پەرزەنتىڭىزنى ساغلام چوڭ قىلاي دىسىڭىز

تۆۋەندىكى ئادەت بالىنىڭ تەقى- تۇرقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، بۇنىڭغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىڭ

ئاتا-ئانىلاردا بۇنداق تەسىرات بارمۇ يوقمۇ بىلمەيمەن، باشقىلارنىڭ بالىسى قانچە چوڭ بولغانسىرى شۇنچە چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ بالىسى بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر كىچىڭ ئادەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بۇنىڭغا سەل قارىساق بولمايدۇ. قېنى ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىش دېگەن نېمە ؟ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىش بولسا ئۇخلىغاندا بۇرۇن بىلەن نەپەسلەنمەي ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىشنىڭ خەتىرى ئۇزۇن مۇددەت ئېغىز بىلەن نەپەسلەنگەندە، بالىنىڭ يۈز سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ ھەمدە، بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى تۇرقى ناھايىتى ئوماق، ئەمما چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاستا- ئاستا « ئۇنچە ئوماق ئەمەس» بولۇپ قېلىشدەك بىرخىل پاجىئە كېلىپ چىقىدۇ.(مەسىلەن يۇقۇردىكى رەسىمدىكىسى بىر بالىنىڭ ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىپ 3 يىلدىن كېيىنكى چىراي ئىپادىسى)

ئۇزۇن مۇددەت ئېغىز بىلەن نەپەسلەنگەندە، بالىنىڭ چىشى ئالدىغا تومپىيىپ چىقىپ ھىڭگاڭ چىش بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە ئېڭىكى كەينىگە قىسقىراپ، « بەزسىمان تەنچە چىرايى» پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىشنىڭ سەۋەپلىرى ۋە كېسەللىك ئامىلى :

بىرىنجى خىل سەۋەپ: بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن مونچاق گۆشى يوغىناش، بۇرۇن قالقىنى يوغىناش، بەزسىمان تەنچە يوغىناش، بادامبەز يوغىناش، بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى ئەگرىلىشىش قاتارلىقلار. يۇقىرىقى سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى نەپەس يولىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نەپەسلەنگەندە بۇرۇننىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالا پەقەت ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.ئەگەر بالىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئېغىز ئارقىلىق نەپەسلىنىش ئادىتى بارلىقى بايقالسا، بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، كېسەللىك سەۋەبىنى بالدۇر تېپىپ، بالدۇر داۋالاش كېرەك.

ئىككىنجى خىل سەۋەپ: بالىنىڭ ئۆزىدە ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىش ئادىتى بولۇشى مۇمكىن.بۇخىل ئادەت ۋاقتىدا بايقالسا بالدۇر تۈزەتكىلى بولىدۇ، بولمىسا بالا چوڭ بولۇپ چىراي ئىپادىسى مۇقۇملىشىپ بولغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش تولىمۇ قېيىن. بالىدا ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىش ئادىتى بار يوقلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز ؟كۆپچىلىككە ئاددىي بولغان ئۇسۇلدىن بىرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. قەغەز قولياغلىق بىلەن يىرتىلغان كىچىك قەغەزنى كالپۇكنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغاندا، ئەگەر باغاقچىنىڭ پۈۋلىنىپ يەنە سۈمۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىڭىز، بۇ ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ.ئەگەر بالىڭىزادا يۇقارقىدەك ئەھۋاللار بولسا ئەڭ ياخشىسى بالىڭىزنى دوختۇرغا كۆرسىتىڭ. تالالىق ئېلېكتىرونلۇق بۇرۇن- يۇتقۇنچاق ئەينىكى ئارقىلىق بالا ئۇخلاۋاتقان چاخدىكى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى بۇرۇننىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئەھۋالىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇرۇن- يۇتقۇنچاق يان تەرىپىنى رېنتگېندە سۈرەتكە ئالغاندا، بەزسىمان تەنچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە بۇرۇن- يۇتقۇنچاق قىسمىنىڭ ھاۋا يولىنىڭ كەڭ- تارلىقىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. نورمال ئەھۋالدا، ئەگەر بەزسىمان تەنچە ياكى بادامسىمان تەنچىنىڭ چوڭىيىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولسا، بەزسىمان تەنچە ئادەم تۇغۇلغاندىن كېيىن چوڭىيىشقا باشلايدۇ، 7 ~ 10 ياشقا بارغاندا ئەڭ چوڭ ھەجىمگە يېتىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە تەدرىجىي كىچىكلەشكە باشلايدۇ.بالىلار : ئوپراتسىيە قىلغاندا بەز تەنچىسىنى كېسىپ تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بالا 10 ياشتىن كېيىن بەزسىمان تەنچە تەدرىجىي قىسقىراشقا باشلايدۇ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا يەنىلا بالىنىڭ ئېغىز ئارقىلىق نەپەسلىنىشىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، دوختۇرنىڭ كەسپىي تەكلىپى ھەمدە ئائىلە باشلىقىنىڭ ئەندىشىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى تەپسىلىي ئويلاپ، ئوپېراتسىيە قىلىش قىلماسلىقنى ئويلىشىش كېرەك.ياش – ئۆسمۈرلەر : بالا ئۇزۇن مۇددەت ئېغىز ئارقىلىق نەپەسلەنگەنلىكتىن، يۈز سۆڭىكى ياكى چىشلار تەكشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قىڭغىر ئۆسۈپ قالغان چىشلارنى مەخسۇس تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ.قۇرامىغا يەتكەنلەر : بۇ مەزگىلدە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ چىراي شەكلى ئاساسەن مۇقۇملىشىپ بولغانلىقى ئۈچۈن پەقەت تاشقى كىسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ .

بىزنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشتىكى مەقسىتىمىز ئاتا- ئانىلارنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغاش ئۈچۈن. كىچىككىنە بىر ئادەت، بالىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك چىرايىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاندىن پۇشايمان قىلماڭ. ئامال بار ۋاقتىدا دوختۇرغا كېسەل كۆرسىتىڭ.

تەرجىمىدە : ئابلەتجان

مەنبە : بىلىك سالونى

جاۋاب يېزىش