دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۇيغۇر قىزى

دىلدار ئەزىز

ئۇ ئانا ئەمەس، بىراق پۈتۈن دۇنيادا ئۇنىڭ نۇرغۇن پەرزەنتلىرى بار. ئۇ باشقا ئانىلارغا ئوخشاش ئانا بولغۇچىلارغىلا مەنسۇپ بولىدىغان بۇ جاپالىق ۋە شەرەپلىك باسقۇچلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان، بىراق ئۇ پۈتۈن دۇنيادا ئۇنىڭ مېھنەت ئەجرى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئانا تىلى دەرسلىكىدىن خۇددى سۇغا تەشنا بېلىقلاردەك بەھرە ئېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان بىلىم خۇمار نارەسىدە يۈرەكلەردە ئۆز ئانا تىلىغا، ئۆز مىللىتىگە بولغان كۈچلۈك مېھىر – مۇھەببەتنى ئويغاتماقتا. شۇ نارەسىدە بالىلار ئۇ قازغان بىلىم بۇلىقىدىن ئۆزلىرىنىڭ يوقىلىش، ھەتتا ئۇنتۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئانا تىلىنى ئۆز ۋەتىنىدە ئەمەس، ئەكسىچە ۋەتىنىدىن تولىمۇ يىراقتا ئۆگەنمەكتە، خۇددى ئۇيغۇر تارىخىدىكى مائارىپچى ئايخان ئانىدەك ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئانا تىل مائارىپىغا بېغىشلىغان بىر ئانا سۈپەت مۇئەللىمەدىن ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى قايتىدىن تونۇتماقتا
ئۇ يەنە تونۇلغان ياش شائىرە ۋە يازغۇچى. ئۇ ساۋات چىقىرىش سىنىپى ۋە ئەدەبىيات سىنىپلىرىدىكى دەرسىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ، توپلام شەكلىدە «32 ھەرپنىڭ پەسلى»، «ئۆزىمىزنىڭ رەڭگى» ناملىق ئىككى كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرۇپ، ئانا تىل مۇئەللىملىرى، شۇنداقلا ئاتا – ئانىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنغان. ئۇنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن روياپقا چىققان <خەير – خوش، قۇياش>  ناملىق رومان خىتاينىڭ جازا لاگېرى تەسۋىرلەنگەن تۇنجى رومان بولۇپ، مەزگۇر روماننىڭ ئەمەلىيەتتىن ئېلىنغان دېتاللىرى ۋە ئۇنىڭ تىلىنىڭ كۈچلۈكلۈكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان.
ئۇنىڭ 2020 – يىلى «دۇنياغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن 100 ئايالنىڭ بىرى» بولۇپ سايلىنىشى ئۆتكەن بەش يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار ۋەتەندە زىندانلاردا، لاگېرلاردا بىگۇناھ خورلىنىۋاتقان ئاتا – ئانىلىرى، ئۇرۇق – تۇققانلىرى ئۇچۇن ئازابلىنىۋاتقان، قايغۇرۇۋاتقان، پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ كەتكەن خىتاي  ۋىروسى كىىشلەرنىڭ نەپەسلىرىنى قىسىپ، روھىنى قىيناۋاتقان كۈنلەردە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن  ئەڭ خۇشاللىنارلىق خەۋەرلەرنىڭ بىرى بولدى. ئۇ كىم؟
ئۇنىڭ ئىسمى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان) ، ئۇ يەنە ئايخان مائارىپى> ۋە < ئايخان فوندى قۇرغۇچىسى، < تۆتقۇلاق بالىلار ژۇرنىلى> نىڭ مەسئۇلى، تۈركىيەدىكى تونۇلغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى.  مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان) خانقىز. ئۇنىڭ ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق تاراتقۇسى ب ب س تەرىپىدىن باھالىغان <  2020- يىللىق دۇنياغا  كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە100 ئايالنىڭ بىرى> بولۇپ باھالىنىشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار بولۇپ، بۇ  باھالانغان 100 نەپەر ئاياللارنى تاللاشتا ئاساسلىقى دۇنيانىڭ  ئۆزگىرىشىگە مەلۇم جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتكەنلەر كۆزدە تۇتۇلغان. مەزكۈر باھالاش يىلدا بىر قىتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشىمايدىغان ئىرق، ئوخشىمايدىغان كەسىپ ۋە ئوخشىمايدىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى  كىشىلەرگە ئىلھام بېرىۋاتقان ئاياللار ئىچىدىن تاللىنىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاۋۋال ئۆلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەرقايسى مىللەت رايونلىرىدا كاندىدات تىزىملىك تۈزۈپ چىقىپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىش، ئۇلار توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەپ، ماقالە – ئەسەرلەرنى تەييارلاش ئارقىلىق نامزاتلار كۆرسىتىلىدىكەن. بۇ شەرەپكە  ئېرىشكەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى، كىنو چولپانلىرى، سەنئەتكارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ بار. بۇ 100 نەپەر ئايالنى تونۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت، شۇ ئاياللارنىڭ تەسىرلىك ھايات كارتىنىسى ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ ئىلھام بېرىشتىن ئىبارەت.
ياش شائىرە، يازغۇچى، مائارىپچى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد(خەندان) غۇلجا شەھرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاپىسى ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان، يۇقىرى مەلۇماتلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئاپىسىنىڭ تەسىرىدە مۇيەسسەر كىچىكىدىن باشلاپلا  شېئىر يادلاشقا، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ مەكتەپ ۋە شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك نۇتۇق سۆزلەش، ماقالە يېزىش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ غۇلجا شەھەرلىك  11- باشلانغۇچ مەكتەپ (شەرق مەكتەپ ) نى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇقىرى نەتىجە بىلەن غۇلجا شەھەرلىك7- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەجرىبە سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتىكى  ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تەجرىبە مەكتەپلەر ئاساسەن خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىلدا دەرس ئۆتۇلىدىغان مەكتەپلەر ئىدى. بۇ مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئوقوغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى نەتىجىلىرى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەتتى. مۇيەسسەرمۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى نەتىجىسى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. تولۇق كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن، مالايشىيادىكى مالايا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە كەسپى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇيدۇ. بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى ياخشى تىڭشىغاندىن كىيىن، ئۆ قەلبىدە يەنىلا بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ ئانىسى ياندۇرغان ئەدەبىيات ۋە مائارىپچىلىقتىن ئىبارەت نۇرلۇق بىر چىراغنىڭ يالقۇنجاۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىدۇ. ئەنە شۇ چىراغ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدە جاراڭلاۋتقان يەنە بىر سادامۇ بار ئىدى: زاۋاللىققا قاراپ كىتىۋاتقنا بىر مىللەتنىڭ تېنىنى داۋالاش بىلەن قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ، مىللەتنى مۇنقەرىزلىكتىن، يوقىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ روھىنى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى، مىللەتنىڭ تىلىنى قۇتۇلدۇرۇش كىرەك. بۇ سادا مۇيەسسەرنىڭ كەلگۈسىدە نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى، قىممەتلىك ۋاختىنى ئۆزى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلارغا سەرىپ قىلىشنى قارار قىلدى.2013- يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئەينى چاغدىكى چىقىش بىرقەدەر ئاسان بولغان دۆلەت تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشتى ۋە شۇنىڭدىن بېرى توختىماي ئىزدىنىپ، ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپچىلىغى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلىغى ساھەسىدە ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بىر پارچە زىمىن ياراتتى.
ئۇنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان « ئايخان مائارىپى »  يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل دەرسلىرى بويىچە تەربىيەلەپ كەلدى. بۇ جەرياندا « ئايخان مائارىپى » نامىدا تەشكىللەنگەن  «مەن – ناتىق»  نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. « ئايخان مائارىپى »  نىڭ مەسئۇللۇقىدا تۈزۈپ چىقىلغان پەسىللىك بالىلار ژۇرنىلى  تۆتقۇلاق  مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى سۈپەتلىك بالىلار ئوقۇشلۇقىنىڭ كەم بولۇشىدەك بوشلۇقنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇشلۇقنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ئۇيغۇر تىلى خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلۇش ۋە يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش قىزنىڭ  ياراتقان نەتىجىلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇ تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام ئاتا قىلىدۇ. بىز مۇيەسسەر خانقىزغا بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسىدا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلەيمىز.

جاۋاب يېزىش