شۇلار ياشىسۇن!


راشىدا ساىتوۋا ئابدۇسېمەتوۋا


مېھرى باھار، قەلبى دەرىيا ئانام ياشىسۇن،
غەمگۈزارىم، يولۋاس  يۈرەك دادام ياشىسۇن.
شۇ ئېسىللار ئارقىسىدا گۆزەلدۇر دۇنىيا،
جەننەت بېغىم، بۈيۈك تېغىم شۇلار ياشىسۇن.

قېرىندىشىم يۆلەپ ئالار باشقا كۈن چۈشسە،
قىيامەتتىن يۇلۇپ ئالار شۇلار ياشىسۇن.
مېنى ئىزدەپ كۈندە ئويلاپ غېمىم يەيدىغان،
مېنى سۆيەر كۆيۈمچانىم باغرىم ياشىسۇن.

تاغدەك ئىشەش قىلىدىغان قىز ئوغۇلۇم بار،
يۈرۈگىمنىڭ ئوت-گىياسى شۇلار ياشىسۇن.
نەۋرىلىرىم ئەۋلادىمغا ئەۋلات قوشىدۇ،
شېكەر سۆزلۈك، قوي كۆزلۈرىم شۇلار ياشىسۇن.

ئاللاھ ئەمرى قوشقان جۈپتۈم بېرىكىتىم بولۇپ،
ئىسسىق- سوغنى بىللە كۆرگەن جۈپتىم ياشىسۇن.
ئەل-ئاغىنە ھەمراھ بولۇپ ياخشى ياماندا،
گۈلى بولۇپ مەشرەپنىڭ شۇلار ياشىسۇن.

خوشنىلىرىم خۇدا قوشقان، قولۇمغا مەدەت،
سورۇن قىلسام قىينالمايمەن شۇلار ياشىسۇن.
ئىچ – سىرىمنى بىلىدىغان دوستلار ساناقلىق،
بىر ئولتۇرۇپ مۇڭداشقانغا شۇلار ياشىسۇن.

ئەل يۇرتۇم بار قوللاپ مېنى يۆلەپ كەتكىدەك،
كۈنلەر ئەمەس كۈنلىرىمدە، شۇلار ياشىسۇن.
ئۆتكەن كۈننىڭ بەلگۈسى يوق ئۆتەر ئۆمۈرىم،
شۇ ئۆتكۈندە ئەسلەپ قالار خەلقىم ياشىسۇن،


– يىلى ياركەنت2020

جاۋاب يېزىش