باھارغا خەت

(ھىكايە)

رەنا غوپۇر

        ئېسىڭدە بارمىكى باھار، ئۇنىڭ بىلەن مەن كىچىكىمىزدىن تونۇشاتتۇق. ئۆيىمىزدىكىلەر يېقىن ئارىلىشىدىغان بولغاچقا، يىلدا بىرەر قېتىم ئۇچىرىشىپ قالاتتۇقيۇ، پەقەت پاراڭلىشىپ باقماپتىكەنمىز. ھەتتا ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ باققىنىمنىمۇ ئەسلىيەلمەيمەن. ئەمما قىزىقى شۇكى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چوڭلارنىڭ زورى بىلەن قىلغان تاغ سەيلىسىدە ئۇمۇ ماڭا، مەنمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىپتىمەن. ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشىم ئۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان يىگىتكە بەكمۇ ئوخشايدىكەن. ئۇنىڭ ماڭا دىققەت قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورايمەن دەپ ئىزچىل ئۇنتۇپتىمەن. ئۇ ھەتتا مېنىڭ ئاشۇ كۈنى كىيگەن كىيمىمدىن تارتىپ، ئىگىز بوغۇلغان ئۇزۇن چېچىمغىچە ئېسىدە تۇتىۋاپتۇ. شۇنداق، بۇرۇن چېچىم ئۇزۇن ئىدى. « ئاياللارنىڭ چېچى ئۇزۇن ، ئەقلى قىسقا » دەيدىغانلارنى ئىنكار قىلىپ چاچنىغۇ كالتە قىلدىم ، ئەمما ئەقلىم ئۇزارمىدى.

       يېقىنقى يىللاردىكى قايتا ئۇچىرىشىمىز بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ تويىدا بولدى. ئۇ يىگىت بېشى ئىكەن. ئىككى قولتۇقىغا ئىككى بوتۇلكا ھاراقنى قىستۇرۇپ يىگىتلەر ئولتۇرغان ئايرىمخانىغا مېڭىشى مېنىڭ گىرىمخانىدىن يېنىپ مەرىكە زالىغا كىرىشمگە توغرا كەلدى. ئىشىكتە دوقۇرۇشۇپ قېلىپ، يۆتكەلسەك بىر يۆلىنىشتە يۆتكىلىپ، تۇرساق تەڭ تۇرۇپ قېلىپ ھىچ ئۆتىشەلمىدۇق. ئاخىرى ئۇ « ياخشىمۇ سىز، مەن جىم تۇراي، سىز ئۆتىۋېلىڭ » دىدى. مەن جاۋابەن« ياخشىمۇسىز» دەپ ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىمنى مىق قاققاندەك دەسسەپ، ئۇزۇن كېچىلىك كۆينىگىمنىڭ پېشىغا دەسسىۋالماسلىق ئۈچۈن قولۇمدا ئۇنى سەل كۆتىرىۋالغان ھالدا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتىم. مەنچە ئۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ دوستىنىڭ ئوغلى، ئەمما مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق دىگەنلا بىر ئادەم ئىدى.

ئارىدىن يەنە نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى.

      ئۇنىڭ ھاياتىدىكى  ئەڭ قىيىن كۈنلەردە مەن يۇرتۇمغا قايتقان ئىدىم. دادىسى بىلەن ئاپىسى بىرلا ۋاقىتتا ئاغرىپ قېلىپ، ھەر ئىككىلىسى دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلمىدە يتىپ قالغندا ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىرتاللا ئوغۇل بولغان ئۇنىڭ زىممىسىگە چۈشۈپتىكەن. ئاپامغا ھەمرا بولۇپ ئۇلارنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇنى بىر غەمكىن قىياپەتتە كۆردۈم. ساقاللىرى ئۆسۈك، ئۇيقۇسىزلىقتىن كۆزلىرىنىڭ چۆرىلىرى قارايغان، چىرايى تاتارغان….. ئاپام بىلەن يۈز يېقىپ كۆرۈشۈپ ماڭا بېشىنى لىڭشىتىپ «ياخشىمۇسىز» دىدى. مېنىڭ سالام جاۋابىممۇ شۇنچىلىكلا بولدى. ئاپام ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى سوراشقا باشلىدى . مەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بۇ يەردە يوقلىغىغا دىققەت قىلدىم. بەلكىم ئۆيگە تاماق ئەتكىلى كەتكەندۇ دەپ باشقىچە گۇماندا بولمىدىم. ئۇندىن كېيىن ئاپام نەچچە قېتىم تاماق ئېتىپ مەندىن ئەۋەتتى. قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۈندىدارنى قوشۇۋالدۇق. ئەمما پەقەت پاراڭلىشىپ باقمىدىم . بىر كۈنى دەم ئېلىشتا ئۆيدە زېرىكىپ مەن ياخشى كۆرىدىغان بىر دۆلەتنىڭ رەسىمىگە « بارغىم بار» دىگەن سۆزنى قوشۇپ چەمبىرەككە چىقاردىم. ئون مىنۇتلاردىن كېيىن ئۇ ئىنكاس يېزىپ« مېنىڭمۇ» دەپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن» قايسى دۆلەتكە ھەممىدىن بەكرەك بارغۇڭىز بار؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ بارغۇسى بار دۆلەتنى، شەرقى ياۋروپادىكى كىچىك بىر دۆلەت ئىكەنلىگىنى دەپ بەردى. ئىككىمىزنىڭ ئالاقىمىز شۇنىڭدىن كىيىن رەسمى باشلاندى. ئالاقىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ بىلەن بەك جىق ئورتاقلىغىمىز بارلىغىنى سەزدۇق. ھەتتا تۇغۇلغان كۈنىمىزمۇ بىر كۈنلا پەرق قىلىدىكەن. ئۇ مەندىن بىر كۈنلۈك چوڭ ئىكەن. شۇندىن كېيىن ھەر يىلى تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۇنى ئەسلىمەي تۇرالمايمەن. خۇددى بۇ كۈنمۇ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغاندەكلا ئالاھىدە بىلىنىدۇ.

ئۇنىڭ ئىسمىچۇ تېخى. باھار، بۇ دۇنيادا بىر ئىنساننى ئۆزىنى كۆرمەي ئىسمىنى ئاڭلىمىساڭ ھامان بىر كۈنى ئۇنتۇپ كېتىدىكەنسەن. ئەمما ئۇنى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئىسمى يا تىرىكىم يا ئۆلۈكۈم ئاڭلىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس بىر ئىسىم.

     شۇ پەدىدە كۈندە ئۇچۇرلىشىپ تۇردۇق. ياخشى كۆرگەن كىنولارنى، ناخشىلارنى، ئادەملەرنى سۆزلىشىمىز. تېلىفونۇم سايرىسىلا قارىمايمۇ ئۇ ئىكەنلىگىنى بىلىمەن. ئۇنىڭغا ئاشۇ قايغۇلۇق كۈنلىرىدە مەن مەدەت بولدۇم دىسەممۇ بولىدۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى تۇققىنىمىزنىڭ ئوغلى ئايالى بىلەن مېنى ئۆيىگە چاقىردى. پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ گېپى چىقىپ قالدى. نەۋرە ئىنىم ماڭا بىركۈنى ئۇنىڭ ماشىنىسىنى بىر ئالىي مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا كۆرگىنىنى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ خوڭكوڭغا خىزمەت بىلەن كېتىپ قالغان ۋاقىت بولغاچقا، نەۋرە ئىنىم ئۇنى قايتىپ كەلگەن بولسا كۆرىشەي دەپ تۇرسا ئۇنىڭ ئايالىنىڭ باشقا بىر يېشى چوڭ ئادەم بىلەن مېھمانخانىدىن چىققانلىغىنى دەپ سالدى. ئۇنىڭ ماشىنىسى ئەينى چاغدا شەھىرىمىزدە ئېسىل ماشىنا ھەم نۇمۇر تاختىسىنىڭ ئۆزگىچىلىگى بىلەن كۆزگە چېلىقاتتى. نەۋرە ئىنىمدىن بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دىگەن دىمىگەنلىگىنى سورىدىم. نەۋرە ئىنىم« بۇ گەپنى  قانداق دەيسەن؟ » دەپ قايتۇرۇپ سورىدى. شۇندىلا ئۇنىڭ ئايالىنىڭ دوختۇرخانىغا بىر قېتىم بېرىپ قويمىغىنىنى ئاڭلىغىنىم ئېسىمدىن كەچتى. شۇچاغدا تېلىفونۇم سايرىدى. چوقۇم ئۇ. قارىمىدىم. نەۋرە ئىنىم چاقچاق قىلىپ« بىرسى بىلەن دىيىشىپ قويغانمىتىڭ» دىدى. بىرىنچى نىكاھرىم كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇرۇق تۇققان، دوست بۇرادەرلەر ئۆزلىرى ياخشى دىگەن ئادەملىرىنى ماڭا سايە قىلاتتى. ئالدىنقى كۆڭۈل ئاغرىقىنى ئۇنتۇپ كېتەلمىگەچكە ھازىرلاتىن يەنە بىر نىكاھغا قەدەم قويۇشنى ئويلاشمىدىم. بويتاقلىق يامان ئەمەسقۇ؟ ئەركىنلىك ئۆزۈمنىڭ قولىدا. ھىچكىمگە ئېھتىياجىم يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ياقا يۇرتتا ئىشلەيمەن. بۇيەردىكى بىرسى مەن بىلەن ماڭامدۇ يا مەن ئۇنى دەپ ياخشى خىزمىتىمدىن ، شۇنچە يىل ئورناتقان ئجتىمائى مۇناسىۋىتىمدىن كېچەمدىمەن؟

        نەۋرە ئىنىمنىڭ چاقچىقىغا « دىيىشىپ قويمەندە ئەلۋەتتە ئاران كەلگەندە» دەپلا جاۋاپ قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن چىقىپلا ئۇچۇرغا قارىسام« نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز » ئىكەن. ماشىنىدا قايتقاچ يەنە سۆزلىشىپ ماڭدۇق.

       ئاخىرى ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئۇنى تەبرىكلىدىم. ئۇمۇ مېنىڭ مەدەتلىرىمگە رەھمەت ئېيىتتى. مېنىڭ قايتىدىغان ۋاقتىم يېقىنلىشىپ مىنى مېھماندارچىلىق بېسىپلاۋالدى. بىر كۈنى بىر رىستۇراننىڭ لېفىتىگە ئاران ئۈلگۈرۈپ چىقسام ئىچىدە يالغۇز ئۇ تۇرۇپتۇ. ئىككىلىمىز ھاڭ تاڭ بولۇپ قالدۇق. ئۇنىڭ چىرايى كۆپ ياخشىلىنىپتۇ. مەنمۇ ئۆيدىن  تازا ياسىنىپ چىققانتىم. ئۇ « بۇنداق چىرايلىق ياسىنىپ نەگە ماڭدىڭىز» دىدى . مەن دوستلىرىم بىلەن تاماققا دىيىشىپ قويغىنىمنى ئېيىتتىم. ئۇمۇ دوستلىرى بىلەن كۆرىشىدىكەن. ئايرىمخانىمىز خوشنا ئىكەن. ئۇ كەچتە مۇۋاپىق كۆرسەم مېنى ئاپىرىپ قويسا بولىدىغىنىنى ئېيىتتى. مەن بەك تېزلا ماقۇل جاۋابىنى بېرىپ سالدىم. پۈتكۈل ئولتۇرۇش جەريانىدا يۈرىكىم ئاغقاندەكلا ھىس قىلدىم. دوستلىرىممۇ روھىمنىڭ سورۇندا ئەمەسلىگىنى ئېيتىشتى. بىر ۋاقىتتا ئۇ ئۇچۇر قىپتۇ« ماڭامسىز؟ » دەپ. مەن « سىزنىڭ تۈگىدىما؟ » دەپ سورىسام « ياق، بالدۇرراق ماڭايلىمىكى دىگەنتىم» دەپ جاۋاپ بەردى. مەن بېشىم ئاغرىغانلىغىنى باھانە قىلىپ، دوستلىرىم بىلەن خوشلىشىپ، ئۇ كۈتىۋاتقان يەرگە كەلدىم- دە، ئاندىن ئۇنىڭ ماشنىسىنىڭ يېنىغا كەلدۇق. بۇ ئۇنىڭ مەن بىلىدىغان ماشىنىسى ئەمەس ئىدى. سەۋەبىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا ئىشىكنى ئېچىپ بەرگەچ ئۇنى ھازىر ھەيدىمەيۋاتقىنىنى ئېيىتتى. ئاستا ئايلىنىپ يولغا چىقتۇق. نىمە توغىرلىق پاراڭلىشىشنى بىلمىگەندەك ئۇ يولغا مەن دەرىزىدىن تالاغا قاراپ ئولتۇرۋاتىمەن. ئۇ ئېغىز ئېچىپ بىرەر يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كەلسەك بولىدىغان بولمايدىغىنىنى سورىدى. مەن ئۇنىڭدەك شەھىرىمىزنىڭ داڭدارلىرى بىلەن نەگە بېرىشنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغىنىنى بىلمەيدىغىنىمنى ئېيىتتىم. ئۇ مېيىقىدا كۈلدى. كېيىن بىلسەم بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاجراشقىلى ئىككى ئاي بوپتىكەن. پەقەت سىرتقا دىمەپتۇ. ئۇ مېنى بىر ئالىي دەرىجىلىك كەچلىك كولۇپقا باشلاپ باردى. ھەشەمەتلىك بېزەلگەن، بەرنا يىگىت شوخ قىزلار بىلەن سەھنە تولغان، غۇۋا چىراققا قوشۇلۇپ تاماكىنىڭ ئىسىدا ھەممە ئادەم چۈشتەكلا بىر يەر ئىكەن.

         باھار، مېنىڭ زۇۋاندارلىغىمنى بىلىسەن . ئەمما ئىچىملىك بۇيرۇتۇپ، ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلۈپ، بىر يۇتۇم ئىچكىچىمۇ گەپ قىلىشمىدۇق. ئىككى خىل ھىسياتتا قىينىلىمەن. ئۇ ئائىلىسى، ئايالى بار ئەر. بىز دوست دەپمۇ قويايلى. بۇكەچتە بىر ئەر جىنىسلىق دوست بىلەن يالغۇز بۇنداق يەرلەردە ئولتۇرۇشنى مۇۋاپىق دەپ ئويلىمايمەن. قوپۇپلا كېتەي دىسەم ئۇنىڭمۇ ئايالى باشقىلار بىلەر سىرىتقا چىقىپتىغۇ دەپ كەتمەسلىككە باھانە ئىزدەيمەنۇ، بۇخىل ئۇسۇلدا ئۆچ ئېلىشنى ماڭا نىمە قويدى دەپ ئۆزەمنى ئەيىپلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن ئاغزىمنى ئاچساملا قاملاشمىغان بىرنەرسە دەپ سېلىشتىن ئەنسىرەپ جىم ئولتۇردۇم. جىمجىتلىقنى ئۇ بۇزدى« سىز ئادەتتە كۆپ گەپ قىلمايدىكەنسىز-دە؟». « چوڭدىن كېلەمدىكى دىدىمغۇ!» .

     قارا باھار، ئەسلى گەپتە ئۇتتۇرمايتىم. ئۇ كۈلۈپ قويۇپ ئاستا ئۆزى توغىرلىق سۆزلەشكە باشلىدى. ۋاراڭ چۇرۇڭدا ئاۋازىنى  ئېنىق ئاڭلىيالماي بېشىمنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.

    باھار، يېقىملىق پۇرايدىغان ئادەملەرنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ يېقىملىقنىڭ ئۆزۈمچە بىر ئېنىقلىمىسى بار. ھەممە ئادەم ياقتۇرغان پۇراقنى ياخشى كۆرۈپ كېتىشىم ناتايىن. ئۇنىڭ پۇرىقى، نىمە دىسەم بولار، بىرخىل دەرەخنىڭ پۇرىقىدەك تەبىئى، تونۇش ھەم يەڭگىل ئىكەن. بۇ ئەتتىر بەلكىم  يېڭى چاچقاندا كۈچلۈك بولغىيتى. ئەمما ھازىرقى قالدۇق پۇراق بىرخىل ئارامبەخش ئىكەن. تۇيدۇرماي ئۇنىڭغا سەپ سېلىشقا باشلىدىم. بارماقلىرى ئۇزۇن، تىرناقلىرى پاكىز ئېلىنغان. ئۇ مەندىن تاماكا چېكىشىگە ئىجازەت ئالغانىدى. ئوڭ قولىنىڭ بارمىغىغا تاماكا قىستۇرۇغلۇق، قالغان بارماقلىرى بىلەن مۇز سېلىنغان ۋوتكا قاچىلانغان ئىستاكاننى ئويناپ ئولتۇراتتى. بېلىكىدە ھەشەمەتلىك ئەمەس ئەمما ئېسىل ماركىلىق سائەت. توي ئۈزۈكى يوق ئىكەن،ھە راست. گەرىس دەمتۇق شۇنداقراق بىر نىپىز پوپايكا كىيىپتۇ. قارا ئەمما قېرى چىراي ئەمەس. ئۇنىڭغا قارىغان بولۇپ يۈزىگە قارىدىم. ساقىلى ئېلىنغان، چېچى سەل دولقۇن ، مودا پوسۇندا ياسىتىلغان. ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى. مەن چۆچۈپ كېتىپ ئالدىمدىكى ئىچىملىككە قارىۋالدىم. ئۇ ئۆزى توغىرلىق گەپلىرىنى تۈگىتىپ مەندىن سۇئال سوراشقا باشلىدى:

     « ئاجىرىشىپ كېتىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە بولامدۇ؟»

    « ئەلۋەتتە. ئىككىلىمىز ئاجىرىشىپ كېتىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن بىرسىنىڭ ھاياتىغا رەندە سېلىشىڭىزنىڭ پەقەت ھاجىتى يوق ئىكەن. مۇھەببەت بارچاغدا راستلا بار، ئەمما يوق دىسە راست يوق بولىدىكەن»

    « قولغا چىققىدەك بىرەر سەۋەپ يوقمىتى؟»

      « باردۇر بەلكىم، كارايىتى چاغلىققۇ. ئىككى ئادەمنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىگە ئەمىلىيەتتە ياخشى كۆرمەسلىكتىن باشقىسى باھانە بولالمايدۇ. ياخشىلا كۆرسە نىمىگە بولسا چىداپ كېتىدۇ. ياخشى كۆرمىسە باغلاپ قويسىمۇ تۇرمايدۇ.»

        « بۇنىڭغا تازا قوشۇلالمايدىكەنمەن.»

      « ئەمىسە بەك ئەپسۇس». ئۇ بۇ توغىرلىق يەنە تەگەشسەك پاراڭنى ئۆلتۈرىدىغىنىمىزنى بايقىدىبوغاي، ياقا يۇرتتىكى تۇرمۇشۇمنى سوراشقا باشلىدى.

     باھار، نەچچە سائەت، نىمىلەرنى دىيىشتۇق، نىمىلەرگە كۈلۈشتۇق يادىمدا يوق. ئەمما ئۆيگە قايتقىنىمدا خوشاللىقتىن يۈزلىرىم قىزارغان بىر ھالەتتە ئىدىم. ھەراست، مەن ئۇنتۇيالمىغىدەك كىچىك بىر ئىش يۈز بەردى.

      قايتايلى دەپ مېڭىپ لېفىتقا چىققىچە، ئۇ سول قولى بىلەن لېفىتنىڭ ئىشىگىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مېنى ئالدىدا چىقسۇن دىگەندەك قىلىپ، ئوڭ قولى بىلەن بېلىمدىن ئاستا ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى. باھار، مەن ئون نەچچە ياشلاردىكى قىز ئەمەس، بىرىنچى قېتىم مۇھەببەتلەشمايۋاتىمەن. ئەمما ئۇنىڭ قولى تەككەن يەر بىر كېچە كۈيۈشۈپ چىقتى. ئەڭ يېقىن دوستۇمدىن « ياخشى كۆرگەن بىرسىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟» دەپ سورىسام ، ئۇ « بىر يىل» دىۋىدى،« ۋاي- ۋۇي نىمانداق ئۇزۇن!» دىگەنتىم. ئەمما ئۇنى ياخشى كۆرۈشتىن نەپرەتلىنىشكە ئاندىن ھىچقانداق ھىسياتىم قالمىغىچە بەش يىل ۋاقىت كەتتى. بۇنى كېيىن دوستۇمغا ئېيىتتىم. ئۇ« شۇ چاغدىلا بەش يىل دىمەكچىتىم. بىر يىلنى ئۇزۇن چاغلىغانتىڭ. باشقا كەلگەندە كۆرە دەپ گەپ قىلمىغان» دىگەن ئىدى.

         ئۇ كۈنى كېچىسى ھاياجاندىن ھىچ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ قاچان ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمىدىم. ئەتىسى كېچىكىپ تۇرسام مېنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئاپامنىڭ ناشتىلىغى بىلەن تاپا تەنىسى ئىكەن. ئاپام سۆزىنى  ئۆيدە ئولتۇرمايۋاتقىنىمدىن باشلاپ تۇرمۇش ئىشىمغا بۇرۇلغاندا گەپنى بۆلدۈم:« ئاپا، مەن چوقۇم يەنە توي قىلىمەن. خاتىرجەم بولۇڭ. ئەمما پات ئارىدا مۇمكىن بولمايدۇ. چوڭراق نەرسە ئالساقمۇ نەچچە ئويلىشىمىز. مەن پۈتۈنسۈرۈك بىر ئادەمنى تاللاۋاتىمەن. يەنە خاتا بولۇپ قالسىچۇ؟ ئۇنىڭدىن ھازىرچە  مۇشۇنداق تۇرۇپ تۇراي» ئاپام ئىككى كۈندىن كېيىن كېتىدىغىنىمنى ئويلاپ گەپنى توختاتتى.

      كۈندە ئۇچۇرلىشىمىز. كەمدىن كەم تېلىفون قىلىشىمىز ياكى ئاۋازلىق ئۇچۇر قىلىشىمىز. بۇ مېنىڭ ئادىتىم. ئەتىسى ئەتتىگەن يولغا چىقىدىغان كۈنۈم ئۆينى دوستلىرىم بېسىۋالدى. مەنمۇ بىر تەرەپتىن تەييارلىق بىر تەرەپتىن مېھمان بىلەن بولۇپ تېلىفونۇمنىڭ نەدە قالغىنىغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن. ئۇ كەچ تەرەپتە مەن بىلەن خوشلاشقىلى كېلىپ ، ئۇچۇر قىلىپ قويۇپ تۆت سائەت ماشىنىدا ساقلاپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ئالدىراش تېلىفون قىلىپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم. ئۇ توغرا چۈشىنىدىغىنىنى ئېيىتتى. يەنە ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۈكۈت. « تېلىفوندىلا خوشلىشايلى ئەمىسە» دىدىم ئاخىرى. ئۇ« ئايرودۇرۇمغا راست چىقمامدىم » دەپ سورىدى. مەن چاقچاققا يۆلەپلا« ئايرۇپىلاننى سىز ھەيدىمىگەندىن كېيىن ئاۋارە بولماڭ» دىدىم دە، ئامانلىق تىلىشىپ ئۇ مېنىڭ تېلىفوننى قويۇشۇمنى ساقلاپ، مەن ئۇنى سۈيلەپ يۈرۈپ تېلىفوننى قويدۇق.

        باھار، مەن ئۇچاغدا مۇشۇ ماڭغانچە ئۇنى قايتا ئىزدىمەسلىكنى قارار قىلغانىدىم. ھەم شۇنداقمۇ قىلغانتىم. ئايرۇپىلان كۆككە كۆتىرىلىشى بىلەن بۇ قېتىمقى ئايرىلىشنىڭ ھەر ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئېغىر كەلگىنىنى ھىس قىلدىم. كۆزۈمدىن ياش تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى. بېشىمنى دەرىزە تەرەپكە بۇراپ كۆزۈمنى يۇمىۋالدىم.

       ئالدىراش ئىشلەيمەن. مەن گېرمانىيەنىڭ مېدىتسىنا ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىدە ئىشلىگەچكە گېرماندەكلا خىزمەت تۈزۈمىدە ئىشلەيتىم. دەم ئېلىشتىن كېلىپ دۆۋلىنىپ قالغان ئىشلىرىمنى تۈگىتەلمەي تۇرسام شىركەتتىن مېنى ياپونىيەگە ئەۋەتىدىغان بولدى. بۇمۇ ياخشى بولدى دەپ ئويلىدىم. كەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمىدىم. ئۇمۇ كۆڭلۈمدىكىنى سەزگەندەك مېنى ئىزدىمىدى. كەچلىرى ئۇيقۇسىزلىق، كۈندۈزدىكى جاپالىق خىزمەت، ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىم، ئۆزەمنى ئەيىپلەش تۇيغۇلۇرۇم قوشۇلۇپ مېنى ئېلىپ قويىۋاتاتتى. « نىمىسىنى ياخشى كۆرىسەن؟ » دەپ ئۆزەمنى سوراققا تارتاتتىم. ساناپ بەرگىدەك بىر سەۋەپ يوق. ئەمما باھار، بىرسىنى ياخشى كۆرۈشكە سەۋەپ كېتەمدۇ؟ ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۆزى تېخى سەۋەپ، نەتىجە ئەمەس. ئەگەر بىر سەۋەپلىك ياخشى كۆرۈش بولسا، كەچۈرگىن، ئۇ ھەقىقى ياخشى كۆرۈش ئەمەس.

        ساڭا بۇلارنى ئېيىتقىچە ئۇ كۈنلەرگە قايتا قاراشقا مەجبۇر بولىۋاتىمەن باھار. بۇ مېنى بەك چارچىتىدۇ. ئۆيۈڭنىڭ بىر بۇلىڭىدىكى كېيىن لازىم بولۇپ قالار دەپ بىر نەرسىلەرنى دۆۋىلەپ قويغان كىچىك ئۆينىڭ ئىشگىنى ئاستا ئېچىپ، ئۆمۈچۈك تورلىرىنى قولۇڭدا سۈپۈرۈپ يۈرۈپ، ئەڭ ئىچىگە قويۇلغان كىچىككىنە ياغاچ ساندۇقنى قولۇڭغا ئېلىپ، ئۈستىدىكى توپا چاڭنى پۈۋدەپ ئېھتىيات بىلەن ئاچساڭ، رەڭگى سۇسلاشقان كونا رەسىملەر، خەت چەكلەر، كۈندىلىك خاتىرىلەرنى كۆرۈپ، گاھ چۈش گاھ رېئالىقتەك ھىس قىلىسەنغۇ. مەنمۇ خۇددى شۇنداق ھىسياتتا. ئۇنىڭ ئىسمىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. چىرايىمۇ توپا باسقان رەسىمدەك ئېنىق ئەمەس. ھالبۇكى مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتا مېنى بەكمۇ ئازاپلىغانىدى.

    ياپونىيەگە بىر ھەپتىلىك خىزمەت بىلەن باردىم. ۋاقتىم بەك زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. ئۆزۈممۇ ياپونىيەنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇڭا ۋاقتىنچە بولسىمۇ ئۇنى خىيالىمدىن سەل يىراق قىلالىدىم.

       بۇ پەسىل ياپونىيەنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى- باھار پەسلى. دۆلەت گۈلى ساكۇرا جەنۇپ تەرەپتىن باشلاپ ئېچىلىشقا باشلىغان. دەرەخلىك يەرلەردە شاخلار بېشىڭغا سايىۋەن بولۇپ، لەرزان شامالدا ساكۇرا گۈللىرى ئاستا لەيلەپ باشلىرىڭغا، يەلكەڭگە چۈشىدۇ. يېقىملىق بىر پۇراق ئەتراپنى قاپلىغان. ياغاچ سەندەل كىيگەن قىيسىق كۆزلۈك ياپون قىزلىرى ئەنئەنىۋى كىيملىرىنى كىيىشىپ، ماڭغانغا كۆرە ئۇششاق قەدەم بىلەن يۈگۈرگەندەك قىلىپ ساكۇرا سەيلىسىگە چىقىدۇ. يېنىڭدىن ئۆتكەندە بېشىنى ئازراق ئېگىپ قويىدۇ. مۇشۇنداق مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىپ ۋاقتىم تۈگەي دىدى. بۇ كۈنى يىغىندىن يېنىپ مېھمانخانىغا ماڭغان ۋاقتىم سىم- سىم يامغۇرغا توغرا كېلىپ قالدى. كوچىدىكى ھەممە ئادەم ئالدىراش مەنزىلىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇشتۇمتۇت شۇنداق بىر غېرىپلىق ھىس قىلدىمكى، پۈتۈن دۇنيادا مەن بىرلا ئىنسان باردەك تەنھالىق پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى. شىنجۇكۇدىكى داڭلىق تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدا سەككىز تەرەپتىن ئۆتىشىۋاتقان ئادەملەرگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. كىشىلەر ماڭا سوقۇلۇپ يولىغا ماڭىدۇ. باھار، ئىشەنسەڭ ئاشۇ ئادەملەرنى كۆزۈم كۆرمىدى. پۈتۈن كۆز ئالدىمدا سىنىڭ سىياقىڭ. بىر سېغىنىش يۈرىكىمدىن پۈتۈن بەدىنىمگە ئاغرىق بولۇپ تاراشقا باشلىدى. يامغۇر كۈچۈيۈپ كەتتى. مەن ئالدىراپ پويىز بېكىتىگە ماڭدىم. تېلىفونۇم ئۇچۇر كەلگەنلىگىدىن سېگنال بېرىپ تىترىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلگەندىن بۇيان ئۇچۇرلارنى ئالدىراپ كۆرۈپ كەتمەيدىغان بوپ قالغانتىم. ئاپام بىلەن بىر سائەت بۇرۇن ۋېدىئولۇق كۆرۈشتۇق. شۇڭا كىم بولسا بولمامدۇ دەپ كارىم بولمىدى. پويىزغا چىقىپ جايلاشقاندىن كېيىن ئۇچۇر ئېسىمگە كېلىپ، تېلىفوننى قولۇمغا ئالدىم-دە،ئۈندىدارنى ئاچتىم. ئۇنىڭ باش سۈرىتىدە قىزىل چىكىت تۇراتتى. نىمىمۇ دىگەندۇ، ئاچايمۇ- قانداق قىلاي، دىگەندەك سۇئاللار بىلەن قولۇمنى ئاستا ئۈندىداردىكى ئۇنىڭ باش سۈرىتىگە تەككۈزدۇم.قارىسام» نىمە بوپ كەتتى؟» دىگەن خەتنىڭ ئەنگىلىزچىسى  تۇرماسمۇ! پۈتۈن قايغۇرۇم بىر غەزەپ بولۇپ مېڭەمگە چىقتى. ئۇ ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئېنگىلىز تىلى ئوقۇغان، ئىككىنچى چەتئەل تىلىگە فىرانسۇزچە ئوقۇغان. فىرانسىيەدە بىر يىل تىل ئوقۇغان. ئەمما مەن ئۇيغۇرغۇ. بىر ئاي ئالاقىلاشمىغان بىرسىدىن « سالام » دەپ ئەھۋال سورىماي نىمە دىگىنى بۇ؟ «نىمە بوپ» بولماقچىتى. سېنى سېغىنىپ، ئەھۋالىمغا قايغۇرۇپ شۇ»نىمە  بوپ». بۇنى ئۇنداق دىگىلى بولمايدۇ دە. چىشىمنى چىشلەپ « سالام » دەپ جاۋاپ قىلدىم. دەقىقىدە ئۇنىڭ جاۋابى كەلدى« كىتپ بىر ئاي بولدى، يوقاپلا كەتتىڭىز». ئاللاھغا ئاھىم يېتىپتۇ، دەپ ئويلىدىم، باھار. ئايرىلغىنىمىزغا دەل بىر ئاي بولغىنى ئېسىدە باركەن. بۇ گەپ بىلەن يۇمشىغاندەك بولدۇم. « ئالدىراش، ياپونىيەگە كەلگەنتىم » دىدىم. « بىلدىم، چەمبىرەكتىكى رەسىملىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن» دىدى. بىردىنلا پۈتۈن ئاچچىغىم تاراپ كەتتى. يامغۇر توختاپ كۈن پارلىغاندەك بىر يورۇقلۇققا چىقىپ قالدىم. شۇ پەدىدە مېھمانخانىغا قايتىپ ئۇخلىغىچە پاراڭلاشتۇق. بۇ بىر ئايدىن بېرى بولغان ئىشلارنى دوكلات قىلىشتۇق. شۇنىڭ بىلەن تېلىفوننى تۇتقىنىمچە ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى چۆچۈپ ئويغىنىپ ئۈندىدارنى ئاچسام ئۇنىڭ تاڭ ئاتارغا يېقىن ئەۋەتكەن ئىككى ئۇچىرى تۇرۇپتۇ. « سىزگە بىر گەپنى ئېيتاي دىگەنتىم» « مەن تۆت ئاي بۇرۇن ئاجىرىشىپ كەتتىم. ئەمما بىرسىگە ئېيتىمىدىم. سىز تۈنجى بۇ ئىشنى بىلگەن ئادەم» .

       باھار، كارۋاتتىن قانداق سەكرەپ تۇرغىنىمنى، ئۆينىڭ ئىچىدە خوشاللىقتا قانداق سەكرەپ يۈگىرەپ كەتكىنىمنى، چىشىمنى، يۈزۈمنى ئۇسۇل ئوينىغاچ قانداق يۇيغىنىمنى، قانداق كۆڭۈل قويۇپ گىرىم قىلغىنىمنى، كىيىملىرىمنى قانداق تاللىغىنىمنى…… كۆز ئالدىڭغا ھەرگىز كەلتۈرەلمەيسەن. بىر ئادەم ئەمەس پۈتۈن دۇنيا مېنىڭ بولغاندەك خوشال بولدۇم. ئەپسۇس……. جىق ئويلاپ كېتىپتىكەنمەن. ھاياتنىڭ قىزىقى ئۇنىڭ ئەزەلدىن سەن كۈتكەن تەرتىپ بويىچە بولمايدىغانلىقىدا.

(داۋامى بار)

One Reply to “باھارغا خەت”

  1. سالام ، ھىكايىنىڭ باشلىنىشى بەكلا گۇزەل بوپتۇ ئىنساننى تۇيمايلا ئۆزىگە تارتىدۇ ، مۇھەببەت نىمە دىگەن ئۇلۇغ ۋە ئازاب بىرىدىغان بىر تۇيغۇ ، ئاخىرىنى ساقلايمەن ، ئىنشائلللاھ گۇزەل شەكىلدە ئاخىرلىشار 👍🥰

جاۋاب يېزىش