مەن بۈگۈن يېغلىدىم

  ئامېرىكىدىكى سايلام تەسىراتلىرىم——– 

                                  دىلدار ئەزىز
        يېغلىدىم دىسەم،  كۆپ دوستلار مەندىن يېغلىشىمنىڭ سەۋىبىنى سورىشى  مۇمكىن. بەلكىم بەزى دوستلىرىم: ھەدە،ئاكىمىزدىن ئايرىلىپ كۆپ يېغلىدىڭىز،ئەمدى بولدى قىلىڭ، دىيىشىمۇ مۇمكىن.
     شۇنداق، مەن يېغلىدىم. يېغلاپمۇ ھەتتا بىر يېرىم سائەتلىك ئۇزۇن ئۆچۈرەتتە تۇرۇپ، ئۆزەمنى توختىتالماي يىغلىدىم. بىراق بۇ قىتىمقى يېغلىشىم ھەمرايىمدىن ئايىلغىنىم ئۈچۈن ئەمەس ئىدى. بۈگۈنكى يېغلىشىمنىڭ سەۋىبى، شۇنچە يىل ئۆزەمنىڭ سىياسىي قىممىتىمنى تاپالماي ياشىغىنىم  ۋە ئەمدىلا تېخى تۇنجى قىتىم بىر تولۇق گىرژدانلىق ھوقوقىغا ئىگە ئەركىن ئىنسان سۈپىتىدە ئوخشىمايدىغان مىللەت، ئوخشىمايدىغان ئېرىقلار قاتارىدا ئۇلار بىلەن باراۋەر تۇرۇپ، ئۆزەم ئىشەنگەن نامىزاتقا بىلەت تاشلاش ئالدىدا تۇرغىنىم ئۈچۈن ئىدى.
      ئەسلىدە مەن بۈگۈن كۈلىشىم كىرەك ئىدى، ئون يىللىق مۇساپىرچىلىق ھاياتىمدا ئۆزەمنىڭ ئەمدىلا تېخى بىر ھەقىقىي گراژدان بولالىغىنىمدىن، پەقەت مۇشۇ يشىمغا كەلگەندىلا ئاندىن  دۆلەت پېرزىدانتىنى سايلاش ئۈچۈن بىلەت تاشلاش ھوقوقىغا ھەقىقىي ئىرىشكەنلىگىمدىن پەخىرلىنىپ كۈلۈشىم كىرەك ئىدى. بىراق مەن كۈلەلمىدىم. كۆز يالىرىم خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مەرۋايىتتەك تۆكۈلمەكتە ئىدى. يوغان ماسكا ۋە رەڭلىك كۆزئەينەكمۇ كۆز ياشلىرىمنى يوشۇرۇپ قالالمىدى. بىلەت تاشلىغۇچىلار قاتارىدا، شۇ ئۇۇزن ئۆچرەتتە تۇرغاندا، ھاياتىمدىكى سايلامغا مۇناسىۋەتلىك ئۆتكەن ئىشلار ۋە ئۆتكەن كۈنلەر خۇددى كىنو ئىكرانىدەك كۆز ئالدىمدىن بىر – بىرلەپ ئۆتۆشكە باشلىدى.
       بۇ  80- يىللارنىڭ ئاخىرى ئىدى. مەن ئۇ چاغلاردا ئاپتونۇم رايۇنلۇق سىياىي كېڭەشنىڭ «شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى تەتقىقات ئىشخانىسى»دا مۇھەرىر ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەيىتتىم.  بىزنىڭ خىزمىتىمىز پىشقەدەملىرىمىزنىڭ تارىخىي ئەسلىمىلىرىنى  توپلاپ نەشىر قىلۇرۇشتىن باشقا، يەنە يىلدا بىر قىتىم ئېچىلىدىغان سىياسي كېڭەش قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىش ئىدى. چۇنكى شۇ يىلدا بىر قىتىم ئچىلىدىغان سىياسىي كېڭەشنىڭ قۇرۇلتىيى،خەلىق ۋەكىللىرى دايىمى كومۇتىتىنىڭ قۇرۇلتىىيى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېچىلاتتى. ھەر قىتىمقى قۇرۇلتايدا يىڭىدىن خىزمەتكە قويىلىدىغانلار ۋە خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغانلارغا ئاۋاز بىرىش ئىشلىرى  بولاتتى. ئەگەر تۆت يىلدا بىر قىتىم ئچىلىدىغان قۇرۇلتاي ۋە سايلامغا توغرى كەلگەندە بولسا،پۈتۈن يېغىن داۋامىدا يۇقۇرىدن تۆۋەنگىچە مەن چۇشەنمەيدىغان ئۆزگىچە بىر خىل جىددىچىلىك پەيدا بولاتتى. ئۇ چاغلاردا مەن تېخى ياش،بالىلىرىم كىچىك،يۈكۈم ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسەت دىگەندىن پەقەتلا خەۋىىم يوق، پەقەت نۆۋەتتىكى خىزمىتىمنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقالىسام، باشلىقىمدىن تەنقىد ئاڭلىمىساملا شۇ ماڭا يىتەرلىك ئىدى. بىراق شۇ ۋاقىتلاردا يازغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىم بىلەن ئانچە – مۇنچە تونۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ۋەتەننىڭ ھەممە جايلارىدىكى يازغۇچى ، شائىرلار بىلەنمۇ  يامان ئەمەس ئىلپەتچىلىگىم بولغاچقا، ۋەكىللەر ئىچىدىكى مۇئاپپىقىيەت قازانغان يازغۇچى شائىرلار بىلەن يېغىن جەريانىدا ئۆز- ئارا ياخشى مۇڭدىشىپ قېنىشىۋالاتتۇق. مەنمۇ كۆپرەك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر گۇرپىسىدا بولاتتىم. كۆپ ھاللاردا روزى سايىتنىڭ قەمبەرخانىمغا ئاتاپ يازغان چوشاق – چاقچاقلىرى،تۇرسۇناي ھۈسەيىن خانىمنىڭ روزى ساھىتقا قىلغان شئرى چاقچاقلىرى دايىم گۇرپىمىزنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ تۇراتتى. بىراق بەزى چاغلاردا كۈچلۈك سىياسىيلىق تۈسىنى ئالغان، ۋەكىللەرنىڭ كاللىسىنى كونتۇۇرل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان بۇيرۇقلار گۇرپىمىزنىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇپمۇ قوياتتى.
      شۇ يىلى سىياسىي كېڭەش  ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر گۇرۇپىسىىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، شىنجاڭ تىلۋوزىيە ئىستانىسسىدىكى خۇرشىدە غوپۇر خانىمنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنىشى كىرەكلىگى ھەققىدە بىرلەشمە تەكلىپ يازدى. چۇنكى ئەينى چاغدا خۇرشىدە غوپۇر خانىم ئۆزىنىڭ مۇئاپپىقىيەتلىك سەنئەت پروگراممىلىرى بىلەن جامائەتنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن   ئورۇن ئلغان  ئىدى. بىراق مەن جامائەتنىڭ تەكلىۋىنى كۆتۈرۈپ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە، باشلىقنىڭ بىر ئغىز كۆيۈنۇش تەلەپپۇزىدىكى سۆزى مىنى ھەيران قالدۇردى:
    » سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرىنى بۇ يەردىكى ئەزالار ئەمەس، بىرلىكسەپ بۆلۈمى شۇ كىشىنىڭ ئىجتىمايى رولىغا قاراپ بىكىتىدۇ.  سىياسىي كېڭەش ئەزالىىرنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا نامزات كۆرسىتىشى، مۇشۇ كۆرسەكەن نامىزات ئۈچۈن بەكمۇ پايدىسىز،» دىدى ئۇ ئۇيغۇر باشلىق كۆيۈنگەن تەلەپپۇسدا،» ئەگەر مۇشۇ خىلدىكى جامائەت پىكىرى توپلاش داۋاملاشسا، خۇرشىدە خانىمنىڭ سىياسىي كېڭەشكە ئەزاسى بولىشى ئۇ ياقتا تۇسۇن، ھەتتا ھازىرقى خىزمىتىدىنمۇ ئايىرلىپ قېلىشى مۇمكىن.» دەپ قوشۇپ قويدى ئاخىرىدا قولۇمدىكى جامائەتنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى كۆرىۋېتىپ.
       مىنىڭ بەدىنىم بىردىنلا شۈركۈنۈپ كەتتى. مۇشۇ جامائەت پىكىىر ئارقىلىق خۇرشىدە خانىمنى سىياسىي كېڭەشكە ئەالىق نامىزاتى قىلىپ كۆرسەتكەنلىگىمىز تۈپەيلىدىن، شۇ خانىمغا بىرەر ئاۋارىچىلىقنىڭ كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم. بىراق كۆپچىلىكنىڭ تەكلىۋىنى باشلىقنىڭ قولىدىن قايتۇۇرپ ئېلىش ھوقوقۇم يوق ئىدى. بۇنداق قىلسام مەن قانۇنىي جازاغا ئۇچرىشىم مۇمكىن ئىدى.
       گۇرپىمىزغا قايتىپ كىرگەندىن كىيىن،  ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ مەندىن جاۋاپ كۈتۈپ قارىغان كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى قاچۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم، ھەتتا ھېچكىشىگە بۇ ھەقتە قايتا ئېغىز ئاچمىدىم، بىراق يۇقۇردا بولۇنغان گەپلەر خېلى يىللارغىچە يۈرۈگۈمنى غاجىلاپ كەلدى. راس دىگەندەك، خۇرشىدە غوپۇر خانىم زادىلا سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولالمىدى. تېخىمۇ يامان بولغىنى، خۇرشىدە خانىمنىڭ پىنسىيە يېشى تېخى توشماستىنلا، ئۇنى خىزمىتىدىن  ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشلىقلار بىلەن بەكلا بەلەن چىقىشالايدىغان ياش خانىم قويۇلدى. بۇنىڭغا ئەينى چاغدا ناھايتى كۆپ كىشىلەر نارازى بولغان بولسىمۇ، جامائەتنىڭ نارازىلىغى ھچنەرسىگە يارىمىدى، ئەكسىچە ھلىقى شۇ خىزمەت ئورنىدا ئەمدىلا ئولتۇرغان ياش خانىم تىزلا سىياسىي كڭەشنىڭ ئەزالىقىغا قويۇلدى. گۇرپىمىزدىكى جامائەت بۇنىڭدىن پەقەتلا  ئۆز- ئارا بىر بىر – بىرىگە قارىشىپ ئېغىر ئوھ تارتىپ قويۇشتى. ھېچكىشى ئوچۇق ئاشكارە بىر نەرسە دىمىدى. چۇنكى ئوچۇق گەپ قىلغاننىڭ، جامائەت پىكىرى توپلىغاننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بۇلارمۇ ئاستا- ئاستا چۈشۈنۈپ يىتىشكە باشلىغان ئىدى.
        شۇنىڭدىن كىيىنكى بىر قىتىملىق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ سايلىمىدا يەنە بىر ۋەقە يۈز بەردى: ئاپتونۇم ريۇنلۇق خەلق ۋەكىللەر قۇۇرلتىيىنىڭ ئەاسى، مىنىڭ ھەدە دوستۇم،قەشقەر ۋەكىلى ئاتىكە زەمىر خانىمنىڭ توساتتىن يۇرەك كىسىل قوزغۇلۇپ،جىددى قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ كىتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدىم-دە، دەرھال ئارقىسىدىن  باردىم. بىر كىچە ئۇنىڭغا دوختۇرخانىدا ھەمرا بولغاندىن كىيىن،ئەتىسى ئەتتىگەندە دوختۇرخانىدىن قايتۇۇرپ كېلىندۇق. چۇنكى دوختۇرنىڭ جىددىي داۋالىشى ۋە ئىككىمىزنىڭ مۇڭدىشىشىمىز ئاتىكە زەمىر خانىمنىڭ روھىي كەيپىياتىدا خېلىلا ياخشى ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلغان ئىدى. بۇ جەياندا شۇنى بىلدىمكى،ئاتىكە زەمىر خانىم باشچىلىغىدىكى كۆپ سانلىق قەشقەر ۋەكىللىرى بۇرۇن قەشقەر شەھرىگە شەھەر باشلىغى بولغان، شۇ مەزگىلدە ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللىي ئىشلار كومۇتىتىغا مۇدىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابلايۇف ئەپەندىنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ سايلىنىشى ئۈچۈن بىلەت تاشلاشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى،ئۇلارنىڭ باشقا بىر نامىزاتقا بىلەت تاشلاش ئويىنىڭ بارلىغىنى  بىلدۈرۈشكەنلىگى ئۈچۈن، ئاتىكە زەمىر خانىمنى» ۋەكىللەرنى پارتىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بوي سۇنماسلىققا كۇشكۇرتقان» دەپ ئەيىپلەپ،بىسم قىلغان،شۇ سەۋەپتىن ئاتىكە زەمىر خانىمنىڭ يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغۇلۇپ قلىشىغا سەۋەپچى بولغان. كىيىنكى يىلى بولسا خانىمنىڭ خەلق ۋەكىللىگىمۇ ئېلىپ تاشلاندى.
      ئەمىلىيەتتە بۇ خىل سايلامدا ۋەكىللەرگە بېسىم قىلىش ئارقىلىق ۋەكىللەرنى خەلىق ياقتۇرغانلارنى ئەمەس،بەلكى پارتىيە ياقتۇرغاننى سايلاشقا مەجبۇرلاش، ھەتتا يېغىن ئېچىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن بۇ  ئىككى قۇرۇلتايدىكى  بارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى ئايرىم يېغىنغا چاقىرىپ، ئۇلارغا يېغىندا قارار قىلىنىدىغان ھەممە مەزمۇنلارنى ئېزىپ چۇشەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ پارتىيە تاللىغان كىشىگە ۋە  پاتىيە قارار قىلغان ئىشلارغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش، غەيرى سادالارنىڭ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە خىزمەت ئىشلىشى،ئۇزۇن يىللاردىن بىرى پۈتۈن جوڭگو مىقياسىدىكى سىياسىي كېڭەش ۋە خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئورگانلىرىدا ئۆزلەشكەن بولۇپ، بۇ خىل قۇللۇق تۈسىنى ئالغان كاللا يۇيۇش ھەركىتى پاتىيەنىڭ بارلىق سېستىمىلىرىنىڭ، ئورگانلىرىنىڭ كۈندۈلۈك خىزمەت ئۇسۇلىغان ئايلىنىپ  بولغان ئىدى.
        مىللەتنىڭ، كەسىپلەرنىڭ، جامائەتنىڭ ئەڭ سەرخىللىرىدىن بولغان سىياسىي كېڭەش ۋە خەلق ۋەكىللەر قۇۇرلتىيىنىڭ  ئەزالىرى ئەمەلىيەتتە بىردەكلا ئاددىي گراژدانلىق ھوقوقىغىمۇ ئىگە  بولمىغان،  پارتىيەنىڭ مەلۇم مەنپەئەت ۋە قۇۇرق شان-شەرەپ ۋەدىلىرى ئارقىلىق قولىدا تۇتۇپ تۇرىدىغان بىر توپ سىياسىي قۇللىرى،  قورچاقلىىردىنلا  ئىبارەت ئىدى. ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى پۇخرالاردىن پەرقىي پەقەت يىلدا بىر قىتىم قاتنىشىدىغان شۇ يېغىنلا بولۇپ، ئادەتتىكى پۇخرالارنىڭ سىياسىي ئورنىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ ئەيىتساق، بىز ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئۆزىمىزنىڭ جىسمىمىزغا ئەمەس،ھەتتا كىملىكمىزدىكى ۋە پاسپورتىمىزدىكى ئىسمىمىزغىمۇ ئىگە بولالمىدۇق. بەلكىم تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە  روزى سائىت ۋە ئاتىكە زەمىر خانىمغا ئوخشاش بىلىمدە يىتىلگەن  سەرخىللار ئۆزلىىرنىڭ بۇ مەيداندىكى روللىرىنى ئاللا بۇرۇن چۈشۈنۈپ يەتكەن بولشىمۇ مۇمكىن،مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە  مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى يەنىلا  مۇشۇ مەيداندىن پايدىلىنىپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئاز- تولا بىر ئىشلارنى قىلىشنى،ئۆز خەلقىنىڭ ساداسىنى ئاز تولا بولسىمۇ دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ئىزدىگەن بولىشى مۇمكىن،  خالاس.
       چۇنكى شۇ يىللاردا سىياىي كېڭەش ۋە خەلىق ۋەكىللىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق نىزامنامىسىدا » ئىككى ئورگان ۋەكىللىرىنىڭ ئىككى يېغىن جەريانىدا قىلغان ھەرقانداق گېپىنىڭ قانۇنىي ئاقىۋتى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ،»دەپ ئىنىق  يېزىلغان بولغاچقا، ئۇلار بۇ سورۇننى ئەركىن پىكىر قىلغىلى بولىدىغان بىردىن- بىر مەيدان ، دەپ بىلگەن بولىشى مۇمكىن. بىراق ئەمەلىيەتتە بۇ قانۇنمۇ جوڭگونىڭ بارلىق قانۇنلىىرغا ئوخشاش پەقەت قەغەز يۈزىدىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،نەتىجىدە ئۇلارمۇ ۋەتەندە ياشاۋاقان نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ قورچاق  ئورنىدا ئوينىتىلىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مىللەت ۋەكىلى قاتارىدا جامائەتكە ۋە خەلقاراغا كۆز-كۆز قىلىنىشتىن باشقا ھېچقانداق رولىنىڭ يوقلىغىنى ئازدۇر-كۆپتۇر تونۇپ يەتكەن بولىشى مۇمكىن.
       بىراق، يىللاردىن  بىرى گەرچە نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقوقىي دەپسەندە قىلىنغان بىرەر خەلق  ۋەكىلى ياكى سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ  تېخى بىرەر يۇقۇرى دەرىجىلىك  ئورۇنغا ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقوقىنى قوغداش يۈزىسىدىن بىرەرە قىتىم نارازى بولۇپ شىكايەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. مىنىڭچە بولغاندا ئۇلار مىللەتنىڭ ۋەكىلى، مىللەتنىڭ سەرخىللىرى ئىدى، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقوقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، مىللەتنىڭ قانۇنىي ھوقوقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئىدى. بۇ بىر ھىساپتا ئۇلارنىڭ باش تارتماس  مەجبۇرىيىتى ئىدى. بىراق ئۇلار سۇكۇتنى تاللىدى. ئۇلارنىڭ سۇكۈتنى، زوراۋانلارغا يول قويۇشنى تاللىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى قوغداشتىنلا ئىبارەت ئىدى. مەن ئۇلارنىمۇ توغرى چشەندىم. چۇنكى ۋەتەندىكى تۈزلمە،  بىز ياشاۋاتقان دموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تۈزلمىسىگە ئوخشىمايىتتى. مۇشۇ تۈزۈلمىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، بۇ تۈزۈلمىگە نارازىلىق بىلدۇرۇش،قارشى پىكىر قىلىش،ئۆزىنى ئۇلارغا تۇتۇپ بىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇ تۈزۈلمە ئەنە شۇنداق بىر يولسىز، قارا نىيەت تۇزۇلمىكى، ئۇ پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە قۇل قىلمۇغىچە، شۇ جەرياندا ئۆزىنى ئۆزى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمىغۇچە ئارام تاپمايدىغان تۈزلمە ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەقىقىي تېتىيالايدىغان يەنە بىر كۈچنىڭ بولىشى بەكمۇ زۆرر ئىدى. ئەنە شۇ چاغدا ھەممە ئىشلار باشقىچە بولاتتى.
   ئارقىدىن مەن فىرانسىيەدە يەنە ئىككى قىتىملىق ئوخشىمايدىغان پېرزىدانت سايلىمىنىڭ شاھىدى بولدۇم.
   ئالدى بىلەن دوستۇم لېيلانىڭ ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن  قىزى مەنەلنىڭ پىرزىدانت سايلىمى ئۈچۈن تۇنجى قىتىم بىلەت تاشلىشىغا ھەمرا بولدۇم. چۇنكى مىنىڭ  ڧىرانسىيەنىڭ سايلىمىنى بىر كۆرۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى. مەن يىراقتىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. مىنەل مەخسۇس بىلەت تاشلىغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلانغان پەردە توساقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى، ئانىدىن ئۇ شۇنچىلىك ھاياجان ئىچىدە پەردە توساقنىڭ ئىچىدىن قايتىپ چىقتى.ئۇ  بىلەت تاشلاپ بولغان ئىدى. ئۇ كۆك سىياغا مىلەنگەن بارمىقىنى ئۈستۈنگە قاراتقان ھالدا ماڭا قاراپ ھايانجانلىق كۈلۈمسىرەپ كېلىۋاتاتتى. ھەممەيلەن  كۆك سىياغا قولىنى مىلەپ بارماق ئىزىنى باسقاندىن كىيىن،شۇ ئىككىنچى چوڭ بارمىقىنى قول تازىلاش قەغىزى بىلەن سۇرتىۋىتەتتى. بىراق مەنەل ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ چوڭ بارمىقىنى  خۇددى قېچىپ كىتىدىغاندەك يەنە بىر قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ مىنىڭ ئالدىمغا ئەكەلدى، ۋە » بۇ مىنىڭ ھاياتىمدا تۇنجى قىتىم چوڭلاردەك دولەتنىڭ چوڭ ئىشىغا، بولۇپمۇ پىرزىدانت سايلىمىدەك چوڭ ئىشقا ئۆزەمنىڭ بىر كىشىلىك كۆز قارشىمنى بايان قىلىشىم» دىدى،ئۇ ھاياجان ئىچىدە كۆزىگە ياش ئېلىپ.
        – سىز كىمگە بىلەت تاشلىدىڭىز؟ ساركوزغىمۇ ياكى… 
       » ئۇش …» دىدى ئۇ  بىر بارمىقىنى لىۋىگە يېقىن ئەكىلىپ، گەپ قىلماسلىقنى ئىشارەت قىلىپ،» بۇ دىگەن مەخپىي، كىمگە بىلەت تاشلىغىنىم خۇددى دىننىي ئتىقادىمغا،يانچۇقىمىزدىكى پۇلۇمغا ئوخشايدۇ،  بۇلار مىنىڭ شەخسىيىتىم. باشقىلاغا بىلدۈرۈشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. بىلەت تاشلىغىنىمنىڭ ئۆزىلا ھەممىدىن موھىم.» مىنەلنىڭ كۆزلىرىدىن ئىپتىخارلىق نۇرلىرى چاقنايىتتى. بۇرۇن ماڭا ھەممە گېپىنى دەيدىغان بۇ قىزنىڭ شۇ تاپتىكى روھى ھالىتىدىن ۋە  ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىدىن، ئۇنى  توساتتىن چوڭ بوپ قالغاندەك ھس قىلدىم. بىراق كىيىن بىلىشىمچە، مىنەل بىلەتنى ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئانىسىغا تاشلىغان ئىكەن.
         ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر ئىش يۇز بەردى: تۇنىزىيەدە تۇغۇلۇپ، ڧرانسىيەدە چوڭ بولغان، ڧىرانسىيەدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ موھىم بىر ئورنىدا رەھبەرلىك  خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان دوستۇم لېيلا بىر كۈنى سەھەردە تاڭ ئاتماستا تۇرۇپ  ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەتتىگەنلىك ناشتامنى قىلىۋاتقاندا ئۇ قاتتىق ھاياجان بىلەن ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى. مەن ئۇنى مەن بىلەن ناشتا قىلىشقا تەكلىپ قىلدىم. ئۇمۇ ئىككىنچى بامىقىنى ئاسمانغا قاراتقان ھالدا ماڭا ئۆز ھاياجىنىنى قانداق ئىپادىلەشنى ئويلاۋاتقاندەك ماڭا قاراپ ئوماق كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
       – بارمىقىڭىزغا نىمە بولدى؟تىز بولۇڭ، سىيانى يۇيىۋتىپ ناشتىغا كېلىڭ. بۇيرۇق قىلدىم مەن ئۇنىڭغا ھەدىلەرچە مېھرىم بىلەن.
      – قولۇمنى يۇسام بولمايدۇ، دىدى دوستۇم سىيالىق بامىقىنى قايتا- قايتا سۆيۈپ تۇرۇپ. زەڭگەر سىيا ئۇنىڭ ئوماق لەۋلىرىگىمۇ يوققان ئىدى. شۇ چاغدىلا دوستۇمنىڭ ھاياجانلىرىنىڭ ماڭىمۇ يوققالىغىنى ھېس قىلدىم. كۆزلىرىمدىن ياش تامچىلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى. دوستۇم بولسا نەچچە كۈنگىچە شۇ بىر تال بامىغىنى زادىلا يۇمىدى.
      دوستۇم لىېلا تۈنىزىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئانىسى فرانسىيەلىك تىل ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، دادىسى بولسا تۈنىزىيەدىكى داڭلىق ئۈنىۋېرسىتنىڭ تارىخ پروففىسورى ئىدى. ئانىسى دادىسى بىلەن ئاجىرشىپ كەتكەندە،ئۇ ئانىسى بىلەن فرانسىيەگە قايتىپ كەلگەن ئىكەن.  2010 – يىللاردىن كىيىنكى جاسىمەنگۇل ئىنقىلاۋىدا تۇنىزىيەنىڭ بۇۇرنقى پىرزىدانتى ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسىدىمۇ يىڭىلىنىشلار بولدى، يىڭى پىرزىدانت سايلىمىغا تۇنجى قىتىم پۈتۈن دۇنيادىكى تۇنىزىيە پۇخرالىرىغا سايلامغا  ئىشتىرك قىلىش ھوقوقى بىرىلدى. تۇنىزىيەنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كونسۇلخانىلىرى بۇ خىزمەتنى شەرەپ بىلەن ئۈستىگە ئالدى. بۇگۇن تاڭ سەھەردە دوستۇم پارىژدا تۇۇشلۇق تۈنىزىيە كونسۇلخانىسىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان تۈنىزىيە گراژدانلىرىنىڭ پىرزىدانت سايلىمىدا بىلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن ئىدى.
      دوستۇم لىيلا  زەڭگەر رەڭ بىلەن بويالغان بارمىقىنى قايتا- قايتا سۆيەتتى. ئۇنىڭ سىيا يوقتۇرىۋالغان لەۋلىرىدىكى تەبەسسۇم ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى. ۋەتىنى بار ئىنسان، بولۇپمۇ ئىككى ۋەتىنى بار ئىنسان نىمە دىگەن بەخىتلىك-ھە!  شۇ چاغدا مەنمۇ ھازىرقىدەك  ئۆزەم تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيىغان بىر خىل تۇيغۇ ئىچىدە يېغلىغان ئىدىم. مانا بۇ، يۇرىگىمدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك ۋەتەنسىزلىكنىڭ  يارىلىرىنىڭ قايتا غىدىغلىنىشى ئىدى. گەرچە مەن ئامرىكا ۋەتەندىشى بولۇپ، بۇ يەردە باشقا ۋەتەنداشلارغا ئوخشاش ھەممە ھوقۇقلاردىن تەڭ بەھىمان بولىۋاتقان بولساممۇ، بىراق يۈرىگىم تېخى توق ئەمەس ئىدى. چۇنكى مىنىڭ ئانا ۋەتىنىم تخى باسقۇنچىلانىڭ ئايىغى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنماقتا،ئازاپتىن ئېڭرىماقتا ئىدى. قېرىنداشلىرىم، دوستلىرىم، تۇققانلىرىم تۇرمىلاردا، لاگىرلاردا ئازاپلىق نالە قىلماقتا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ يەردە گەرچە ھەممىگە ئىرشكەن بولساممۇ،ئەمىلىيەتتە مىنىڭ ئانا ۋەتىنىم بولمىغاچقا مىنىڭ ھىچ نەرسەم يوق ئىدى. مەن ھېچزامان ئۆزەمدىن بەخىت تۇيغۇسى تاپالمايىتتىم. مىنىڭ بەختىم، مىنىڭ خۇشاللىغىم، مىنىڭ بارلىغىم شۇ دوستلىىم، قرىنداشلىرىم ۋە تۇققانلىرىم بىلەن بىللە تۇرمىلاغا، زىندانلارغا قامالغان،خورلىنىۋاتقان ۋە دەپسەندە قىلىنىۋاقان ئىدى. شۇڭا  مىنىڭ يۈرىگىم بەخىت تۇيغۇسىدىن تولىمۇ يىراقتا ئىدى.
       مەن يەنە يىغلىدىم. ھېچقانداق بېسىمسىز، كىمگە بىلەت تاشلىشىمنى ھىچكىشى نازارەت قىلمىغان ھالدا ئاددىغىنا ئاخىرلاشقان بىلەت تاشلاش جەريانىمدىن تەسىرلىنىپ يىغلىدىم. خەلقىمنىڭ  يوقاتقان ئەركىنلىگى،خەلقىمنىڭ يوقاتقان غورورى، ھەدە – سىڭىللىرىمنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئىززەت نومۇسلىرى ئۈچۈن يىغلىدىم. بۇ يېغىمغا ئازاپ، نەپىرەتلا ئەمەس، يەنە كەلگۈسىگە بولغان زور ئۆمۇتمۇ يۇغۇرۇلغان ئىدى.
2020- يىلى 26- ئۆكتەبىر ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شىتاتىدا يېزىلدى

5 Replies to “مەن بۈگۈن يېغلىدىم”

  1. ئەسسالام دىلدار ھەدە!
    ئالرى بىلەن سىزنىڭ ئامرىكىدەك دۇنيانىڭ سىياسى،ئىختىسادى،دېموكرەتىك ،ئەركىن پىكىرلىك ۋە نۇرغۇن جەھەتتىن ئەڭ ئالدىدا يولباشچى بولۇپ مېڭىۋاتقان شۇ دۆلەتنىڭ پۇخرالىق سالاھىيىگە ئىرىشكەنلىگىڭىزنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن.
    ئەلۋەتتە سىزنىڭ بۇ قېتىملىق دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرىنى بەكرەك ئۆزىگە تاتىۋاتقان پېرزېنىتلىق سايلىمىدا،بېلەت تاشلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىگىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم.
    سىزنىڭ بۇ جەرياندىكى ھىس-تۇيغۇلىرىڭىز ۋە ئىلگىركى زالىم ھاكىميەت ئاستىدا بولغان ۋەكىللىك جەريانىدىكى ،بىز بىلمەيدىغان ئىنچكە،مەخپى بىر قىسىم ئەمىلىي رىياللىقنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقانلىغىڭىز ئۈچۈن تولىمۇ سۆيۈندۈم.ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىلەر ئىكەن.ئاللا بىزنىڭمۇ ۋەتىنىمىز قايتىدىن قولىمىزغا كەلگەندە،ئالدى بىلەن 1-بوپ قىلىدىغان ئىش پۇخرالىق ھوقوقىدۇر ئەلۋەتتە.سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزدىن قايتىلاپ ھىس قىلغىنىم شۇكى ۋەتەنسىزنىڭ ھىچ نىمىسى بولمايدىكەن.
    سىزگە كۆپ رەھمەت.ھەقىقى دېمۇكراتىيە ئەنە شۇدۇر.

    1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خەيرىنىسا خانىم. باھالىرىڭىزغا تەشەككۇر، كوپ خۇرسەند بولدۇق.سىزنىڭ بىزنى داۋاملىق قوللاپ بىرىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمىز. چۇنكى ئانىلار تورى ھەممە ئانىلارنىڭ ئارامخانىسىدۇر.

  2. ئەسسالام دىلدار ھەدە!
    ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئامرىكىدەك دۇنيانىڭ سىياسى،ئىختىسادى،دېموكرەتىك ،ئەركىن پىكىرلىك ۋە نۇرغۇن جەھەتتىن ئەڭ ئالدىدا يولباشچى بولۇپ مېڭىۋاتقان شۇ دۆلەتنىڭ پۇخرالىق سالاھىيىگە ئىرىشكەنلىگىڭىزنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن.
    ئەلۋەتتە سىزنىڭ بۇ قېتىملىق دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرىنى بەكرەك ئۆزىگە تاتىۋاتقان پېرزېنىتلىق سايلىمىدا،بېلەت تاشلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىگىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم.
    سىزنىڭ بۇ جەرياندىكى ھىس-تۇيغۇلىرىڭىز ۋە ئىلگىركى زالىم ھاكىميەت ئاستىدا بولغان ۋەكىللىك جەريانىدىكى ،بىز بىلمەيدىغان ئىنچكە،مەخپى بىر قىسىم ئەمىلىي رىياللىقنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقانلىغىڭىز ئۈچۈن تولىمۇ سۆيۈندۈم.ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىلەر ئىكەن.ئاللا بىزنىڭمۇ ۋەتىنىمىز قايتىدىن قولىمىزغا كەلگەندە،ئالدى بىلەن 1-بوپ قىلىدىغان ئىش پۇخرالىق ھوقوقىدۇر ئەلۋەتتە.سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزدىن قايتىلاپ ھىس قىلغىنىم شۇكى ۋەتەنسىزنىڭ ھىچ نىمىسى بولمايدىكەن.
    سىزگە كۆپ رەھمەت.ھەقىقى دېمۇكراتىيە ئەنە شۇدۇر.

جاۋاب يېزىش