولتۇرۇپ بوپتىكەن. قىزلار كېلىپ مەن بىلەن يۈز يېقىپ كۆرۈشتى. ئوغۇللار بىلەن ، شۇ قاتاردا ئۇنىڭ بىلەنمۇ بېشىمنى يىنىك لىڭشىتىپ « ياخشىمۇسىز» دەپلا كۆرۈشتۈم. تۆردىكى تۇتقۇچلۇق ئورۇندۇققا جايلاشتۇرۇلدۇم. شۇندىلا ھەممەيلەنگە سەپسېلىشقا ئۈلگۈردۈم. نىگار بۇرۇنقىدەكلا يېنىمدا ئولتۇردى. ھەممەيلەن ئېھتىيات بىلەن مېنىڭ ئەھۋالىمنى سورىشاتتى. ئۇلار مېنى ئاياۋاتاتتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى يەردە قويماي كۈلۈمسىرەپ ئولتۇردۇم. ئۇ كۆپ ئۆزگەرمەپتۇ. ئەلۋەتتە ئەرلەر ئۆي تۇتۇپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۆزگىرىدۇ. ئۇمۇ شۇ دائىرە ئىچىدە ئۆزگىرىپتۇ. ئامال بار كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالماسلىققا تىرىشتىم. تاماق يىيىلىپ بىر چاغدا مۇزىكا قويۇلدى. بىر نەچچىسى ئۇسۇل ئويناشتى. نىگار مەندىن « ئوينامسىز ھەدە؟ » دەپ سورىۋىدى تېزلا ياق دىدىم.

         باھار، مەن ئۇسۇلنى چىرايلىق ئوينايمەن، ئەمما يېقىندىن بۇيان پەقەت ئۇسۇل ئوينايدىغان بىر كەيپىياتتا ئەمەسمەن. بىر نەچچە قول تانسا ئوينىلىپ يېڭى مۇزىكا باشلانغاندا ، يەرگە قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرسام بىرس ئالدىمغا كېلىپ تۇردى. بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئۇ ماڭا قولىنى تەڭلىدى. دەرھال نىگارغا قارىدىم. ئۇ قىز « قوپۇڭە ھەدە. بەك جىم ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز» دىدى. « ئالە شەرىڭنى » دەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.

         باھار ، بۇ كەمگىچە ئۇنىڭ قولى مېنىڭ بېلىمگە بىر قېتىم تېگىپ كەتكەن. بۇ قېتىمقىسى ئىككىنچى قېتىمى. قولۇمنى ئاستا ئۇنىڭ قولىغا قويدۇم. ئۇ ئوڭ قولىنى بېلىمگە تەككۈزدى. سول قولۇمنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە يىنىك ئالدىم. ئۇ مېنى سەل پەل ئۆزىگە تارتتى. پىشانەم ئۇنىڭ ئىڭىكىگە يېقىن كېلىپ قالدى. چوڭراق نەپەس ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم. لىرىك قايغۇلۇق بىر مۇزىكا ئىكەن. سورۇنغا باشقىلارمۇ چۈشۈپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتى چېچىلغاندا ئۇ بېشىنى سەل پەل ئىگىپ قۇلىقىم  تۈۋىگە « ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟ » دىدى. مەن ھەئە، دىگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم. بېلىمنىڭ ئۇنىڭ قولى تەككەن يېرى باشقىچىلا بىئارام ئىدى. ئۇ تۇتۇپ تۇرغان قولۇممۇ قان يۈگۈرمەيۋاتقاندەك مۇزلاشقا باشلىدى.

          باھار، بىر نەچچە يىل بۇرۇن مۇشۇ قوللارنىڭ ئىگىسىنى قانچىلىك كۈتكەن ئىدىم ھە. بۇ ئادەممۇ مېنى قانچىلىك ئازاپلىغان. ئەمما يىللاردىن بىرى بېشىمغا كەلگەنلىرى تۈپەيلى بۇ ئادەمنىڭ ھاياتىمدىكى سۈرىتى شۇنچىلىك سۇسلاپ كېتىپتىكى….. ھەتتا ئۇنى  ياخشى كۆرگىنىمنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مۇزىكا تۈگەپ ئۇ « رەھمەت » دىدى ، مەن ئۇنىڭغا قارىماستىن كۈلۈمسىرەپ « سىزگىمۇ» دەپ ئورنۇمغا قايىتتىم. بىر چاغدا نەۋرە سىڭلىمنىڭ ئۆيىدىكى بالىلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن تېلىفون ئۇرغىلى سىرىتقا چىقتىم. تېلىفوننى قويۇپ كەينىمگە بۇرۇلسام يەنە ئۇ. بۇ قېتىم قولۇمدىن تۇتۇپ ياندىكى ئادەم يوق ئايرىمخانىغا ئەكىردى. مەن قولۇمنى ئۇنىڭ قولىدىن بوشىتىپ « نىمە » دەپ سورىدىم . ئۇ « نىمىشقا مەن بىلەن بىر قېتىممۇ ئالاقىلاشمايسىز»دىدى . مەن « نىمىشقا ئالاقىلىشىمەن؟ مەن بۇرۇن ئالاقىلاشقاندا قانداق پوزىتسىيەدە بولغان ئىدىڭىز؟ يەنە نىمە دەپ ئالاقىلىشىمەن؟ ياخشى تۇرۇپسىزغۇ مانا، بەختلىك ئائىلە، مېھرىبان ئايال، بالىمۇ ئىككى بوپتۇ. مەن نىمىگە لازىم بولۇپ قالدىم ؟ » دىدىم . ئۇ « ماڭا قارىڭە» دەپ قولىنى ئىڭىكىمگە ئۇزاتتى. جان جەھلىم بىلەن قولىغا ئۇرىۋەتتىم دە ، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا  تىكىلدىم « مانا قارىدىم . نىمە ئىش قىلماقچى. مەن تۇل، ئەمما سىزنىڭ ئائىلىڭىز بار ، ئۇنتۇپ قالماڭ، كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز ئۆتۈڭ ماياققا » دەپ چىقىپ كەتتىم. ئۇزۇن ئولتۇرماي بالىلارنى باھانە قىلىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم . ئاخىرغىچە ئۇنىڭغا قايتا قارىمىدىم. تاكسىغا چىقىپ بارار جايىمنى دەپ بولغاندىن كېيىن كۆزۈمدىن ئىككى سىزىق بولۇپ ياش ئېقىشقا باشلىدى. باھار، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەس، ئۆلۈپ كەتكەن مۇھەببىتىم ئۈچۈن . ئۇ قەلبىمدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىپتۇ. ھەتتا جەسىتىمۇ قالماپتۇ. توزاندەكلا غايىپ بوپتۇ.

      ۋاقتىم توشۇپ قايتىدىغان كۈنۈم بولدى. ئايرىدىرومدا يىغا زارە بىلەن  خوشلىشاتتۇق. جېكىلەيدىغان گەپلەرنى قايتا قايتا دىيىشەتتۇق. ھېلىقى دوستۇم ئاستا يېنىمغا كېلىپ « زىبا، چاندۇرماي ئوڭ تەرەپ قىرىق بەش گىرادۇسقا قارا» دىدى. مەن ئۆرۈلۈپلا قارىدىم. دوستۇم دەرھال « چاندۇرماي دەپ تۇرغىنىم، يۈگۈرۈپلا بارمىدىڭ ياخشى . ئاۋۇ بالىچۇ سەن تۇرىدىغان يەرگە ئوقۇشقا بارىدىكەن. ئىسمى ئۈمىت ئىكەن. قانۇن دوختۇرى دەيدۇ» دىدى. « يوغان ئىش بوپتۇ، ئاللاھغا ئامانەت ئادىشىم، ساق سالامەت كېتىۋالغىن دىگەن گەپلەر بولسا دىگىنە » دىدىم. ئايرۇپىلانغا چىقىدىغان ۋاقتىم بولۇپ ئىككى بالىنى ئېلىپ ماڭدىم . بالىلار بۇ نەچچە ئاي بۇ يەردىكىلەرگە بەك ئېچەكىشىپ كېتىپتىكەن. يىغىنى بىر باشلىۋىدى، ئىككىسىنى ھىچبىر پەسلىيەلمەي ، كۆتۈرەي دىسەم كۆتۈرەلمەي تۇرسام ، بايىقى بالا يېنىمغا كېلىپ « ئەگەر سىزگە مالاللىق يەتمىسە ئوغلىڭىزنى مەن كۆتىرىۋالاي » دىدى. مەن « سىزنى ئاۋارە قىلارمەنمۇ» دەپ تۇرسام ئوغلۇم ئۇ بالىغا قوللىرىنى ئۇزاتتى. ئۇ ئوغلۇمنى دەس كۆتۈردى ، مەن دىلئارەنى كۆتۈرۈپ ئىچىگە ماڭدۇق. كەينىمگە قارىمىساممۇ دوستلىرىمنىڭ كۈلۈۋاتقىنىنى سېزىپ تۇرىمەن. ئۆچرەت ساقلاپ تۇرساق تېلىفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى.

      « ياق ياق دەيدۇ، موك موك يەيدۇ . ئۇ كىمۇ؟ » دوستۇم ئىكەن.

      « دەپ بەرمەيمەن» دەپ قايتۇرىۋېتىپ بۇ بالىغا يۈزلەندىم.

     « ئىسمىڭىزنى سورىماپتىمەن»

         ئۇ ماڭا قارىمايلا « ئۈمىت » دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇنى ئەمدى مېنىڭ ئىسمىمنى سورايدىغان بولدى دەپ ، ئاۋازىمنى چىرايلىق چىقىرىپ ، ئىسمىمنىڭ قۇيرۇقىنى كۆتۈرۈپ « زىبا! » دىيىشكە تەييارلىق قىلىپ تۇرسام ، ئۇ ئوغلۇمدىن « سېنىڭ ئىسمىڭ نىمە يىگىت؟ نەچچە ياشقا كىردىڭ ؟ » دىمەسمۇ. ئوغلۇم چۈرۈك ئاۋازى بىلەن « غەييۇر ، 4 ياشقا كىرىمەن »،دەپ جاۋاپ بەردى.

         ئۈمىت مېنىڭ قولۇمدىكى قىزىمغا قاراپ« سىزچۇ خان» دىۋىدى، دىلئارە بېشىنى مۈرۈمگە قويىۋالدى. ئوغلۇم « ئىسمى دىلئارە، تۆت ياشقا كىرىدۇ» دىۋىدى، ئۈمىت ماڭا قاراپ « قوشكېزەكما » دەپ سورىدى. مەن « شۇنىڭغا يېقىنراق» دەپ جاۋاپ بەردىم.

       ئايروپىلاندا يېنىمدا ئولتۇرغان ئادەم بىزنى بىر ئائىلە دەپ ئويلاپ قېلىپ، زورلاپ ئۈمىتنى يېنىمغا ئەكىلىپ قويدى. ئوغلۇممۇ ئۇنىڭغا چاپلىشىپ « داداش بىلەن بىللە ئولتۇرىمەن»، دەپ ئۇنىڭ قۇچىقىدىن چۈشمىدى. مەن بولسام ئۇنىڭ مېنىڭ ئىسمىمنى سوراپ قويمىغىنىغا سەل قوساق كۆپۈكىدە ئىدىم. ئايرۇپىلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندە يۈرىكىم يىنىك ئاغرىشقا باشلىدى. يەنە ئاشۇ تۇرمۇشقا قايتىشىم كېرەك. بۇ تۇپراقتا مەڭگۈلۈك ياشاش ئەمدى مۇمكىن بولماسلىغى مۇمكىن. مەن بۇ يەر ئۈچۈن بىر مېھمان. ئۈمىت مەندىكى كەيپىيات ئۆزگىرىشىنى سېزىپ « بىئارام بولىۋاتامسىز؟ » دەپ سورىدى. مەن پەرۋاسىزلا « ھاۋا بېسىمى بىئارام قىلىۋاتىدۇ » دەپلا قويدۇم. ئۇمۇ شۇنىڭ بىلەن ماڭا گەپ قىلىشنى توختاتتى. ئەمما ئوغلۇم ئۇنىڭ بىلەنلا بولۇپ مېنى ئۇنتۇپ كەتتى. مانا ئەمدى مەن پەقەت دىلئارەنىڭلا ھالىدىن خەۋەر ئالساملا بولىتى.

        بېيجىڭدا بىر كېچە قونىشىمىز كېرەك ئىدى. ئاۋىئاتسىيە قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئورنىدا ئىشلەيدىغان ساۋاقدىشىم ماڭا ئايرىدىرومغا ئەڭ يېقىن ، ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان ماشىنىسى بار مېھمانخانا ئۇقۇشۇپ قويۇپتىكەن. مەن ئۈمىتتىن قانداق قىلىدىغىنىنى سورىدىم. ئۇ خالىغان يەردە قونسا بولىۋېرىدىغىنىنى ئېيىتتى. مەن ساۋاقدىشىمغا قايتا تېلىفون قىلىپ ئۇنىڭغىمۇ بىر ئۆي ئالغۇزدۇم. ئوغلۇم ئۇنىڭدىن ئاجرىماي جاھاننىڭ سۇئالىنى سوراپ بولدى. مەن بالىلارنى ئېلىپ ئۆزۈم ياتىدىغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئاخىرى چىدىماي« مېنىڭ ئىسمىمنى سورىمىدىڭىز» دەۋەتتىم. ئۇ كۈلۈپ « ئىسمىڭىزنى بىلىمەن. ئىسمىڭىز زىبا» دىدى.

        باھار، بۇ بالا ماڭا شۇنچىلىك غەلىتە بىلىندىكى ، ئەتىسى ئايرۇپىلاندىكى ئورنىمىزنى بىر يەردىنلا ئالدۇق. خەلقئارالىق لېنىيەگە ئۇچىدىغان چوڭ ئايرۇپىلاننىڭ بىر يېقىلا تۆت ئورۇندۇقلۇق بولغاچقا ئىككىمىز ئىككى چەتتە، ئىككى بالا ئوتتۇرىدا، بەئەينى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەكلا ئىدۇق. ئۇ گەپنى ساتىدىغاندەكلا ئاز قىلىدىكەن. دىمەكچى بولغىنىم ماڭا.

       باھار،بالىلار بىلەن گېپى تۈگىمەيدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭغا بەك دىققەتتە بولمىدىم .   

ئاخىرى فىرانكىفورتقا كەلدۇق. ئايرۇپىلاندا ئۇزۇن سەپەر قىلىشقا شۇنچىلىك ئۆچمەنكى، پويىز ياخشىراقمىكى دەپ ئويلايمەن. ئۇ چەتئەللىكلەر چېگرىدىن كىرىدىغان تەرەپتە تۇرىشى كېرەك. شۇڭا خوشلاشتۇق. تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرۈپ تېلىفون نۇمۇرۇمنى قالدۇردۇم. ئۇمۇ مېنىڭ ئۈندىدارىمنى قوشۇۋالدى. ھاياتىم يەنە ئىزىغا چۈشتى. قەھۋەخانىنىڭ سودىسىغا قارىشىم، ھىساۋاتىنى باشقۇرۇشۇم كېرەك. بالىلار يەسلىدە. كەچلىرى ئۆيگە قايتىپ ئۈرۈمچى بىلەن بىللە بولىمىز. سۈبھىنىڭ ئاپىسى ھەپتىدە بىر كۈن بالىلارغا قارىشىپ بېرىدۇ. مەن شەخسى ئىشلىرىمنى قىلىۋالىمەن.

       باھار، ئۈمىت مەن بىلەن ئالاقىلاشمىدى. ئۈندىداردا تېلىفون نۇمۇرى بىلەن ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويغانچە يوقاپ كەتتى. ئوقۇشقا كەلگەندىنكىن ئالدىراشتۇ دەپ ئويلىدىم. ئۈرۈمچىدىكى دوستلۇرۇم ئۈندىدار توپىمىزدا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى سورىۋىدى« خاتىرجەم بولۇڭلار. تىرىككە قارىغاندا ئۆلۈككە قىزىقىدىغان بالا ئىكەن » دىدىم. راستنى دىسەم بۇ سەل ئىززەت نەپسىمگە تەگدى. ئۇنىڭ مېنى ئىزدىمەسلىگىنى ئىككى بالىسى بار ئايالنى ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىدى دەپ چۈشەندىم.

       شۇنداق قىلىپ نەچچە  ئاي ئۆتۈپ ئۇنىڭدىن ئۈندىدار ئۇچۇرى تاپشۇرىۋالدىم « ياخشىمۇسىز، تېلىفون قىلسام ئەپلىكمۇ؟» « ياخشىمۇسىز. ئەپلىك» دىدىم. ئۇنىڭ تېلىفونى كەلدى. مەن نىمىلا دىگەن بىلەن ساھىپخان ئورنىدا ئىدىم ، شۇڭا يېقىملىقراق بولۇشقا تىرىشتىم. ئۇ ئۆزىنىڭ بەك ئالدىراش بولۇپ قالغىنىنى ئېيتتى. ئويلىسام پەيشەنبە بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا « ھەپتە ئاخىرىدا كېلەمسىز؟ ئۆي تامىقى سېغىنغانسىز ؟ » دىۋىدىم ، دەرھال ماقۇل بولدى. « پاھ، بۇ غەم بولمىسا تېلىفون قىلماسكەنتۇقتە» دەپ ئويلىدىم. ۋاقىتنى دىيىشتۇق. مەن ئۇنى ئالغىلى بارىدىغان بولدۇم. شەنبە ئەتتىگەن تۇرۇپ ئۆي تازىلىدىم. چۈشتە بالىلارنىڭ قورسىقىغا بىرنىمە قىلىپ بېرىپلا لەغمەن بىلەن چۆچۈرىگە تەييارلىق قىلدىم. ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ئەستايىدىل ياساندىم. ئاندىن بالىلارنى ، ئۈرۈمچىنى ئېلىپ، ئۇنى ئالغىلى باردىم.

      باھار ، بالىلارنىڭ بولۇپمۇ ئوغلۇمنىڭ ئۇنى كۆرگەندىكى خوشاللىغىنى دىمەيلا قوياي. « داداش» دەپ ئۆزىنى ئاتتى. ئۈرۈمچىمۇ سەزگۈرلىگىنى يوقىتىپ ئۇنى تەپسىلى پۇراپ چىقىپ قۇلىقىنى سالپايتتى. ئۈمىتمۇ بالىلارنى ۋە ئۈرۈمچىنى قۇچىقىدىن چۈشۈرمىدى. ئۇ ئۈرۈمچىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆردىكى ، ئۇلارنىڭ يېقىنلىقىنى كۆرۈپ ئاخىرى چىدىماي « كەسىپداشلار» دەپ سالدىم. ئاندىن ئۆزۈمنىڭ گېپىمگە ئۆزۈم كۈلۈپ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار ماڭا قاراپ كۈلمەي تۇراتتى. « سەت بولدى ھە» دىدىم-دە، تاماققا تۇتۇش قىلدىم.

         دالاننىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىغا ئېسىلغان سۈبھى ئىككىمىزنىڭ چوڭ سۈرىتى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ خۇددى بىرەر گۇمانلىق يىپ ئۇچى تاپماقچى بولغاندەك، بىر قولىدا ئۈرۈمچىنىڭ ئىڭىكىنى قاشلىغاچ ئۇزۇن تىكىلىپ تۇرۇپ كەتتى. مەن ئاشخانا ئۆينىڭ دالانغا قارايدىغان ئىشكىدىن ئىككى ئۆتۈپ ئۇلارغا قاراپ قويدۇم. تاماق پىشقانلىغىنى باھانە قىلىپ ئۇنى ياندۇرۇپ كىردىم.

       ئۈمىت ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرۇپ يۇمغاقسۈت بىلەن پىننە سېلىنغان ئارا چىنىدىكى چۆچۈرىدىن بىر قوشۇق تېتىپلا « مەن سىزنى تاماقنى بۇنداق ئوخشىتالايدۇ دەپ پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن» دىدى. مەن كۆرەڭلىك بىلەن « سىز ئويلىمىغان ئىشلار جىق » دىدىميۇ، شۇ زامات پۇشايمان قىلدىم. باھار، ئۇنىڭغا پەقەت ياخشى كۆرۈنۈشكە تىرىشىۋاتقاندەك تەسىر بەرگىم يوق ئىدى. ئەمىلىيەتتىمۇ شۇ.

         چۆچۈرە يىيىلىپ بىرەر سائەتتىن كىيىن لەغمەن ئەتتىم. ئۆزۈمچە ئوخشىدى دەپ ئويلىدىم . ئۈمىتمۇ « تاماققا ئۇستىكەنسىز . ئادەتتە ئۆيدە ئۇيغۇرچە تاماق ئېتەمسىز ؟ بالىلار ياخشى يەمدۇ ؟ » دەپ سورىدى. « كۈندىمۇ ئەتمەيمەن. ئۆزۈم ئۇيغۇرچە تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالماپتىمەن» دىدىم. شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. . ئۇ تۇيۇقسىز « زىبا، مەن سىز توغىرلىق بەك جىق ئاڭلىغانتىم » دەپ سالدى. مەن كۈلدۈم« شۇنداقمۇ، سىلەر بىر يەرگە ئوقۇشقا بارساڭلار بارىدىغان تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمەي، شۇيەردىكى تۇل چوكانلارنى سۈرۈشتۈرەمسىلەر» دەپ ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم. ئۇ پەقەت ھودۇقمىدى. « بۇنداق تىكەنلىك بولىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىريەرگە بارىمەن دىدىڭىز ئەتراپىڭىزدىكىلەر شۇيەردىكى تونۇشلىرىنى سىزگە تونۇشتۇرىدۇ. سىزمۇ شۇنداق تىلغا ئېلىنىپ قالدىڭىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇنقى يولدىشىڭىزنىڭ ۋاپاتى بىلەن ماڭا بەكراق چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپتىكەنسىز. ئايرىدىرومدا كۆرۈپلا سىزنى تونۇغان ئىدىم. ئەمما بۇ قىزىڭىز توغىرلىق ھىچكىم بىر نىمە دىمىگەن » دىدى. ئۇنىڭ باشقا خىياللاردا بولماسلىغى ئۈچۈن ھېلىقى ھىكايىنى ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم سۆزلەپ بەردىم.

ئۇ ماڭا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ كەتتى« قىزىڭىزنىڭ د ن ئا   نەتىجىسىنى تەكشۈرتتىڭىزمۇ ؟ »

« بېشڭنى يەيدىغان » دىدىم ئىچىمدە ۋە بېشىمنى چايقىدىم. « ئەمدى ھاجىتى يوق. بۇ يىللار جەريانىدا ئۇنىڭغا مېھرىڭىز پەيدا بولدى.

– ئەگەر بالا راستلا يولدىشىڭىزنىڭ بولسا قايتىدىن بىر ئازاپلىنىسىز. بولماي قالسا نەگە ئاپىرىپ قويىسىز؟ باقسىڭىز بىر ئۆمۈر ئازاپلىنىسىز. شۇڭا بەزى ئىشلارنى يا ۋاقتىدا قىلىسىز يا بىر ئۆمۈر قىلمايسىز» دىدى.

      باھار، ئۇنىڭ تۇرمۇش ھىكايىسىمۇ ئاددى ئىكەن. بىر توي قىپتۇ. كېيىن ئاجرىشىپ ئايالى بىر قىزىنى ئېلىپ چەتئەلدىكى مەلۇم بىر دۆلەتكە چىقىپ كېتىپ، شۇ يەرلىك بىرسىگە تېگىپتۇ. ئۈمىتنىڭ بىر ئىنىسى ئاۋىستىرالىيەدە ئىكەن. ئاتا- ئانىسى دەم ئېلىشقا چىقىپ ئىنىسىنىڭ يېنىدا تۇرىۋېتىپتۇ. ئۇكۈنى كەچتە ئۇنى پويىز بېكىتىگە ئاپىرىپ قويدۇم. شۇندىن كېيىن ئۇ يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى بولغاي، بىر ئايغىچە كۆرۈشەلمىدۇق.

قايتا كۆرۈشكىنىمىزدە ئۇ جۈدەپ قاپتۇ. مەن كاۋا مانتىسىغا تەييارلىق قىلىپ قويغان . ئۇ بالىلار بىلەن ئىتنى ئوينىتىپ ئولتۇردى. مەن ئاشخانىدا ئىشىمنى قىلىۋەردىم. ئۇكۈنى تامىقىممۇ ئوخشاپتىكەن. بۇ قېتىم تېلىۋوزور بار ئۆيدىكى كىرىسلودا ئولتۇرۇپ بالىلارنى ئويناتقاچ ئەركىنراق پاراڭلاشتۇق. ئۇ خىزمىتىدىن ۋە باشقا ئۆزى قىزىقىدىغان نەرسىلەردىن پاراڭ قىلاتتى. مەن جىقراق گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىنىكى تۇرمۇشۇم توغىرلىق سۆزلەيتىم. ئىككى بالا قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى. تۇيۇقسىز چىقىراپ يىغلىغان ئاۋاز دىققىتىمىزنى بۆلدى.ئىتتىك تۇرۇپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم . ئوغلۇم يۈگىرەۋېتىپ ئويۇنچۇققا پۇتلىشىپ يىقىلىپ پىشانىسى پەلەمپەينىڭ  قىرىغا تېگىپ قان چىققىلى تۇرۇپتۇ. قاننى كۆرۈپ پۇت قولۇمدا ماغدۇر قالمىدى. ئۈمىت بالىنى كۆتۈرۈپ، قانىغان يەرگە پاكىز لۆڭگىدىن بىرنى بېسىپ دوختۇرخانىغا بېرىشىمىزنى ئېيىتتى. مەن تىترەپ ماشىنا ھەيدىگىدەك ھالىم يوق ئىدى. ياخشى ئۇ پىراۋىسىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈپتىكەن. ئىككى بالا بىلەن مېنى ئېلىپ تېز قۇتقۇزۇشقا كەلدۇق. دوختۇر يارىنى كۆرۈپ ، دورىلاپ، تىكىپ، رەسىمگە ئېلىپ قايتىشىمىزغا رۇخسەت قىلغاندا يېرىم كېچە بولغان. ئوغلۇم ئۇنىڭ قۇچىقىدىن يىغلاپ چۈشمەيتى. ئوغلۇمغا ئۇنىڭ قايتىدىغانلىغىنى ئېيىتسام ئوغلۇم « داداش مۇشۇ يەردە ئۇخلىسۇن » دەپ تۇرىۋالماسمۇ. نىمىلا دىسەم چۈشەنمەيدۇ. ئاخىرى ئۇ ئوغلۇمنى ئېلىپ ئوغلۇمنىڭ ئۆيىدە ئۇخلايدىغان، مەن قورقۇپ كەتكەن  قىزىمنى ئېلىپ مېنىڭ كارۋىتىمدا ئۇخلايدىغان بولدۇق. ئۈرۈمچى مېنىڭ ياتاق ئۆيۈمنىڭ بوسۇغىسىدا ياتتى.

        باھار، ئۇ كېچە گەرچە ئاۋالقى ھادىسىدىن قورقۇپ كەتكەن بولساممۇ ، بەك چارچاپ كەتكەچكىمىكى ، ئۇيقۇ دورىسى ئىچمەيمۇ شۇنداق خاتىرجەم تاڭ ئاتقىچە ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. بۇنى ئۇنىڭ ئۆيدە بولغانلىغىدىن بولىشىمۇ مۇمكىن دەپ ئويلىدىم. بىر ئەركىشىنىڭ  ئۆيدە بولىشى بەزىدە كىشىنى ئاشۇنداق خاتىرجەم قىلىدىكەن. ئەلۋەتتە ئالدىنقى شەرتى ئۇ بىر ياخشى ، ئەخلاقلىق ئەر كىشى بولسا.

        ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئانچە مۇنچە ئۆزۈمنى تۈزەشتۈرۈپ ئوغلۇمنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەككىنىمدە ئۇ، ئوغلۇم، ئۈرۈمچى ئۈچى يەردىكى گىلەمدە ئولتۇرۇپ ئويناۋېتىپتىكەن. ئۇ ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدى. ئۇنىڭ بۇ كۈلۈمسىرىشى مەندە كۈلكىدىن كۆرە يىغا قوزغىدى. ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ ئۇنىڭغا قاراپ « سالام، خەيىرلىك سەھەر، ياخشى ئۇخلىيالىدىڭىزمۇ » دىدىم.

       باھار ئۇ ماڭا سۈبھىنى ئەسلەتتى. مەن سۈبھىنى مۇشۇنداق بىر سەھەردە بالىمىز بىلەن ئويناۋاتقان يېرىدە كۆرۈشنى، مۇشۇنداق ئەتتىگەنلىك سالام بېرىشنى قانچە ئارزۇ قىلغان. ئۇ ئۆزى كەتتىيۇ ماڭا بىر ئاۋارىچىلىقنى قويۇپ قويدى.

         ئەتتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن ئۈمىتنى ئاپىرىپ قويغىلى ماڭدۇق. يولدا گەپ قىلغىم پەقەت كەلمىدى. ئۇمۇ بۇنى سەزگەندەك سۈكۈتتە ئولتۇردى. ئاددىلا خوشلاشتۇق. تەشەككۈرۈمنى بىلدۈردۈم. ماشىنىنى قورۇغا ئەكىرىپ تۇرۇشۇم سۈبھىنىڭ ئاپىسىنىڭ ماشىنىسى كەينىمدىن كېلىپ توختىدى. ئۇ بالىلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئوغلۇمنىڭ پىشانىسىنى كۆرۈپ نىمە ئىش بولغىنىنى سورىدى. مەن بولغان ئەھۋالنى دىدىم. ئوغلۇم گەپكە ئارىلىشىپ « بىزنى داداش دوختۇرغا ئاپاردى » دەپ سالدى. سۈبھىنىڭ ئاپىسىنىڭ دىققىتى نەۋرىسىنىڭ جارائىتىدىن « داداش» قا يۆتكەلدى. « كىمنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىدۇ ؟ » دەپ سورىدى. بىراق مەن قىلچە تەمتىرمىدىم . ئىشىكنى ئاچقاچ « ئۈرۈمچىدىن ئوقۇشقا كەلگەن بىر تونۇشۇم. تۈنۈگۈن شۇ ماشىنا ھەيدىمىسە مېنىڭ ماشىنىدا ئولتۇرىدىغانمۇ ھالىم يوقتى، شۇنى دەيدۇ» دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم. سۈبھىنىڭ ئاپىسى « ياخشى تونۇشامتىڭلار؟ پات پات كۆرىشىۋاتامسىز؟ » دىدى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ. مەن چاي دەملەشكە تۇتۇنغاچ« ياق ئاپا. مۇشۇنداقلا تونۇشاتتۇق. پات پات كۆرىشەلمەيمىز. ئۇنىڭ ئىشى بەك ئالدىراش. » دىدىميۇ ئىسمىنى دەپ بېرىشكە قەتئى رايىم بارمىدى. سۈبھىنىڭ ئاپىسىمۇ ئەقىللىق ئايال. مۇشۇ يەردىلا توختىدى. مەن چاينى دەملەپ كېلىپ ئىستاكاننى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم.

          باھار، ئۈمىتنى بەزىدە سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇنى ياخشى كۆرگىنىمدىن ئەمەس، شۇنداق بىرسىنىڭ يېنىمدا بولىشىنى خالىغىنىمدىن. ئاشۇنداق ماشىنا ھەيدىيەلمەيدىغان ۋاقتىمدا ئاچقۇچنى قولۇمدىن ئېلىپلا ماشىنىنى قوزغاتسا، مەن تاماق ئېتىۋاتقاندا بالىلارغا ھەمراھ بولسا، ئەتكەن تامىقىمنى ياقتۇرۇپ يىسە، كەچتە مېنىڭ ئورنۇمدا ئىشىك- دەرىزىلەرنى تاقاپ ياتسا، ئەتتىگەنلىرى مېنىڭ تۇرغۇم كەلمەي ياتسام بالىلارنىڭ تامىقىنى بېرىپ تۇرسا….. قىسقىسى ماڭا « بۇنداق قەيسەر بولىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. قالغىنىغا مەن بار » دىسە. ئۇ دوختۇر بولامدۇ، كاسسىر بولامدۇ، ئوقۇتقۇچى بولامدۇ ، نىمىلا بولسا كارايىتى چاغلىق. مەسئۇلىيەتچان ، گېپىدە تۇرىدىغان ، خاتالىقىنى تونۇپ كەچۈرۈم سورايدىغان ئەر بولسا كۇپايە ئىدى.        

      ئۈمىت ئىككى ھەپتىدىن كېيىن تېلىفون قىلىپتۇ. ئەگەر خالىسام دەم ئېلىشتا بالىلارنى ئېلىپ بىرەر يەرگە بېرىپ كېلىشنى ئېيىتتى. جىق تاتىشمايلا ماقۇللۇق بىلدۈردۈم. بالىلارنىڭ تەييارلىغىنى قىلىپ ، ئۈرۈمچىنى ئېلىپ ، ئۇنى ئالغىلى باردىم ۋە شەھەر سىرتىدىكى بىر ساياھەت ئورنىغا يول ئالدۇق.

     تەلىيىمىزگە ھاۋا بەك ياخشى .  ئىسسىق ئەمەس، ئەمما ئارامبەخش. بالىلار ھازىر سۇئالى بولسا بۇ داداشتىن سورايتى. ئوغلۇم تۇرۇپلا « ئاپا، داداش سېنىڭ ئوغۇل دوستۇڭما » دەپ قالدى. قىزىم پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى. مەن بولسام ھودۇققىنىمدىن قولۇم ماشىنىنىڭ يامغۇر سۈرتكۈچىگە تېگىپ كېتىپ، ئۇنى توختىتىمەن دەپ سىگنال چىرىغىغا تېگىپ سېلىپ شۇنداق بېسىرەمجان بولۇپ كەتتىم. ئۈمىت قولىنى مۈرەمگە قويۇپ « تەمتىرىمەڭ » دىدى. باھار، ئۇ قولىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنمۇ خېلىغىچە  ئۇنىڭ قولىنى مۈرەمدە باردەكلا ئېغىر ھىس قىلدىم . ئۇ ئوغلۇمغا  بۇرۇلۇپ « سەن دەپ باقە » دىگەنتى ، بالىلار بىر بىرسىگە قاراپ كۈلۈشۈپ «ھەئە، سەن ئاپامنى ياخشى كۆرىسەن » دەپ جاۋاپ بەردى. ئۈمىت يەنە « ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ » دەپ بالىلارنى گەپكە سېلىشقا باشلىدى. دىلئارە« توي قىلىسىلەر. ئاپام چىرايلىق  ئاق كۆينەك كىيىدۇ . بىز كۆينىكىنىڭ كەينىنى تۇتۇپ ماڭىمىز. ئۈزۈك تاقايسىلەر . ئاندىن سۆيۈشىسىلەر » دىدى ۋە ئىككىلىسى ئاغزىلىرىنى تۇتۇشۇپ باشلىرىنى كەينىگە تاشلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. بالىلارغا « بەك ئەقىللىق ئىكەنسىلەر بالىلىرىم  » دەپ قويۇپ ئۈمىتكە بۇرۇلدۇم ۋە « تويدىڭىزمۇ ؟ » دىسەم ئۇ بىر خىلدا « يۈزىڭىز قىزارسا چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەنسىز » دەيدۇ. دەرھال ئالدىمغا قارىۋالدىم ۋە تېخىمۇ قىزىرىپ كەتتىم.

      باھار، پۈتكۈل ساياھەت جەريانىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ھىسياتتا بولدۇم. پەقەت ئۆزىمىزلا بۇنداق ئەمەسلىگىنى بىلىمىز. كەچتە قونالغۇدا ئوغلۇمنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلغىسى ھىچ كەلمەي « داداش بىز بىلەن ياتسۇن ، بىزنىڭ كارۋىتىمىز چوڭغۇ» دەپ تۇرىۋالدى. « بىر ئۆيلۈك بولمىساق بىر ئۆيدە ئۇخلىمايمىز » دىسەم « مېنىڭ دوستۇم بىزنىڭ ئۆيدە قوندىغۇ، سېنىڭ دوستۇڭ قونسىمۇ بولىدۇ » دەيدۇ. نىمىلا دەپ چۈشەندۈرسەم بالا ئۇنىمايدۇ.  شەيتىنىم شۇنداق تۇتتىكى، كۈلۈپ ئۆزۈمنى پەقەت تۇتىۋالالمىدىم. ئاخىرى ئوغلۇم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتىدىغان بولدى. ئۈمىت بالىنى كۆتۈرۈشىگە بالا ئۇنىڭ بوينىنى چىڭ قۇچاقلاپ ماڭا دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرىۋالدى. ئۈمىت كۆزۈمگە قاراپ « ئوغلىڭىز بىر ئەر كىشىنى سېغىنىپ قاپتۇ » دىدى. بۇنى مەنمۇ ھىس قىلىۋاتاتتىم. مەن تۇرمۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىغىنىم بىلەن دادىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايتىم. بۇھەم بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق ئەمەس. ئەمما كىم بۇنداق بىر ئائىلىگە دادا بولالايدۇ؟ مۇشۇ كۆز ئالدىمدىكى ئادەممۇ؟

      بۇ ئىككى كۈن، يېقىنقى  تۇرمۇشۇمدىكى ئەڭ خاتىرجەم ئىككى كۈن بولدى. ساياھەتتىن قايتىپ ئۈمىت ھەپتە دىگىدەك كېلىپ تۇردى. بالىلار ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي كۆندى. مەنمۇ ئۇنى ئۇنداق بەك مېھمان قاتارىدا كۆرمەيدىغان بولدۇم. ئۇ ئائىلەمگە، تۇرمۇشۇمغا سىڭىپ كىرىپ بولغان ئىدى.

      ئۈمىتنى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئىزدەشكە باشلىدى. سۈبھىنىڭ ئاپىسىمۇ ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بالىلىرىم ئۇنى نەدىلا كۆرسە ئۇنىڭغا  ئۆزىنى ئاتاتتى. ئىككىمىزنىڭ بۇ خىل غەيرى يېقىنلىق مۇناسىۋىتىمىز ھەممەيلەنگە ئاشكارە بولدى. مەنمۇ بۇنى  يوشۇرماس بولدۇم. بىر يىل توشۇپ ئۈمىت ۋەتەنگە بىر قايتىدىغان بولدى. ئۇنى ئايرىدىرومغا ئاپىرىپ قويدۇم. غەلىتىلا خوشلاشتۇق. ئۇنىڭ يىراقلاپ كېتىپ بارغان سىياقىغا قاراپ شۇنداق بىر يىغا تۇتتى. خۇددى ئۇ تۇرمۇشۇمدىن چىقىپ كېتىپ بارغاندەكلا. بەلكىم ۋەتەننىڭ گۈزەل قىزلىرىدىن ئۇنى كۈنلەۋاتقاندىمەن.

        ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئۇنىڭدىن ساق سالامەت بېرىۋالغانلىق ھەققىدە ئۇچۇر كەلگەندىلا ئۇف دىدىم. يېنىمدا ياتقان ئۈرۈمچىنىڭ بېشىنى سىلاپ « سېنىڭچە ئىككىمىزنىڭ بىللە بولىشىمىز مۇمكىنمۇ ؟» دىسەم، ئۇ بىر قۇلىقىنى دىڭ قىلىپ قويدى« ئەللىك پىرسەنت دىمەكچىمۇ سەن» دەپ بېشىمنى تىزىمغا قويۇپ خىيالغا پاتتىم.

      ئۈمىت بىلەن كۈن ئارىلاپ كۆرۈشۈپ تۇردۇق. سىرتتا بولمىساق ۋېدىئولۇق كۆرىشمىز. بۇنداق چاغدا تېلىفون ئىككى بالا بىلەن ئىتتىن ئاشمايدۇ. بالىلارغۇ مەيلى، ئۈرۈمچىنىڭمۇ ئېكران تالىشىشلىرىغا ھەيرانمەن. بالىلار پۈتۈن دەيدىغاننى دەپ بولۇپ ، ئۈرۈمچىمۇ ئۇنى كۆرۈپ ھارغۇدەك قاۋاپ بولغاندىن كېيىن نۆۋەت ماڭا كېلىدۇ. « ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟» دەيدۇ ئۇ. مەن ھەر قېتىم « يامان ئەمەس ، سىزچۇ؟» دەيمەن. ئاندىن ئۇ كىملەرنى كۆرگىنىنى، نىمىلەرنى قىلغىنىنى دەيدۇ. بەزىدە بىردەم غەيۋەتكە چۈشۈپ كېتىمىز. كەيپىياتىم ناچار كۈنلىرى كۆپ گەپ قىلمايمەن. ئېكراندىكى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىمەن. شۇنداق جىق سۇئاللار تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىدۇيۇ ، سۈكۈتنى تاللايمەن. چۈنكى جاۋابى كۈتكەن يېرىمدىن چىقمىسىلا بۇ خىل ھەمكارلىغىمىز بۇزۇلىدۇ. بۇ مۇناسىۋىتىمىزغا بىر ئېنىقلىما سورىغىم كېلىدۇ، مۇھەببەتداش؟ يېشىمىز سەل چوڭمۇ ھە؟ ھازىرقى مودا بويىچە   ئاشنا؟ بۇ گەپنىڭ سەتلىگىدىن ئاغزىمغا ئالغۇممۇ كەلمەيدۇ. 

        باھار، ئالتە ھەپتە بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت بولغىيمىتى. نەۋاق ئۇ كەتكىلى. ئۇ كەلگەن كۈنى ئايرىدىرومغا قەستەن چىقمىدىم . بەزىدە ئەقلى ھوشۇمنىڭ جايىدىلىغىدىن گۇمانلىنىمەن. نىمىشقا دادىل بولالمايمەن؟ راستنى دىسەم قورققىنىمدىن ئەمەس، ئاۋارىچىلىق ھىس قىلغىنىمدىن. قايتىدىن مۇھەببەتلىشىپ، سىنىشىپ، يامانلىشىپ، ياخشىلىشىپ……… باھار، بۇنداق ئويۇنلارغا ۋاقتىملا ئەمەس ئۇپراتقىدەك زېھنىممۇ قالمىدى. بىز دىگەن قۇرامىغا يەتكەنلەر. نىمىلا مۇناسىۋەتتە بولايلى ئوچۇق ئاشكارە، سەمىمى بولىشىمىز كېرەك. ئۇ تۇرار جايىغا بېرىپ بولۇپ تېلىفون قىلىدۇ، دىگەن ئىشەنچ بىلەن ئولتۇرىۋەردىم. ئەمما «نائۈمىت » قالدىم. ئۇ شۇكۈنى تېلىفون قىلىمىدى. ئەتىسىمۇ جىمجىت. خىيالىمدا بىر پۈتۈن ھىكايە يېزىلىپ بولدى. ئۇ بۇقېتىم چوقۇم بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قالدى. سەت ( گۈزەل) كالامپاي (نازلىق ) سۆرۈن ( يېقىملىق) بىر قىزدۇ. ئۇلار توي قىلىشقا پۈتۈشتى. شۇڭا مەن بىلەن ئارىلىق ساقلىشى كېرەك. نىمە ئىش قىلسا قىلمامدۇ ، مەن بىلەن نىمە ئالاقىسى بار؟ دەپ ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم يامانلاپ ئىككى كۈننى ئۆتكۈزىۋەتتىم.

          ئۈچىنچى كۈنى تېخىمۇ پەللىگە چىققان بىر تىت-تىتچىلىقتا قەھۋەخانىنىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇرسام ، كۈتكۈچى قىز مېنى بىرسىنىڭ ئىزدەيدىغىنىنى ئېيىتتى. ئىككىنچى قەۋەتكە باشلاپ قويۇشنى ئېيتىپ بالكونغا چىقتىم. كۈز پەسلى، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل . مۇھەببەت باھاردا باشلىنىپ، كۈزدە كولمىناتسىيەگە يېتىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ مۇھەببىتىم تۇغۇلمايلا رەھمەتلىك بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ. بىرسىنىڭ كەينىمدە قاراپ تۇرغىنىنى سەزگەندەك قىلىپ بۇرۇلدۇم. كۆزۈم ئۈمىتنىڭ يۈزىگە چۈشتى. شۇنداق سېغىنىپ شۇنداق خوشال بولۇپ تۇرساممۇ ، كۆزۈمدە لىق ياش ئەمما زەھەرلىك كۈلۈمسىرەپ « ۋىيەي، ئادىراسمان ئوشتىۋېتەيمۇ؟ مۇبارەك قەدەملىرىڭىز يېتىپ قاپتۇ » دىدىم. ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە « سالام زىبا » دەپ ئوڭ قولى بىلەن سول قولۇمنى تۇتتى. ئەمدى قارشىلىشىدىغان ماغدۇرۇممۇ قالمىدى. ئوڭ بېلىكىمنى ئاستا ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئالدىم . ئۇ بېلىمدىن ئۆزىگە تارتتى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا « مەرھابا، خۇش كەلدىڭىز » دىدىم .

       كىرىسلودا ئۇنىڭغا يۆلىنىپ، قولىمىزنى كىرىشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇزاق  پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ مېنى كۆرمەستىلا مېنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىم تۈپەيلى ماڭا قىزىقىپتىكەن. مېنى ئايرىدىرومدا كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قاپتىكەن. « ئەمىسە نىمىشقا ئىسمىمنىمۇ سورىمىدىڭىز؟ باشتىن ئاخىرى بىر خىل بىپەرۋا قىياپەتكە كىرىۋالىسىز ؟ » دىدىم ھەيرانلىق بىلەن. ئۇ بارمىقى بىلەن بوينۇمغا چېكىگلىك مۈشۈكنى سىلاپ تۇرۇپ« سىز گىرمانىيە گىراژدانى، تۇرمۇشى باياشات ئىچىدىكى ئايال . ئەگەر مەن بەك تەشەببۇسكار بولسام سىزنىڭ ھەرنىمىلەرنى ئويلىشىڭىز تۇرغانلا گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېشىڭىزدىن ئۆتكەن بۇ ئىشلاردىن كېيىن، سىزنىڭ باشقا بىر ئەرنى قايسى دەرىجىدە قۇبۇل قىلالايدىغانلىغىنىڭىزنى بىلمەيمەن. بالىلىرىڭىز مېنى ياخشى كۆرەمدۇ يوق تېخى. شۇڭا سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ بولۇپ تۇرمۇشىڭىزغا كىرگەندىن ، تۇرمۇشىڭىزنى چۈشىنىپ ، رايىڭىزنى سىناپ ئاندىن كۆڭلۈمنى بىلدۈرەي دىدىم . ئەمدى قارىسام خاتالاشماپتىمەن». بوينۇم قىچىشىپ بېشىمنى تارتتىم « بەكمۇ ئېھتىياتچانكەنسىز » دىدىم.

           يەسلىگە بالىلارنى ئالغىلى بىللە باردۇق. ئىككى بالا ئۇنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئاتتى. ئۆيگە قايتقىچە سۆزلەپ ھىچ توختىمىدى. ئۆينىڭ ئىشىكنى ئېچىشىمغا ئۈرۈمچى بىزگە ئەمەس ئۇنىڭغا ئېتىلىپ ئۇنى يالاپلا كەتتى. مەن كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ تاماققا تۇتۇش قىلدىم. بۇ جەرياندا ھىچكىم قارىمىسىمۇ تاتلىق كۈلۈمسىرەيتىم ، خۇددى بېشىمغا ھىچنىمە كېلىپ باقمىغاندەك بەختلىك بولىدىغىنىمغا ئىشىنەتتىم.

            سالام باھار ،  

ئۇزاق بولدى ساڭا خەت يازالمىدىم. بەختلىك كۈنلەرنىڭ يازغىدەك نىمىسى بار دەيسەن.       

ئۈمىت، مەن ۋە ئىككى بالا بەختلىك بىر ئائىلە بولۇپ ياشاۋاتىمىز.      

      ئۆينى سېتىپ، دېڭىز بويىدىن باشقا ئۆي ئالدۇق. بۇرۇنقى ئۆي سۈبھىدىن قالغان . يېڭى تۇرمۇشۇمغا يېڭى ئۆي بولۇشى كېرەك دەپ ئويلىغانىدىم. بۇ پىكىرىم ئۈمىتكە ياقتى. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇ ئويدا ئىكەنلىگىنى ، ئەمما مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ ئېيتالمىغىنىنى ، بۇدا ئالىدىغان ئۆيگە ئۇمۇ پۇل چىقىرىدىغىنىنى ئېيىتتى. ماقۇل بولدۇم. ئۇ ئەمدى ئائىلە خوجايىنى بولىدۇ ، ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇش ئۇنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرىدۇ. مەنمۇ بۇنى قەتئى كۆڭلۈمگە ئالمايمەن دىيەلمەيمەن. ھازىر ئادەملەر ئۆزىگىمۇ ئىشىنەلمەس بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا دائىم ئارزۇيۇمدىكى ئۆينىڭ دېڭىز بويىدا ئىكەنلىگىنى دەيتىم. شۇڭا بۇ ئۆينى دېڭىز بويىدىن ئالدۇق. ياتاق ئۆيۈم ئىككىنچى قەۋەتتە. دېڭىزغا قارايدىغان يوغان قوش قاناتلىق ئىشىكى بار بالكونلۇق ئۆي . ئۇنىڭ يېنىدا كارۋىتىم. دەرىزىگە ئاپئاق سىدام پەردە تارتىپ قويدۇم. بەزى كۈنلىرى ئېچىقلىق ئىشىكتىن كىرگەن شامال پەردىنى ئۇچۇرۇپ كارۋاتتا ياتقان مېنىڭ ئۈستىمگە ياپىدۇ. قەھۋەخانىغا بارمىغىنىمدا دېڭىزنىڭ ھەرقايسى ۋاقىتتىكى ھالىتىگە قاراپ ياتىمەن. بۇنداق ۋاقىتتا ئۈرۈمچى كارۋىتىمنىڭ يېنىدىكى يەردە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ئۇ ھازىر تازا قىران ۋاقتىدا، بەكمۇ يوغىناپ كەتتى. ئەتتىگەنلىرى بالدۇر ئويغىنىپ قالسام، ھاۋا ياخشى بولسا بالكوندا قەھۋە ئىچكەچ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئويغىنىشىنى ساقلايمەن. دېڭىزنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەنكى، بېلىق بولۇپ قالغان بولسامچۇ دەيمەن. بېلىقنىڭ سەككىز سېكۇنتلۇقلا خاتىرىسى بارمىش . مەنمۇ ئاشۇنداق بولسام ، ئۆتكەن كۈنلەر، ئادەملەرنىڭ ھىچقايسىسى ئېسىمدە قالمىسا.      

       يەنە ئېزىپ كەتتىم . باھار، بالىلىرىمنىڭ كۆڭلىنى دەپ توي چېيى بەردۇق. بۇنداق كۈنلەرنىڭغۇ قىيا چىيا بىلەن ئۆتكىنى ياخشى. بالىلارنى كۆتۈرسۇن دەپ ئېتىكى ئۇزۇن سوزۇلۇپ تۇرىدىغان ئاق كۆينەكتىن بىرنى كىيدىم. يارىشىملىق كاستيۇم بۇرۇلكىلىق ئۈمىتنى قولتۇقلاپ ، بالىلارغا كۆينىكىمنى كۆتۈرگۈزۈپ، دوستلىرىم باشلىرىمىزدىن چېچىۋاتقان گۈللەرنىڭ ئاستىدىن مېڭىپ زالغا كىرگىنىمدە ئۈچىنچى نىكاھرىم بولسىمۇ، مەن يېڭى كېلىن ئىدىم. ئۈمىتنىڭ ئاتا- ئانىسى ئاۋىستىرالىيەدىن كەلگەن ئىدى. سۈبھىنىڭ ئاپىسى ماڭا ئاپا بولدى. دوستۇمنىڭ تېلىفون ئېكرانىدا ۋەتەندىكى ئاتا- ئانام، قىقاس توي بولدى، باھار. بۇ تويۇم ئالدىنقىلىرىغا ئوخشىمايدۇ. مەن ئەمدى چۈشلىرىم ئىچىدە ياشايدىغان ياش قىز ئەمەس. تۇرمۇشقا ئارتۇقچە تەلىۋىم يوق. خاتىرجەملىكلا ئىستەيمەن. بۇيىللار كۆڭۈل ئاغرىقىدىن شۇنداق تويدۇمكى.

      ئۈمىت تەتقىقات ئورنىدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ بىر يەردە ياردەمچى بولىۋاتىدۇ. ئۇ كەسىپتە بەك ياخشى، ئەڭ چوڭ توسالغۇسى گېرمان تىلى. شۇڭا يەنە مەكتەپتە گېرمانچە ئۈگىنىۋاتىدۇ. ئۇنى قەھۋەخانىنىڭ ئىشلىرىغا قارىشىشقا ئارىلاشتۇرمىدىم. بۇنداق بولسا ئىككىمىز 24 سائەت، 7 كۈندىن ئايرىلماي چارچاپ قالىمىز. ئىككىلىمىزنىڭ ئۆز ئىشىمىز بىلەن ئالدىراش ، كەچلىرى، دەم ئېلىشتا بىللە بولىدىغان تۇرمۇشىمىزنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇچراتقان ئادەملىرىمىز ، ئىشلىرىمىز توغىرلىق قىزىقىپ سۆزلىشىمىز. بىللە تاماق ئىتىمىز. دەم ئېلىش كۈنلىرى ئويغانساقمۇ قوپماي ئۇنى بۇنى پاراڭلاشقاچ ياتىمىز. تۇرمۇشۇمنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتتىم. ھىچنىمىگە ئالدىرىمايمەن. بۈگۈنۈمنىلا ياشايمەن.

        ھېلىقى چوڭ بازاردا چۈشكەن رەسىمنى ياخشى ئوراپ سۈبھىنىڭ نەرسىلىرى بىلەن قازناققا ئەكىرىۋەتتىم. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇزۇن قارىۋالدىم. شۇندىن كېيىن سۈبھى چۈشۈمگىمۇ كىرمەس بولۇپ كەتتى.

        بالىلار مەكتەپكە كىردى . ئوقۇغۇچىلار فورمىسى كىيىپ، سومكىلىرىنى ئېسىشىپ، قوللىرىنى تۇتۇشۇپ مەكتەپكە بېرىپ كېلىدۇ. زوقۇم بىلەن قاراپ تۇرۇپ كېتىمەن. بەزىدە دىلئارەنىڭ مېنىڭ قىزىم ئەمەسلىگىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن. بەلكىم بىركۈنلىرى راستلا ئۇنتۇپ قالارمەن.

       بىركۈنى ئۈمىتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر خىزمەتدىشى بىلەن ۋېدىئولۇق كۆرۈشۈپ قالدۇق. ئەر- ئايال ئىككىلىسى قانۇن دوختۇرى ئىكەن. ئۈمىت بۇ ئىككىسىنى دائىم زوق بىلەن تىلغا ئالىدۇ. تىرىشچان ، يېقىملىق بىرجۈپ ئىمىش. بولۇپمۇ ئايالى ئۆز كەسپىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغان قىز ئىكەن. بالىسى يوقمىش. ئېكراندا كېلىشكەن بىر يىگىت كۆرۈنۈپ يېقىملىق سالام بەردى. بۇلار مەندىن كىچىك بولغاچقا مېنى « ھەدە» دەپ چاقىرىشى كېرەك ئىدى. يىگىت ئورنىنى ئايالىغا بەردى. بۇ قىزنى بىر كۆرۈشۈمدىلا ياخشى كۆردۈم. تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىرىنى كۆرمىگەن بىر سىما، مەسۈم يۈز، تازا كۆز، ئويماق ئەمما ئاجىز ئەمەسلىگى  بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئېغىز. چاقماقتەك تېز گەپ قىلىدىكەن. « ھەدە، ئىتىڭىزنى كۆرەيچۇ، نىمدا پەيزى ، ئىسمىنى بەك ياخشى كۆردۈم» دەپ جاڭىلداپ سۆزلەيدىكەن. مەن قېرىپ قالدىممۇ قانداق؟

        شۇنداق باھار، ئاستا، تىنىچ ھايات كەچۈرۈشنى باشلىدىم ھەم مۇشۇنداق ياشاپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

(تامام)

2 Replies to “باھارغا خەت (4)”

جاۋاب يېزىش