باھارغا خەت

رەناگۈل غوپۇر

            ھەر كۈنى سەھەردە تۈنجى بولۇپ ئۆزئارا ئەھۋال سورىشىمىز. كەچلىرى ئەڭ ئاخىرىدا خوشلىشىمىز. ئۇچۇر دىگەن داستاندەك يېزىلاتتى. بۇ بەختتىن تۇرۇپ تۇرۇپ تاتلىق كۈلۈمسىرەيمەن. بىكار بولسام ئۇنىڭ ماڭا يازغان خەتلىرىنى ئوقۇيمەن. بەزىدە رەنجىپ قالىمەن ، ئۇ كەچۈرۈم سوراپ ئەركىلەتمىگىچە يامانلايمەن. خىزمەتداشلىرىم « ئىچىڭدە بىر خوشاللىق بار سىنىڭ » دىيىشەتتى. بارلىق بەختلىك ھىكايىلەر ئوخشاش باھار.  ئىككىمىزمۇ بارلىق بەختلىك بىر جۈپلەردەك مۇھەببەتلىشىپ، ئۇلار دىگەننى دىيىشىپ، ئۇلار قىلغاننى قىلاتتۇق. ئەمما دىيىشىۋالغاندەك مۇناسىۋىتىمىزنى ئاشكارلىمىدۇق. سوتسىيال مېدىئالاردا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىمز. چۈنكى بەك جىق ئورتاق دوستلىرىمىز بار. ئىنسانلار باشقىلارنىڭ ئىشىغا بەك سەزگۈر بولىدۇ. يۇرتۇمنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى، كۈزدە قايتىدىغان بولدۇم. ئۈرۈمچىنىڭ كۈزىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. قانداق كۆرۈشۈشتىن تارتىپ قېتىملارچە پىراكتىكا قىلدۇق. شۇ ۋاقىتتىلا ئۆيدىكىلەرگە دىيىشنى ئويلىدىم. ئىنسان ئۆزى بىر ھادىسىنىڭ ئىچىدە تۇرغاندا سىرتتىكىلەر ئېنىق كۆرۈپ تۇرغان ئىشلارنى كۆرمەس بولۇپ قالىدىكەن. مەنمۇ شۇ. پۈتۈن گەپنى دىيىشىپ ئۇنىڭ بىرەر قېتىممۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى ئېيتمىغىنىغا زىنھار دىققەت قىلماپتىمەن. باھار، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىشىنىپتىمەن. بەزى ئىنسانلارنىڭ مۇھەببەتنى خىزمەتتەك ئىشلەيدىغىنىنى پەقەت بىلمەيتىكەنمەن. مۇشۇ بويىچە تەرەققى قىلىپ توي قىلىمىز دەپلا ئويلىدىم. مېنىڭچە توي قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان مۇھەببەتلىشىش ۋاقىت ئىسراپچىلىغى، ھىسيات ئالدامچىلىغى ھەتتا لۈكچەكلىك. ئىككىلىمىز بويتاق. بۇرۇندىن بىلىشىمىز. ئۇنىڭدىن يوشۇرۇنچە ئۇنىڭغا خىزمەت ئالاقىلىشىشقا باشلىدىم. پەقەت بولمىسا مەن قايتساممۇ مەيلى دەپمۇ ئويلىدىم. توي قىلماسلىققا سەۋەپ يوق دەپلا ئويلاپتىمەن. بىراق بىر سەۋەپنى نەزەردىن ساقىت قىپتىمەن.

        پۈتۈن ھىكايە مىيۇنخىن سەپىرىمدىن كېيىن يۆلىنىشنى ئۆزگەرتتى. ئايرۇپىلانغا چىقىشىتىن بۇرۇن تېخى ئامانلىق تىلەپ يۈزلىرىمدىن سۆيگەن ئادەم ، مەن بېيجىڭغا قونۇپ ئامانلىقمنى خەۋەر قىلغاندىن باشلاپ يوقاپ كەتتى. ھازىرقىدەك ئادەملەر يوقاپ كېتىدىغان زامان  بولمىغاچقا، ھېلى گەپ قىلىدۇ، مانا تېلىفون قىلىدۇ دەپ ساق ئۈچ كۈن ئۆتتى. قويغان تۇتقىنىمنى ئۇقمايمەن. تىت- تىتچىلىقتا تۆتىنچى كۈنى تېلىفون قىلدىم. ئون قېتىم. ئالىدىغان ئادەم يوق. شۇنىڭ بىلەن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدىم. پۈتۈن ئىشنى بىلىدىغان بىردىنبىر دوستۇمدىن ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئېلىشنى سورىدىم. دوستۇم« ئۇ داڭلىقىڭغا تۇيۇقسىز بىر ئىش بولغىنىنى ئاڭلىمىدۇق. يەنە ساقلاپ باق. مەنمۇ سۈرۈشتۈرەي » دىدى. كېيىن بەرگەن جاۋابى ئۇ ھاياتمىش. نورمال ياشاۋېتىپتۇ. بۇنداق يوقاپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى بىلمەي قىينىلىمەن. بىر ئاي چىداپ يەنە تېلىفون قىلدىم. بۇدا ئۇ ئالدى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتىم. چوڭ كوچىدىلىغىمنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن. ئۇ بىرلا ئېغىز گەپ قىلدى« كەچۈرۈڭ» . مېنىڭ كۈتكۈنۈم بۇ ئەمەس. بىر سەۋەپ. ھىچكىمنى كەينىگە ياندۇرۇش خىيالىم يوق. ئەمما بۇ ھىسياتنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر چۈشەندۈرۈشكە ئەرزىيمەن دەپ ئويلاپتىمەن. ھازىر ئويلىسام سەۋەبى ناھايىتى ئېنىقكەنتۇق.

          ئۇ يوق تۇرمۇشنى كەچۈرۈشنى باشلىدىم. ھازىرقى ئۇيقۇسىزلىغىم شۇ چاغدىن قالدىمىكى، كېچە كېچە كۆزۈم ئوچۇقلا. خىزمەتنى جان دىلىم بىلەن ئىشلەيمەن. ھەممە خىزمەتداشلىرىم قايتىسىمۇ مەن شىركەتتە قالىمەن. بۇ تىرىشچانلىغىمغا ئۆزۈم ئىشلىگەن باشقارمىنىڭ كىچىكرەك بىر باشلىقلىغىغا ئۆستۈرۈلگەنمۇ بولدۇم. ئورۇقلاشقا باشلىدىم. سورىغانلارغا ئورۇقلاۋاتقىنىمنى ئېيتتىم. بىرلا ئىش، تاڭ ئاتقاننى ھىس قىلالمايمەن. ھاياتىم بىر قاراڭغۇلۇقتا. يىغلايمەن دەپلا يىغلىيالايمەن. ئۇنىڭ بىلەن دىيىشكەن گەپلەرنى قايتا قايتا ئەسلەپ چىقىمەن.كاۋاپدان ئۈستىدە پىژىلداپ پىشىۋاتقان كاۋاپتەك قىينىلىمەن. بىرسى ئوڭ تەتۈر ئايلاندۇرۇپ قاقلاۋاتقاندەك . ئەمما ئۇنى ئىزدىمىدىم. باھار، مەن ئوتتۇزدىن ئاشقان ، ياخشى خىزمىتى بار، جەمىيەتتە ئورنى بار، دانا بولمىساممۇ ئەقىللىق ئايال. مەن ئۈچۈن مۇھەببەت دورا دەرمان ، ئەمما تۇز ئەمەس. ھەر قانداق بىرسىنىڭ ھاياتىمدا بولىشى ياكى بولماسلىغى ھاياتىمنىڭ ئەسلى مەنىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۇمۇ شۇ پېتى يوقالدى. چەمبىرەككىمۇ ھىچقانداق بىر نەرسە ئەۋەتمىدى. توغرا دەيسەن باھار. ئۇنى يۇيىۋەتمىدىم. ئۇ بىر جەسەت كەبى ئۈندىدارىمدا ھايات ئىدى. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشىم ئېنىق. بۇ ئارىلىقتا يەنە باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالىمەن. يەرشارى ھىچكىمنىڭ يوق بولغىنىغا توختاپ قالغان ئەمەس.

         بىركۈنى يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ چەمبىرەككە چىقارغان بىر پارچە رەسىم تېنىچلىغىمنى بۇزدى. ئىككى قول، بىر ئەر بىر ئايال. ئەرنىڭ قولى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ. ئالقىنىغا بىر ئايالنىڭ قولى قويۇلغان . رەسىم قاراڭغۇراق قىلىپ تارتىلغان. كۆزنى جەلپ قىلىدىغىنى ئايالنىڭ بارمىغىدىكى ئالماس ئۈزۈك. ئىككى كارات ئەتراپىدىكى نەپىس تويلۇق ئۈزۈك. كېچىنىڭ قالغان قىسمىداكۆز يۇممۇدۇم. ئەتىسى ئۇ رەسىم چەمبىرەكتىن ئۆچۈرۈلۈپتۇ. ئۇ مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن دىدى ياكى كۆرۈپ بولغىنىمنى جەزىم قىلدى. كېيىنكىسى ئېھتىمالغا تېخىمۇ يېقىن. بىر قۇيۇننىڭ شەپىسىنى سەزگەندەك بولدۇم.

           ئەسلى پىلانىم بويىچە كۈزدە ئۈرۈمچىگە قايتتىم. ئۇرۇق تۇققان، دوست ساۋاقداشلار بىلەن بولۇپ ئۇنى ئانچە مۇنچە ئۇنتۇغاندەكمۇ بولدۇم. ئۇ بىرەر يەردە ئۇچراپمۇ قالمىدى. بۇ دۇنيا ھەم چوڭ ھەم كىچىك. بەزى ئادەملەر ماڭدامدا پۇتلىشىپ يۈرۈيدۇ بەزىلەر دورىلىققىمۇ تېپىلمايدۇ.

         بىر چۈشتىن كېيىن  يەنە بىر يەرگە تەييارلىق قىلىپ تۇرسام دوستۇمدىن ئۇچۇر كەلدى. ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم. نىمىكەن دىمەمسەن باھار. بارغاق، توي بارغىقى، ئۇنىڭ توي بارغىقى. نەپىس لايىھلەنگەن، ئوتتۇرىدا بىرجۈپ قىز يىگىتنىڭ رەسىمى بار. بۇ كېلىنچەكنى نىمە دىسەم بولار؟ ئۇ نەپىسراق بالا. بەك ئىگىز ئەمەس، ئورۇقراق. ئەمما بۇ كېلىنچەك تەتۈر ئۇستىخان ، چىرايىمۇ كىشىنىڭ دىققەتنى قەتئى قوزغىمىدەك بىرى ئىكەن. باھار، مەن نورمال ئايال، ئۇ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئەر. مەن ئىرادەمگە قارشى ئالىجاناپىق كۆرسىتەلمەيمەن. ھەم بۇنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. دىمىسىمۇ سەت قىزبالا ئىكەن. توينىڭ ئەتىسى كەچتە، ئۆيدىكىلەرنىڭ بۇ ئىشنى پەقەت ئېغىزغا ئالمىغىنىدىن ھەيران بولدۇم. نەۋرە ئىنىم بۇ مەزگىلدە ۋەتەندە ئەمەس. شۇڭا ھىچكىمدىن ئاڭلاپمۇ قالماپتىمەن.

       قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە بارىمەندە. توينى بۇزغىلى بارمايمەن باھار. تەبرىكلىگىلى بارىمەن. توينى بۇزسام پۈتۈن دۇنيا ماڭا دۈشمەن بولىدۇ، ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىدۇ. شۇنداق. بېرىشىم كېرەك، سوۋغات ئېلىپ بېرىشىم كېرەك.

       تويغا بېرىش خىيالىم ئىككى دوستۇمنىڭ قەتئى قارشىلىغىغا ئۇچرىدى. ئۇلارچە بۇ ئەخمىقانە ھەم خەتەرلىك ھەرىكەت. ئەگەر ئۇيەرگە بېرىپ بولۇپ ئۇلارنىڭ بەختلىك ھالىتىنى كۆرۈپ ئەسلىدىكى مەقسەتنى ئۇنتۇپ كونتىروللۇغۇمنى يوقاتسام يۇرتنى تەرك ئېتىپ چىقىپ كېتىشىم كېرەكمىش. « سىلەرچە نىمىشمۇ قىلامەن؟» دەپ سورىسام،« كىم ئۇقىدۇ دەيسەن. ئۆتكەن يىلى ھېلىقى خىتاي قىزنى ئۇرۇپ كەتكەندەك چاچتىنلا ئالساڭ. ئۇنى قىلمايسەن دىگەندىمۇ ئەتە ئىنىم ئۇ تويغا يىگىت بېشى. ھەممىسى تونۇشلار. سېنى كىملا كۆرۈپ قالسا بولمايدۇ. » دىدى بىرسى. ئۇلارنىڭ زورى بىلەن تويغا بارماسلىققا ۋەدە بېرىپ ئۆيگە قايتتىم. بولمىسا ئەتىسى مەخسۇس بىرسى كېلىپ ماڭا قاراپ تۇرماقچى بولدى. قىلما دىگەنسىرى بىر ئىشنى قىلىش ئىرادەم كۈچىيىپ كېتىدۇ. بېرىشىم كېرەك.

       ئۈرۈمچىنىڭ كۈزى توي پەسلى. دەم ئېلىشتا كوچىلارنى توي ماشىنىسى قاپلايدۇ. توي ئىگىسىلا ئەمەس قاتناشقۇچىلارمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياسىنىدۇ. ئەتىسى بىركۈن چەمبىرەكنى بۇ توينىڭ رەسىمى قاپلىدى. قاتناشمىساممۇ قاتناشقاندەك ئولتۇردۇم. قىز ئولتۇرۇشى، يىگىت ئولتۇرۇشى، قىز كۆچۈرۈش، قىزنىڭ دوستلىرىنىڭ زورلىشى بىلەن ئۇنىڭ تازىمنى چوڭقۇر قىلىپ قىزنى ئېلىپ مېڭىشى. چىداپ كۆردۈم. ئاڭغىچە گىرىمنى ياخشى قىلدىم. تويغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەمەس. باشقىلارنىڭ مېنى تۇنۇپ قالماسلىغى ئۈچۈن. كۈز بولغاچقا ئىشتان كىيدىم. ئىچىمدىن سىرتىمغا پۈتۈنلەي قارا. قارا رەڭنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن قارىلىقتىمەن. يۈزۈمنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى توسۇيدىغان قارا كۆزەينەكنى تاقاپ كۆزەينەك ياپمايدىغان لىۋىمنى قىپقىزىل بويىدىم. ئايىغىمنى كىيىۋاتسام تويدىن يېنىپ كەلگەن ئاپام « ئىشپىيوندەك قىلىپ نەگە ماڭدىڭىز؟ » دىدى. « ساۋاقداشلار بىلەن ئولانبايغا توخو يىگىلى باراتتۇق» دەپ ئۆزۈمنى سىرىتقا ئاتتىم.

         ئۈرۈمچىدىكى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ، گۈللىرى بەك چىرايلىق گۈلخانىغا باردىم. قارا كۆك ئەتتىرگۈل بىلەن ئاق لىلىيگلىنى  تاللاپ چىرايلىق ھەم يوغان قىلىپ ئوراتتىم. ئاندىن گۈل دۇكىنىدىكى قىزغا پۇل بېرىپ مەن بىلەن بىللە بېرىشقا كۆندۈردۈم. تاكسىدا ئۇ قىز« ھەدە، دوستىڭىزنىڭ تويىمۇ ، بەك قىممەت گۈل ئالدىڭىز » دەپ سورىدى. « ياق، دۈشمىنىمنىڭ. بۇ دۇنيادا بىرى يېقىن دوستۇڭ، بىرى ئەشەددى دۈشمىنىڭلا سېنى چوڭ بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلالايدۇ» دىدىم. ئۇ ھەيرانلىق بىلەن يۈزۈمگە باقتى. مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تاكسىغا پۇل تۆلىگىچە ھاياجانمۇ، يا جىددىچىلىكمۇ قولۇم تىترەپ توختىمايدۇ. بىر خوشاللىق بىلەن يۈزۈم قىزىرىپ . ئۇقىزنى ئېلىپ زالغا كىردىم. قىز گۈل بىلەن كارتىنى رىياسەتچىگە بەردى. رىياسەتچى گۈلنى ئېلىپ سەھنىگە چىقتى. شۇ ۋاقىتتىكى ئۇنىڭ چىرايىنى بىر كۆرسەڭ. ئۇ مېنىڭ قايتىپ كەلگىنىمنى بىلمەيتى. ئەمما بەخىتتىن مەن توغىرلىق خاتىرىسىنى يوقاتمىسىلا ئۇ ئىككى خىل گۈلنىڭ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈللىگى ئېسىدە بولسىلا مېنىڭ بارلىغىمنى سېزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە لىلى گۈلى ئۇنىڭغا رىئاكسىيە قىلاتتى. ئۇ تېزلىك بىلەن زال ئىچىگە كۆز يۈگۈرتۈپ مېنى ئىزدەشكە باشلىدى. مىنۇتتىن كېيىن بىر بۇلۇڭدا تۇرغان مېنى تېپىۋالدى. مەن كۆز ئەينەك تاقاپ تۇرساممۇ بىر بىرىمىزنىڭ كۆزىگىمىزگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشتۇق.

          رىياسەتچى كارتىنى ئوقۇشقا باشلىدى:

         بۇ گۈللەر، بۈگۈنكى قۇتلۇق مەرىكىنىڭ بەخىتلىك ئىگىسى، ھازىرقى زاماندىكى لەيلى – مەجنۇن، بارلىق   ئاشىقلارنىڭ ھەۋىسىنى ھەسىتىنى كەلتۈرگەن  ……. بىلەن …..نىڭ ۋىسال قۇچقان كۈنىنى، ئىككىنچى قېتىم تەۋەللۇت بولغاندەك خوشاللىغىنى تەبرىكلەپ، يىگىتنىڭ ئانتىراكتىدادا تۇرغۇچى دوستىدىن.

           قىزلار باشتا « ۋىيەي نىمانداق چىرايلىق» دىيىشىپ گۈلنى كېلىنچەكنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. كېلىنچەكمۇ ھەيرانلىق بىلەن خوشال بولغاندەك بولدىيۇ، يىگىتلەرنىڭ « كىمۇ بۇ ئانتىراكتىدالىق » دەپ ھەزىل قىلىشىغا ئەگىشىپ پۈتۈن كەيپىيات ئۆزگەردى. ئۇ ماڭا تىكىلىپ قارىدى. مەن تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ ئۇنىڭغا يىراقتىن بىر سۆيۈش  ھەدىيە قىلىۋېتىپ چىقىپ كەتتىم.

          تالاغا چىقىشىمغا ئىشىك ئالدىدا تۇرغان دوستۇمنى كۆردۈم. ئۇ ماڭا تېلىفون قىلىپ ئالالماي ئۆيگە تېلىفون قىلسا ئاپام مېنىڭ قان ئىچكەن جاسۇستەك چىقىپ كەتكىنىمنى دەپتۇ. شۇڭا ئۇدۇللا مېنى ئالغىلى كەپتۇ. دوستۇمنى كۆرۈپلا مۇشۇ ۋاقىتقىچە تۇتۇپ تۇرغان ياشلىرىم ساختا قەيسەرلىگىمنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. دوستۇم مېنى ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ قۇچىقىمغا بىر بولاق قەغەز تۇتقازدى. يىغلاۋاتىمەن، سۈرتىۋاتىمەن. قىلغان گىرىمنىڭ ھەممىسى يۇيۇلۇپ ئېقىشقا باشلىدى. سۈرتۈپ ئۈلگۈرمەيمەن. ئون مىنۇتتىن كېيىن ئېسەدەشكە ئۆتتۈم. دوستۇم ۋەز نەسىھەتنى باشلىدى« نىمىگە بۇنچە قايغۇرىسەن، ياخشى كۆرەمتىڭ. كۆردۈڭغۇ سېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن. ياخشى كۆرسە جان چىقىپ كەتسىمۇ ئالىمەن دەيتى. توي قىلماسلىقنىڭ بىرلا سەۋەبى بار ياخشى كۆرمەسلىك. ئۇنداق ئادەمنىڭ نىمىسىگە يىغلايسەن؟ » مەن ئېسەدىگەچ دوستۇمغا قارىدىم « نىمانداق سەت كاستىيۇم كىيىۋالدى؟ گالىستۇكچۇ تېخى؟ مېنى قەستەن تېرىكتۈرەي دەپ ئاشۇنداق سەت بولىۋالدىمۇ يا ئاۋۇ خوتۇنى بىر نەرسە ئېلىشىنى ئۇقمايدىغان خوتۇنمۇ» دوستۇم بېشىنى لىڭشىتىپ« كاللىدىن كېتىپسەن. ئەمدى توختىمىساڭ مۇشۇ يولدىلا چۈشۈرۈپ قويىمەن» دىدى.

          باھار، توي كۈنى زالدا ماڭا دىققەت قىلغان بىر ئۇ دەپلا ئويلاپتىمەن. ئەمىلىيەتتە يەنە بىرسىمۇ مېنى كۈزىتىپ تۇرۇپتىكەن. ئۇ كىمۇ دىمەمسەن؟ ھازىرقى يولدىشىم. ھايات نەقەدەر سۆيۈملۈك ھە.

       باھار، قايغۇلۇرۇم ئۇنداق ئاسان ئاخىرلاشمىدى. ياشاۋاتىمەن. لېكىن قانداقلىغىنى بىلگۈچىلىگىم يوق. بۇ ئاچچىقنى يا يۈتەلمىدىم يا تۈكۈرۈپ چىقىرىۋېتەلمىدىم. بوغۇزۇمدا تۇرۇپلا قالدى.

         توينىڭ ئەتىسى ئۇ چەمبىرەككە پۈتۈن دوست بۇرادەرلىرىنىڭ تۆنۈگۈنكى خىزمىتىگە رەھمەت ئېيتىپ كېلىنچەكنىڭ گۈل تۇتۇپ تۇرغان قولىنىلا تارتقان رەسمنى ئەۋەتىپتۇ. ئۈزۈكنى تونۇدۇم.

       ئىككى كۈندىن كېيىن ئىككىسىنىڭ ھېلىقى شەرقى ياۋروپا دۆلىتىگە شېرىن ئاي ئۆتكۈزگىلى ساياھەتكە بارغان رەسىمىنى چىقىرىپتۇ. نىمىشقا يۇيۇپلاۋەتمەيسەن دەمسەن باھار؟ شۇ ۋاقىتتا ئاشۇنداق كىرىشىپ قالغانىدىم ئۆزۈمنىڭ جېنىغا ئۆزۈم ئىكەك سېلىپ. مۆمىنجاننىڭ « تىللا ئۈزۈكنى تاقاپتۇ قولىغا، مەن ئىنتىزار بولغانىدىنم ئۇنىڭ يولىغا. تاللىغىنىم بىراۋلارغا يار بولدى، يالغۇز قالدىم مۇھەببەتنىڭ يولىدا» دىگەن مىسرالىرى تىلىمدىن كەتمىدى. پۈتۈن مۇھەببەت ناخشىلىرى مەن ئۈچۈن يېزىلغاندەكلا. بەخىتلىكلەرنى كۆرسەم يىغلايمەن، بەخىتسىزلەرنى كۆرسەم تېخىمۇ يىغلايمەن.

        بىر چۈشتىن كېيىن ھېلىقى دوستۇم تۇيۇقسىز تېلىفون قىلىپ مەندىن بەدىنىمدىكى بىر مەڭنى سورىدى. مەن بارلىغىنى ئېيىتتىم. ئۇ ئەتە ئەتتىگەن ھىچقانداق ئىش ئورۇنلاشتۇرماي ئۆيدە ساقلىشىمنى، مېنى بىريەرگە ئاپىرىدىغىنىنى ئېيىتتى. ئەتىسى ئەتتىگەن مېنى ئېلىپ شەھەردىن چىقىپ يەنە بىر يېقىن شەھەرگە ماڭدۇق. نەگە باردىڭلار دەمسەن باھار، رەمچىگە. كۈلمە باھار. مەنمۇ ، دوستۇممۇ خۇراپى ئەمەس. ئەمما كېسەل ئادەم ئاڭلىغانلىكى داۋاسىنى قىلىپ باققاندەك ئىش بولدى. دوستۇم ئالدىنقى كۈنى باشقا بىرسىگە كېلىشىپ بېرىپتىكەن. قىزىقىپ مېنى سورىسا رەمچى بەدىنىمدىكى مەڭنى سوراپ ئۆزۈم كېلىشىم كېرەكلىگىنى ئېيىتىپتۇ. يول بويى ئىككىمىز بىر كۈلىمىز بىر خاپا بولىمىز. نىمە كۈن بۇ ئەمدى.

       رەمچىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇردۇق. كۈلكۈم قىستاپ كېتىپ بارىدۇ. دوستۇم مېنى جىم قىلالماي ئاۋارە. ئاخىرى نۆۋەت ماڭا كەلدى. رەمچى ئاپئاق ساقاللىق پاكىز بوۋايكەن. سۇپا ئۈستىدە بەدەشقان قۇرۇپ بىر كىچىك ئۈستەلنى ئالدىغا قويۇپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئورۇندۇقتا يەرگە قاراپ ئولتۇردۇم. رەمچى مەندىن ھىچنىمە سورىمىدى. ئۇزاق يۈزۈمگە تىكىلىپ بىرنەرسىلەرنى پىچىرلاپ ئوقۇپ ئولتۇردى. ئاندىن يېنىدىكى كىچىك قەغەزگە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ئۇنى كىچىك قاتلاپ ماڭا تۇتقۇزدى. بۇ سوۋۇتقۇ قىلىدىغان تۇمارمىش، ئايرىماي ساقلىشىم كېرەكمىش. باھار، شۇ مىنۇتلاردىكى ئۆزۈمگە ھەم ئىچىم ئاغرىيدۇ ھەم ئېچىنىمەن. رەمچىگە پۇل تۆلىدۇق. نەچچىلىگىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئىشقىلىپ سورىغىنىنى بېرىشىمىز شەرتمىش.

       ئۇ يەردىن يېنىپ دوستۇم بىلەن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭدۇق. ئىككىلىمىز نىمە دىيىشنى بىلمەي ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان مۇزىكىنى ئاڭلاپ ماڭدۇق. ئاخىرى مەن ئېغىز ئاچتىم« سېنى ئاۋارە قىلدىم جېنىم ھە، مەن بىلەن بىللە پاراكەندە بولۇپ. رەھمەت ئاپئاق ئادىشىم» ئۇ ماڭا بىر قارىۋېتىپ يەنە يولغا قاراپ ماشىنا ھەيدىگەچ« مەن سېنى 18 يېشىڭدىن باشلاپ دوست تۇتىۋاتىمەن. ھاياتىڭدىكى ھەممە ۋەقەلەرگە ئىشتىراك قىلدىم ، گۇۋاھ بولدۇم. ئەمما بۇ قېتىمدەك ۋەيرانە بولغىنىڭنى كۆرمەپتىكەنمەن. نىمانچە قىلىپ كېتىدىغىنىڭنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم. نىمىلا بولسا ئامالىنى قىلايلى. سېنى بۇ ھالەتتە كۆرگۈم يوق» قارا باھار، ئاياللار دائىم ئەرلەرنىڭ بىزنى چۈشىنىشىنى ئىزدەيمىز، ئەمما بىزنى ئەڭ چۈشىدىغىنىنى ئاياللار.

شۇنداق قىلىپ تۇمارلىق بولۇپ قالدىم. ئايرىماي تاقىدىم. دەردىم پەسىيىدىغاندەك ئەمەس.         

        مېڭىشىمغا ئاز قالغاچقا دوستلىرىم بىر مۇزىكىلىق رىستۇرانغا چاقىردى. ئارىلىقتا تېلىفون كېلىپ قېلىپ تىنىچراق  يەر ئىزدەپ ھاجەتخانىغا كىردىم. بۇيەرنىڭ كىچىك گىرىمخانىسى بار ئىدى. ئەينەككە قاراپ چېچىمنى ئوڭشىغاچ سۆزلىشىۋاتسام بىر ئەركىشى چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. ھەيران قالدىم. ئاز ئۆتۈپ كېلىشكەن بىر بالا چىقماسمۇ، قارشى تەرەپكە« ھېلى ئۇراي ھە » دەپلا ئۇ بالىغا يۈزلەندىم. « تېچلىقمۇ ھەي سىز؟ ماۋۇ ئاياللار ھاجەتخانىسى. بىر چىرايلىق كېلىشكەن بالىكەنسىز. قانداق قىلىق بۇ؟ » دەپلا قايناپ كەتتىم. ئۇ بالا ماڭا چەكچىيىپ قاراپلا قالدى« قارايسىزغۇ؟ خاتا دىدىممۇ يا؟ نەدە چوڭ بولغان سىز؟ سىز بار يەردە مۇشۇنداق ئايرىماي كىرەمسىلەر ؟» دىدىم. ئۇ بالا بېلىكىمدىن تارتىپ سىرىتقا ئېلىپ ماڭدى« ساراڭمۇ ماۋۇ؟ قويۇپ بېرە تېتىقسىز » دىگىنىمنى بىلىمەن. ئۇمېنى ئىشىك ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ يۈزۈمنى ئىشىك يېنىدىكى « ئەر» دىگەن بەلگىسىگە چاپلاپ تۇرغۇزۇپ قويدى. ئۇ نۇمۇسنىڭ گېپىنى قىلما باھار. ئۆلمىدىم بېرىسى بولدۇم. ئەمدى ئۆرۈلسەم ئۇ يەنە بۇراپ قويىدۇ« كەچۈرۈڭ ھە. ئۆتكەن ھەپتە كەلسەم بۇ قىزلار ھاجەتخانىسى ئىكەنتۇق. پەقەت خاپا بولماڭ جۇمۇ. » يۈزۈم ئوت ئېلىپ كۆيۈشكە باشلىدى. شۇندىلا ئۇنىڭغا سەپ سالدىم . ئۇ بەكمۇ كېلىشكەن بىرى ئىكەن. « مەن سىزنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن» بۇنداق قىزبالا كەلتۈرىدىغان گەپلەر كىچىك قىزلارغا دىيىلسە قانداقكى. بۇگەپنى ئاڭلاپلا ئۈستۈنلۈكنى يەنە ئىگەللىدىم« چۈشىڭىزدە كۆرۈپتىكەنسىز» دىدىم. ئۇ چىرايىمغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ « راست دەۋاتىمەن. ئىسمىڭىز نىمە» دەپ سورىدى. « ئايقىز» دىدىم. ئۇ دەرھال « تېلىفون نۇمۇرىڭىزنى بېرىڭە ، مەن سىزنى ئەتە ئىزدەي» دىدى. « 110» دىدىمدە بۇرۇلۇپ زالغا كىرىپ كەتتىم. ئۇ بىردەمدىن كېيىن كىرىپ بىر ئۈستەل ئوغۇللار بار يەرگە جايلاشتى. ئاڭغىچە دوستلۇرۇم بۇ ھادىسىنى ئۇقۇپ كۈلۈشكىلى تۇردى. ئۇمۇ ئاغىنىلىرىگە دىدى بولغاي ئۇلار ماڭا قاراپ كۈلۈشكە باشلىدى.

         باھار، ئۇمېنى راستلا كۆرۈپتىكەن. توي كۈنى مەن ھېلىقى بۇلۇڭدا يوغان كۆزەينەك قىپقىزىل لەۋ سۇرۇخ بىلەن ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپتىكەنمەن. ئۇ كېلىنچەكنىڭ نەۋرە ئاكىسى. گېرمانىيەدىن دەم ئېلىشىنى تويغا توغىرلاپ كېلىپ قاتنىشىپتىكەن.

         شۇنداق قىلىپ خىزمىتىمگە قايتتىم. ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىم بىر كۈنمۇ توختىمىدى. كۈن دىسەم توغرا بولمىغىدەك ، دەقىقە دەي. بىر كۈنى ئوڭ بىر كۈنى ساراڭلا قوپىمەن. بىر كۈنلىرى ئۇنى تۇرمۇشۇمدىن چىقىرىپ بولغاندەك، يەنە بىر كۈنلىرى ئۇنداق ئەمەستەك. روھىم ئىككىگە ئايرىلىپ بىر بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، بىر بىرىنى ئەيىپلەپ مىنۇت ئارامچىلىق يوق. بەزى كۈنلىرى شۇنداق ئۈمىدۋار قوپىمەن، چېنىقىمەن، سۇغا چۆمۈلىمەن، بازار ئايلىنىمەن. بەزى كۈنلىرى قوپمايلا ياتىمەن، ئۇخلاۋېرىمەن، ھىچنىمە يىمەيمەن. ئىشلەشلا مېنى بۇنىڭدىن ئازراق ئازاد قىلالايدۇ.

        قىش ئۆتۈپ باھار كېلىشكە باشلىدى. ئۈرۈمچىدىكى دوستلىرىمدىن ئۇ توغىرلىق خەۋەر ئېلىپ تۇرىمەن. شېرىن ئاي ساياھىتىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپلا ئايالى ئاپىسىنىڭكىگە بېرىۋاپتىمىش. باھانىسى ئاپىسىنى بەك سېغىنىپ كېتدىكەن. ئۇ يەنە بويتاقتەكلا ياشاشنى باشلاپتۇ. ھىچقانداق سورۇنغا ئەر ئاياللىق سالاھىيىتى بىلەن كۆرۈنمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئاپىسى كېلىندىن تەلىيى كەلمىگىنى توغىرلىق قاخشايمىش. ئۇ ئاپىسىغا تەسەللى بېرىپ ناھايىتى كەلسە يەنە ئاجىرىشىپ كېتەرمەن دەپتىمىش……….بۇلارغا خوشال بولۇشۇم كېرەكمىدى باھار. ئەپسۇس خوشال بولالمىدىم. چۈنكى ئۇنى تېخىچىلا ياخشى كۆرەتتىم. يەنە ئاجىرىشىپ ئەمدى كىمنى ئالار دەپ مېنى دەككە دۈككە قىلغىنىدىن ساراڭ بولسىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆيىنى تۇتسۇن.

          8-مارت ئاياللار بايرىمىدا مەن تۇرۇشلۇق شەھەردىكى ئۇيغۇر قىزلار يىغىلماقچى بولۇپ قالدۇق. شۇ يەرگە تەييارلىق قىلىۋاتسام ئۈندىدارغا ئۇچۇر كەلدى. بىر قولۇمدا كىرپىك قىسقۇچ بىلەن  كىرپىگىمنى قىسىپ تۇرۇپ يەنە بىر قولۇمدا ئۈندىدارنى ئاچتىم. ئۇنىڭ باش سۈرىتىدە قىزىل چېكىت « ئاياللار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن🌹» دىگەن ئۇچۇر. خوشال بولغانسەن دەمسەن؟ ياق باھار. بۇنداق كوللىكتىپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرنىڭ نىمىسىدىن خوشال بولاتتىم. ناھايىتى كەلسە شۇ ئاياللىغىم يادىدا باركەن. شۇندىمۇ« رەھمەت» دەپ قايتۇرىۋېتىپ ئىشىمنى داۋاملاشتۇردۇم. دەقىقىدە يەنە ئۇچۇر كەلدى« ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟» . باھار،  ئەرلەر سايرىسىلا ئالىدىغان تېلىفون، قايتۇرىدىغان ئۇچۇر ئادەتتە ئاياللىرىدىن بولىدۇ. ئاندىن قالسا ئۆزى ياخشى كۆرىۋاتقان ئايالدىن. ئالدىراش، يەنە بىرنىمە دەپ باھانە كۆرسىتىپ ئۇچۇر قايتۇرمىسا ياخشى كۆرمەسلىكنىڭ ئالامىتى. ئۇنىڭ بۇنداق بىكارچى بولۇپ قالغىنىغا ئىشەنگىم تازا كەلمىدى. « ياخشى، رەھمەت . سىزچۇ؟ » دىگىنىمنى بىلىمەن. مېنى ئەمدى ئەيىپلىسەڭ بولىدۇ باھار. ئۈزۈلگەن مۇناسىۋىتىمىز قايتا باشلاندى. ھىچئىش بولۇپ باقمىغاندەكلا قىزغىن.

        باھار، توغرا قىلمىدىم. ئەمما بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى توغرا ياكى خاتا دىگىدەك ئاسانمۇ؟ خاتا دەپ تۇرۇپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان، توغرا بولسىمۇ قىلمايدىغان  ئىشلار بارغۇ؟ ئەسلى ئۈندىداردىن يۇيۇپلا ئالاقىنى ئۈزىدىغان گەپكەنتۇق. مەن ئۇنىڭ بۇنچىلىك نۇمۇسسىزلىغىنى پەقەت ئويلىماپتىمەن. بىر ئادەمنى ياخشى كۆرسەڭ ئۇ قەلبىڭدە غايىۋېلىشىپ كېتىدىكەن.

        خوشاللىق كۈنلەر يەنە باشلاندى دەپ ئويلاپتىمەن باھار. ئۇنىڭغا مېنى ئىككىنچى قېتىم ئازاپلايدىغان پۇرسەتنى ئۆزۈم قولىغا تۇتقۇزۇپتىمەن.

      بۇقېتىم ئۆزۈمنى گۇناھكار ھىس قىلمىدىم. ئۇ ئەسلى مېنىڭكىتى، ئۇقۇشماي باشقىلار ئېلىپ كەتكەن، ئەمدى يەنە ماڭا قايتتى دەپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم. يا ئاۋازلىق ئۇچۇر يا ۋېدىئولۇق كۆرۈشۈشتىن يېتىرقىمايمەن. ئۇ تىۋىپ بولمىغان بىلەن مېنىڭ تۇمۇرۇمنى تۇتۇپلا بولغانىدى. مەن ياخشى كۆرىدىغان گەپلەرنى قىلىدۇ. مەن ياخشى كۆرىدىغان تىپتىكى ناخشا، كىنولارنى ماڭا ئەۋەتىدۇ. ھەپتىدە بىر قېتىم شىركەتكە مەن ياخشى كۆرىدىغان گۈل ئەۋەتىدۇ. ئارىلىقتا ئىككىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئالدى كەينى بولدى. ئۇنىڭ قىممەت سوۋغىسىدىن بىرنى دۇنياۋى داڭلىق ماركىنىڭ بىر بېلەيزۈكىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ھاياجاندىن كۆزۈم ياش. بۇ بەخت كېچىكسىمۇ كەلدى دەپ خوشال بولىمەن.

         بىر كۈنى ئىككىمىز تېلىفوندا پاراڭلىشىۋاتساق ئۈندىدار ئۇچۇرى كەلدى. ئاچسام دوستۇم ئۇنىڭ ياندىن تارتىلغان  رەسىمىنى ئەۋەتىپ« ئاشىقىڭ بىلەن قىزىل چىراقتا بىر قاتاردا تۇرۇپ قاپتىمەن. بىرسى بىلەن تېلىفوندا سۆزلىشىۋاتىدۇ» دەپتۇ. باھار، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قالغىنىمنى ھىچكىمگە تىنمىغان ئىدىم. ھەممىسىنىڭ مېنى ئەيىپلىشى ئېنىقلا. بىرەر مەزگىل ئۆتسە بىر گەپ بولار دەپ ئويلىغانتىم. شۇڭا « ئاشىقىم ئەمەس» دەپلا جاۋاپ قىلدىم.

       ئۇ ئايالى توغىرلىق جىق سۆزلىمەيتى. پەقەت مەندىن ئايرىلىپ ئاندىن خاتا قىلغىنىنى بىلگىنىنى، مېنىڭ قانچىلىك ئالاھىدە بىرسى ئىكەنلىگىمنى بالدۇرراق ھىس قىلمىغىنىغا بەكمۇ پۇشايمان قىلغىنىنى ئېيتاتتى. مەنمۇ مەن بىلەن توي قىلغان بولسا ئۇنى قانچىلىك بەختلىك قىلىدىغىنىمنى دەيتىم. ئۇ كىم بىلىدۇ، ئۇمۇ بولۇپ قالامدۇ تېخى دەيتى. ئىشەندىڭمۇ دەمسەن باھار؟ ئىشەنگەمتىم. مۇھەببەتكە پاتقان ئايال كىشىنىڭ قانچىلىك ئەخمەق بولىدىغىنىنى بىلمەيسەن باھار. سىز ئاسماندىكى ئاي دىسىمۇ، شۇنداق ئوخشايمەن دەپ قالىمىز. ئىشقىلىپ بەختلىك بولغىنىمغا قىل چاغلىق گۇمانىم يوقتى.

        ياز ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. يەنە كۈزدە بارىمەن دىگەن پىلان بىلەن. ئۇمېنى نەگە ئاپىرىدىغىنىدىن  تارتىپ سىم سىم يامغۇر كۈنى كۆرىشىدىغىنىمىزچە دىيشتۇق. چۈنكى مەن ئۈرۈمچىنىڭ ئاشۇنداق كۈنىنى ياخشى كۆرىمەن. نىمىلا دىسەم ھە دەيدۇ.

      ئىشتىن چۈشۈپ ماشىنا ھەيدەپ ئۆيگە ماڭغان ۋاقتىم ئىدى. دوستلىرىم بىلەن ئۈندىدار توپىمىز قىزىپ كەتكەنىدى. مەن تېلىفوننى ماشىنىغا ئۇلاپ قويۇپ قاتناشنىڭ قىستاڭچىلىغىدا كېتىپ باراتتىم. بىر دوستۇم« زىبا، مەن سەن ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش قىلدىم. بىر ساقچى تونۇشۇمغا دەپ ھېلىقى ئاشىقىڭنىڭ تېلىفون نۇمۇرى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدە نەدە ياتاق ئاچقىنىنى تەكشۈرتكۈزگەنتىم( بۇخىل تەكشۈرۈش بۇرۇن ئۈرۈمچىدە مۇمكىنتى)  . 2020- يىلىدىن ھازىرغىچە قانچە قېتىم، ئاساسلىغى مايەرلەردە ياتاق  ئېچىپتىكەن. ھەي تېخى بىر قېتىم بىر ئوغۇل بالا بىلەن دەيدۇ» باھار، بىرەر مىليون ھەرە مېڭەمگە كىرىۋالغاندەك قۇلۇقۇم غوڭۇلداشقا باشلىدى. يەنە بىر دوستۇم بوش ئاۋازدا« قىزلار، مەن ئىشلەۋاتقانتىم. زىبا، ھېلىقى بىرنىمىچۇ ئايالىنى ئېلىپ كەپتۇ تەكشۈرتكىلى. ئايالى ئېغىر ئاياق ئىكەن. ئۈچ ئايلىق…….» قالغىنىنى ئاڭلىيالمىدىم باھار. جاڭ قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن ئاغزى بۇرنۇمدىن ئوقتەك قان ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. شۇنداق. ئالدىدىكى ماشىنىغا ئۇرۇلدۇم. يۈزۈم رولغا تېگىپتۇ. كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ ھىچنىمىنى كۆرەلمەيمەن. ئالدىدىكى ماشىنىنىڭ شوپۇرى چۈشۈپ يېنىمغا كەلدى. ئۇ قاننى كۆرۈپ چۆچۈپ بىر يەرلەرگە تېلىفون قىلىشنى باشلىدى. ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى، خىتايچە كالدىرلاشلار………

      ماشىنامنى ئىستىراخۇنىيە شىركىتىنىڭ ئېلىپ كەتتى. مەن ئۇرىۋەتكەن ماشىنىنىڭ ئىگىسى  بىر خىتايكەن.  ئۇ پۇل تۆلەپ كۆزۈمدىن يۈتتى. ساقچىلار مېنى دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ تاپىلاپ قويۇپ كەتتى. مەندىن ھەمراھ بولغىدەك بىرەر ئادىمىم بارلىغىنى سورىدى. مەن بار دەپلا ئۇلارنى كەتكۈزىۋەتتىم. باھار، مەن چىرايلىق ئەمەس، ئەمما كۆرۈمسىزمۇ ئەمەس. ياخشى بىر خاراكتىرىم بار دەپ ئويلايمەن. ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مۇشۇ شەھەردە قالدىم. ياخشى خىزمىتىم بار. بىراق مەن يالغۇز. بۇ يالغۇزلۇق مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىلىنىدۇ. ھېيىت بايرامدا، ھەپتە ئاخىرلىرى، ئۆيگە كەچ قالغاندا، بىرەر نەرسە بۇزۇلۇپ قالغاندا، ئاغرىغاندا. بەزىدە ساقلا بولسا بىرسىگە تېگەي دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقتىم. بىر يېرى يارىمايدۇ. پۈتۈن ئۆمرۈمنى مۇشۇنداق بىرى بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ئويلىساملا قاچىمەن.

        دوستۇمنىڭ « بىر ئوغۇل بالا بىلەن……..» دىگەن گېپى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمىدى. ياندۇرۇپ توختىمايمەن. دوختۇر « ھامىلدارمىتىڭ» دىۋىدى، ئۇنىڭ ھامىلدار ئايالى ئېسىمگە كېلىپ تېخىمۇ قاتتىق ياندۇرۇشقا باشلىدىم. مېڭەمگە قان چۈشتىمىكى دەپ گۇمانلىنىپ ئاپپاراتقا سالدى. مېڭەم سىلكىنىپ كېتىپتۇ. راست، ئۇنى ياخشى كۆرگەن كۈنۈم سىلكىنىپ كەتتىمىكى. ھېلىقى دوستۇمغا تېلىفون قىلىپ ھادىسىگە يولۇققۇنۇمنى دىدىم. ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمدىكىلەرگە دىمەي مېنى كۆرگىلى كېلىدىغان بولۇپ ئىككىنچى كۈنى كەلدى.

         دوستۇمغا ئىشىك ئاچقىنىمدا پۈتۈن يۈزۈم ئىششىپ كەتكەن ئىدى. يۈزۈم تۈپتۈز بولۇپ قالغان. تۇمشۇقۇم كۆك. دوستۇم قايغۇلۇق قىياپەتتە تۇرۇشقا تىرىشتىيۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي « ساڭا بىرنەرسە دەي خاپا بولما ھە» دەپ سورىدى« ئۆتۈنۈپ قالاي، سەن بىرنىمە دىمىگىنە. بىكار ياتاق ئاچقاننىڭ گېپىنى قىلىپ بولغان ھالىم ماۋۇ. يەنە بىرنىمە دىسەڭ ئۆلۈپلا قالماي» دىسەم، ئۇ « ياق، داشۆدىكى ۋاقىتتا يىگەن مومىغىلا ئوخشاپ قاپسەن » دەپ كۈلۈشكە باشلىدى.

         دوستۇمنىڭ ھەمرالىغىدا كۈنلىرىم كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتاتتى. بۇ دوستۇمنى ماڭا ئاللاھ بەرگەن. 18 ياشتىن باشلاپ پۈتۈن ھاياتىمغا ئىشتىراك قىلغان. مەن توغىرلىق بىلمەيدىغان ھىچنىمىسى يوق. ھېلىھەم ئۈندىداردا بېيجىڭدىكى ساۋاقداشلىرىمىز ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ تۇرىدۇ. بىكارچىلىقتا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا تېپىشىپ قالغىنىمنى دەپ سالدىم. ئۇ سوزۇلۇپ ئولتۇرغان يېرىدە تىك ئولتۇردى. « رەسمى ئىكەنسەن. نىمانچە بۇرنۇڭغا يىمەيسەن ؟ئۇنىڭ  نەرىنى شۇنچىلىك قىلىپ كېتىسەن؟ئۇ  بىر ۋاپاسىزلىق قىلدى، شۇنچە قىينالدىڭ. بارمىغان پالچى قالمىدى. ھەراست ئۇ بوۋاي ئۆلۈپ قالدى. ئۇ بىرنىمەڭ جوھود ئوخشايدۇ، مۇسۇلماننىڭ تۇمارى ئىشلىمەيدىغان» دىمەسمۇ، يىغلاۋاتقان ئادەم قايتىدىن كۈلۈشكە باشلىدۇق. بىردەمدىن كېيىن دوستۇم يەنە ۋەز نەسىھىتىنى باشلىدى. تېلىفونۇم ئۇنىڭ ئەۋەتكەن ئۇچىرلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى. كۆرمىدىم. بىر يىرگىنىچلىك نەرسىدەك ئاچقىممۇ كەلمىدى. ئىككى كۈندىن كېيىن كەچقۇرۇن دوستۇم ماڭا قاراپ« زىبا، ئىچەمسەن» دىدى. مەن « ئىچەيمۇ» دەپ سورىدىم. ئۇ قەتئىلىك بىلەن « ئىچە» دىدى. باھار، ھاراق ئىچىشنىڭ گۇناھلىغىنى كېيىن دىيىشەيلى. شۇنداق قىلىپ ئەس ھۇشۇمنى يوقاتتىم. ئۈندىدارنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىدىم. بەك جىق گەپلەرنى دەپ كېتىپتۇ. ئوقىۋاتىمەن، يىغلاۋاتىمەن. ئاخىرى ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدىم. ئۇ تېزلا ئالدى« نىمانداق يوقاپ كېتىسىز ئادەمنى ئەنسىرىتىپ» دىدى. ئاشۇ بىرلا ئېغىز گەپنى قىلالىدى باھار. ئاغزىمنى قويىۋېتىپ بۇ ئىككى يبلدىن بۇيانقى دەردىمنى تۆكۈپلا تاشلىدىم. ئەتىسى قارىسام 32:46 مىنۇت سۆزلەپتىمەن. باھار، شۇكۈنى ئاخىرىغەيرەت قىلىپ  ئۇنى ئۈندىداردىن يۇيۇپلاۋەتتىم. ھاياتىمدىن چىقىپ كېتىشى دەماللىققا مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بۇنداق كۆڭلۈمنى ئاغرىتقان، ئەقىدەمنى خار قىلغان، قەدرىمگە يەتمىگەن بىرسىنىڭ تېلىفونۇمدا تۇرىشىمۇ غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلىدۇ.

دوستۇم مېنى ئاللاھغا تاپشۇرۇپ قايىتتى. ئەمدى مەن قەيسەرلىك بىلەن ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىش، مۇھەببىتىم بىلەن كۈرەش قىلىشىم كېرەك. بۇمۇ ماڭا بەك تەس توختىدى.

( داۋامىي بار)

جاۋاب يېزىش