ۋاقىتسىز كۆچكەن يۇلتۇز— شاتگۈل ئۇيغۇر

 دىلنۇر ئابدۇرېشىت تەييارلىغان

1988 – يىلى 8-مارت، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ماتەملىك بىر كۈن بولدى. ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن، ئون گۈلىنىڭ بىىرمۇ ئېچىلمىغان تالانتلىق سەنئەتكا، ئۇيغۇر دىيارى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رىياسەتچىسى، تالانتلىق كىنو ئارتىسى شاتگۈل ئۇيغۇر سۇيقەسىت بىلەن ئۆلتۈرلدى.

شاتگۈل ئۇيغۇر 1960-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچىدە بىر زىيالى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىنلا ناخشا ئۇسۇلغا ھېرىسمەن بۇ قىز، باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈش بىلەنلا، بۆرتالا سەنئەت ئۆمىكىگە بالا ئەرتىسلىككە  قوبۇل قىلىنغان.

بۆرتالادىن ئىبارەت بۇ كۆپ مىللەتلىك رايوندا شاتگۈل ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت تۆت خىل تىلدا رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە مۇشۇ تىللاردا ناخشا ئەيتىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئۆمەكتە تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە  1975-يىلى ئۇيغۇر رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكەپ كېلىنگەن.

   شاتگۈل ئۇيغۇر، رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تالانتى بىلەن ئۇستازلىرىنىڭ ئالاھىدە تەربىيىلىشىگە ئېرىشىدۇ.

1980-يىلى ئۇ چاڭچۈن كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن «قالدۇق قار» ناملىق ھېكايە فىلىمىدە بىر ئىشچى قىزنىڭ رولىنى ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئېكران ھاياتىنى باشلىغان.

1981 -يىلنىڭ باشلىرىدا شىبە مىللىتىدىن بولغان ئاتاقلىق رېژىسسور گۇاڭ چۈنلەن بۇ قىزنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكى ۋە سالاپىتىگە دىققەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1982-يىلى شاتگۈل «رەنانىڭ تويى»دىكى سوفىيە ئوبرازىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ.

     شاتگۈل رول ئېلىشتىكى ئۆزگىچە خاراكتىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئارقىدىن 1983-يىلى «ئارتىس بولمايدىغان قىز»دىكى شوپۇر ھۆرىيەتنىڭ رولىنى ئالىدۇ. 1984-يىلى «سىرلىق كارۋان» فىلىمىدىكى ئاينۇر ۋە ماينۇرلادىن ئىبارەت ئوخشىمىغان موھىتتا چوڭ بولغان بى جۇپ قىزنىڭ ئىككى خىل خاكتىرنى ئىكراندا ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىدۇ.

1986-يىلى خىتاي ئاكتيورلار تەركىبىدىن ياپون، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرگە زىيارەتتە بولۇپ، شۇ ئەل خەلقلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. بىراق ئۇيغۇر دىيارىدا نۇر بولۇپ چاقنىغان بۇ يۇلتۇپ ئويلىمىغان يەردىن ۋاقىتسىز ساقىپ كىتىدۇ.

1988-يىلى 8-مارت ، بۇ دۇنيا ئاياللار بايرام كۈنى بولۇپ، ئاياللار چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ بايرام تەنتەنىسىگە چۆمگەن بىر كۈن  ئىدى. شاتگۇل ياشاۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاياللامۇ بۇ خۇشاللىققا ھەمدەم ئىدى. قانچىلىغان ئاياللار كۆڭۈللۈك يىغىلىشلارغا تەييارلىنىۋاتقان ۋە قانچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ خاسىيەتلىك كۈنىنى تەبرىكلىشىپ، بىر-بىرىگە سوۋغىلارنى بېرىشكە ئالدىراۋاتقان ئىدى . بۇ كۈننىڭ يەنە كېلىپ يەكشەنبىگە توغرا كەلگىنىنى دېمەمسىز؟ ئەمما شاتگۈل بۈگۈن يەنىلا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خىزمىتى ئۈچۈن ئالدىراش ئىدى. ئۇ بوغدا مىھمانخانىسىدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىيىم كۆرگەزمىسىگە رىياسەتچىلىك قىلىشقا بارماقچى ئىدى. ئەتىگەندە ھەممە ئائىلە ئەزالىرى خاتىرجەم ھالدا ئەتىگەنلىك چېيىنى ئىچىۋاتاتتى، شاتگۈل  بولسا ئالدىرىماقتا. شاتگۈل ئاخىرى دادىسىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىۋالماقچى بولدى. شۇنداق قىلسا ئۇ كىچىكمەسلىگى مۇمكىن ئىدى.

» بولىدۇ، قىزىم بولىدۇ، «دىدى دادىسى ئۇيغۇر ئاكا. «مەنمۇ يېغىنغا بارماقچى، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي، ئاپىرىپ قويۇپ يولۇمغا كەتسەممۇ بولىدۇ.

  شۇ ئارىلىقتا ماشىنا ئىشىك ئالدىدا سىگنال بېرىپ قالدى. قىزىم سىز چىقىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، دېدى ئۇيغۇر ئاكا، چۈنكى ئۇ تېخى تەييار بولمىغان ئىدى، شاتگۈل چىقىپ كېتىپ ئىككى مىنۇت ئۆتمەيلا «گۈلدۈر» قىلغان كۈچلۈك  بىر پاتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇيغۇر ئاكا ۋە پۈتۈن قورۇدىكى، ئىدارىدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان چوڭ – كىچىك ئادەملەر يۈگۈرۈپ تالاغا چىقتى.

  بۇ چاغدا شاتگۈل قان ئىچىدە ھوشسىز ياتاتتى. ماشىنىنىڭ ئەتراپىدا يارىلانغان شوپۇر بىر نېمىلەرنى دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئۆمىلەپ يۈرەتتى، بۈگۈنكى بايرام خۇشاللىقى ئۇيغۇر ئاكىنىڭ ئۆيىدە بىردەمدىلا ماتەمگە ئايلاندى. شاتگۈل بۇ چاغدا ئەمدىلا يىگىرمە سەككىز ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بەرنا قىز ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس ، قىزنىڭ ھاياتى قىسقا بولدى. قاناتلىرىنى پەرپىلەپ ئەمدىلا ئۇچىۋاتقان بىر قوش قارا قويۇننىڭ دەشتىگە دۇچ كەلدى. شەرق  سەھنىسىدىن، ئەمدىلا يانغان بىر چولپان يۇلتۇز ئۆچتى. ياق، يۇلتۇز ئۆچتى دېگەندىن كۆرە، يۇلتۇز كۆچتى دېسەك بولغۇدەك. ئۇ مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلغان، مۇشۇ زېمىندا ئۆسكەن، يەنە مۇشۇ زېمىن ئۇنى ئۆز باغرىغا ئالدى، ئۇنىڭ روھى قەلبلەر ئاسمىنىغا كۆچتى.

بۇ چاغدا شاتگۈلنىڭ دادىسى ئۇيغۇر مىنوۋ ۋە چوڭ دادىسى مىنوۋئاخۇن قاتارلىق ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ سەزگۈزەشتىلىرى بىر قىزىق نۇقتا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىىنى باشقىدىن ئۆزىگە تارتتى. كىشىلەر باشقىدىن يىراق ئۆتمۈشكە نەزەر سېلىشقا باشلىدى:

   شاتگۈلنىڭ دادىسى ئۇيغۇر مىنوۋ ئەلسۆيەر، جامائەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولۇپ، سۇ نازارىتىگە نازىر بولغان يىللىرى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان. شاتگۈلنىڭ چوڭ دادىسى مىنوۋئاخۇن 1947يىلى 2-ئاينىڭ 25 -كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن گومىنداڭچىلارنىڭ ئەخمەتجان قاسىم باشلىق رەھبەرلەرگە قارشى قوزغىغان 25- فېۋرال ۋەقەسىدە پۇقراچە كىيىنگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن پارتلىتىۋېتىلگەن. مىنوۋئاخۇن، شۇ يىللىرى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بىرى بولغان، بۇرھان شەھىدىنىڭ شوپۇرى ۋە قوغدىغۇچى بولغان. بۇ ئۈچ ۋەقە تاسادىپىيلىقمۇ ياكى ئۇنىڭ باشقىچە بى سەۋىبى بارمۇ؟ بۇ ھازىرغىچە بىر سىرئىدى.

شاتگۈل ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى، 1980-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن تەسىرى زور بولغان، خەلق ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان ، ئبۇ ياش قىز يەنە تۇنجى قېتىملىق تېرور ھۇجۇمىنىڭ قۇربانى بولدى. شۇڭا شائىر ياسىن ئىمىن «شاتگۈل» نامىدا كىتاب يېزىپ،  ئۇنى ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا 1988-يىلنىڭ ئاخىرىدا نەشر قىلدۇردى. كىتابدا شاتگۈلنىڭ دادىسى ئۇيغۇر مىنوۋ ۋە چوڭ دادىسى مىنوۋئاخون قاتارلىق ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ سەزگۈزەشتىلىرىنى قىسقىچە  بايان قىلغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي كىتاب ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن كىتابلارنى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ،  ئاپتورى ياسىن ئىمىننىڭ يېزىقچىلىق ھوقۇقى چەكلەنگەن. ياسىن ئىمىن گەرچە داڭلىق شائىرلار قاتارىدا بولسىمۇ، ئەمما يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنگەن مول ھوسۇللۇق شائىرلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ غوللۇق تەھرىرى ئىدى. شاتگۈل، ئۇ پەقەت 80- يىللاردا ئۇيغۇرچە كىنولاردىلا رول ئېلىپ يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياراملىق  بىر ئاكتىيور ئىدى. بىراق ئۇ ياش ھاياتىنى بەدەل قىلىپ بىر كىتاب يېزىشقا، ئەجدادلارنىڭ قىسمەتلىرىنى يورۇتۇشقا، بىر يازغۇچىنىڭ يېزىقچىلىق ھوقۇقىنىڭ مەڭگۈلۈك چەكلىنىشىگە سەۋەب بولدى.

    كىيىن مەلۇم بولىشىچە شاتگۈلنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپچى بولغن قاتىل ھېلىقى خىتاي شوپىر، دەپ گۇمان قىلىندۇ. بىراق  مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن دىلو تەكشۈرۈلمەي تۇرۇپلا توخىتىلدۇ. بىراق شاتگۈلنىڭ ئۆلۈمى كىشىلە قەلبىنى زىل-زىلغان سالىدى . ئەڭ موھىمىي، ئۇنىڭ ۋقىتسىز ئۆلۈمى خەلقنى، بولۇپمۇ  ئۇيغۇر زىيالىلىىرنى چوڭقۇر ئويغا سالدۇ. ئويغاق كىشىلەنىڭ تەپەككۇرىنى ئوخشىمايدىغان ئۈچ  دەۋر بىلەن تەبىئىي باغلىدۇ. خىتاي كومپارتىيسىنىڭ سختا نىقابىنىڭ بىر تەرىپى ئچىلىپ قالدى.

خەلقىمىز بۇ پەخىرلىك ۋە سۆيۈملۈك قىزىنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ.

ئەلۋىدا! شاتگۈل ئۇيغۇر.

جاۋاب يېزىش