راھىلە كامال شېئىرلىرى

   ئېسىمدە ساقلايمەن

بۈگۈن چېچىمنى تارىمىدىم،

ئەينەككىمۇ قارىمىدىم،

مۇزدەك قارشى ئالدى مېھمانخانەم.

تاملار بىر بىرىگە باقتى، ماڭا قارىمىدى،

تۆت تامغىمۇ يارىمىدى!

مۈشۈكۈمنىڭ مەندىن قورققىنى بەك قىززىق!

بۇ ئەپتىم مۈشۈكتىنمۇ سەتمىدۇ؟

مۇھىممۇ شۇنچە ياسىنىش؟

بۇ ئويغا قانداق كەلدىم؟

بىر كۈن ياشىمىغاندەك يۈرۈش،

ئېسىمگە كەلگەننى قىلىپ،

ساراڭلاردەك خىيال سۈرۈش.

ئالدى بىلەن قەھۋەنى كورىدا قايناتتىم،

ئاندىن ئازراق ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇردۇم.

چىنە يۇيۇش ماشىنىسىدا پايپىقىمنى يۇيدۇم،

تۆت يېرىدىكى تۆشۈكنى كۆرۈپ،

ئۆرۈپ چۆرۈپ يەنىلا ساقلىقىنى تۇيدۇم.

قىزىمنى ئاپا، دەپ باقتىم،

ھە قىزىم — ، دىمەسما،

ئاپامنىڭمۇ قىزىم ئىكەنلىكىنى ئېسىمدە ساقلايمەن.

نۆۋەت ئېرىمگە كەلگەندە تۇرۇپ قالدىم،

چۈنكى ئۇنى بەزىدە تونۇيالمايمەن،

شۇنداق بىر قارىشى باركى،

ئىچىمدىكى تېشىمغا چىقىپ قالىدىغان.

مېنى سىنايدىغىنى دەل مۇشۇ،

باشقا ئىسىمدا چاقىرىپ باقاي.

ۋاللاندىر (1)، دىدىم ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ.

ئۈندىمىدى، ۋاللاندىر ، دىدىم يەنە قايتىلاپ.

دېلورۇڭ خېلى مۇرەككەپكەن ھە!

بىر كۈن چىدىساق ئۆزلۈكىدىن يېشىلىپ كېتىدۇ—

شۇنداق دىدى ئۇ ئۆزىگە قاراپ،

چۇۋۇلغان چېچىمنى ئاۋايلاپ تاراپ.

ئېرىمنىڭ راستىنلا ۋاللاندىر ئىكەنلىكىنى ئېسىمدە ساقلايمەن.

غازاڭلار بولدى ماڭا پايانداز،

دەرەخلەر ئېغاڭلاپ قىلىشىدۇ ناز.

بىر پۇتۇمدا ئۆتۈك، بىر پۇتۇمدا كەشە

    ئۈنلۈك بوزلۇدۇم ئۇيغۇر تىلىمدا :

ئىلى يولى ئەگرى توقاي، ئەگرى توقاي،

توقايلىقتا سايرار غەمكىن بىر جۈپ تورغاي،

دەردمەن تورغاي.

غازاڭلارنىڭ، دەرەخلەرنىڭ مەردلىكىنى ئېسىمدە ساقلايمەن.

ئالدىمدىن چىقتى بىر ياداڭغۇ ئايال

تۇرۇپ قالدى مېنىڭ تۇرقۇمغا،

ئاندىن داجىدى كەينىگە ئاستا،

كۈلكىسىنى تۇتتى تولىمۇ زورغا.

بۇ ئايال ئىككىمىزدىن بىرىمىز ساراڭ،

مەن يالغان ساراڭلىقىمنى بىلىمەن.

ئەگەرئۇ ئايالمۇ يالغان ساراڭ بولسا

ئېنىقكى ئىككىلىمىز ساراڭ.

ياداڭغۇ ئايالدىن كېيىن

 كېلىپ قالدىم تۆت كوچا ئېغىزىغا.

يېشىل ، سېرىق، قىزىل چىراقلار

تېگەتتى يوللارنىڭ يېغىرىغا.

ۋاھ ! تەلۋىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى،

پەقەت خىيالغا ئوخشىمايدۇ،

 كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرغان چىراقلار.

بۇ يەردە پەقەت رەڭلا بار،

سېرىق رەڭ ئېغىر بېسىق                                                                 

قىزىل رەڭ قانداق سېھىرلىك،

يېشىل رەڭ قانداق مېھىرلىك،

مېنى بەزىلەر ئېغىر بېسىق دەيتتى

چىشى يوق يىلان بولۇپ چېقىۋالغاندا.

سىز مېھىرلىك ئايال دەيتتى

كۈننى ئېتىكىدە يېپىۋالغاندا.

سىز سېھىرلىك ئايال دەيتتى

مۇشۇنداق ساراڭ بولىۋالغاندا.

يەنىلا يېشىل چىراق،

سېرىقتا تەييارلىنىمىز،

چاقىرىدۇ قىزىل.

ئوڭ پۇتۇمنى كۆتۈردۈم

كۆتۈردۈميۇ،

يەردە سۇلايلىنىپ ياتقان ئايالنى كۆردۈم.

ئاپئاق چاچلىرى تاراقسىز،

ئوڭ پۇتىدا ئۆتۈك، سول پۇتىدا كەشە،

غەمكىن ھەم ئارامسىز.

ۋاي بۇ ساراڭ، يىغلاڭغۇ  ئايال—

دىدى ھېلىقى ياداڭغۇ ئايال پىچىرلاپ .

ۋاي بۇ جىنئالغۇ  ئايال—

 دىدى بىر مۈشۈكمۇ پىچىرلاپ .

يەردە ياتقان ئايال ماڭا ئوخشايتتى،

لېكىن مەن ئەمەس.

يېشىل چىراق يەنىلا يېنىپ تۇراتتى،

يېشىل رەڭنىڭ چېھرىنى ئېسىمدە ساقلايمەن.

ئېسىمدە ساقلىۋالغانلارنى ئەسلىدىم،

ئاچچىقسۇ تەملىك قەھۋەيىم،

تۆشۈك پايپىقىم،

ئانام قىزىم،

ۋاللاندىر،

مېنىڭ غازاڭلىرىم،

ساراڭلىقىم،

بۇلار مېنىڭ يېشىل چىراقلىرىم.

  • ۋاللاندىر بىر شىۋىت رازۋېتچىكى

   پەيدالىقتىن غايىپلىققا

ۋاقىتنىڭ ۋاقىت ئىچىدە ياشىشى،

ياشاشنىڭ سېنىڭ ئىچىڭدە بولۇشى،

ۋاقىتنى ۋاقىتتىن ئالماققا،

ئۆزۈمنى ياشاشقا سالماققا،

ئۇرۇنۇشلار، تەلۋىلىكلەر.

غايىپلىقىم بىلەن سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان،

پەيدالىقىم بىلەن سېنى كۈلدۈرمەكچى بولغان،

ئەڭ نادان ، گۈزەل تۇيغۇلار،

ئەڭ رەھىمسىز باتىل تۇيغۇلار!

باغرىمدىكى گۈلزارلىقتىن تىكەن ئۈندى،

سانجىلدى ئۆزۈمگە، كىردى كۆزۈمگە.

ئەڭ نەپرەتلىك سۆيۈملۈك ئەجرىم،

تىكەننىمۇ پەرۋىشلىدىم ،سىيلىدىم.

ياشاشنى سەندىن ئالدىم،

ۋاقتىمنى ۋاقتىڭدىن.

تىكەنلىرىڭنى خىرۇستال لوڭقىغا سالدىم.

ئەي سۆيۈملۈك جەريان،

خىرۇستالدىكى تىكەنلىرىڭنى ساقلىدىم.

قۇرۇتتۇم، ئېزىپ ئۇۋاتتىم،

ئۇنى ۋاقتىمغا، ياشىشىمغا

ئوزۇق، قۇۋۋەتلىك ئوغۇت قىلىۋەتتىم.

كۈز

ئەگىيدۇ بېشىمدا خىيالچان بىر ئاي،

باغرىمغا ئۈنتىنسىز تارىتىپ سادا.

ئېھ! گۈلۈم تىترەيدۇ ياپراقلىرىڭمۇ،

بۇ مېنىڭ پىغانلىق كۆزلىرىم ئارا.

جىمجىتلىق روھىمغا قاتتى ئېزىلىش،

تىزىمنى قۇچاقلاپ يىغلىدىم ئۇزاق.

پاكلاندى يۈرىكىم ئازابلار بىلەن،

يامغۇردا پاكلىنار ياپراقمۇ شۇنداق.

قىلغانتۇق ئەسلىدە نېمىنى خاتا!؟

ئۇ بىزنى ئازابلاپ قويمايدۇ تىنىچ.

كۆڭۈللەر ئىستىكى يارقىن بولسىمۇ،

ئەزەلدىن بولمىغان بىزدە قېنىشىش.

غازاڭلىق يول بىلەن ماڭىمەن جىمجىت،

بۇ ھارغىن كۆڭلۈمنى قالدۇرۇپ ساڭا.

ئۆزگىلەر نەقەدەر شادىمان بۈگۈن،

نە ئويدا تىكىلەر كۆزلىرى ماڭا؟

يەتكەندە قەدرىڭگە ئايلار، يىل ئۆتۈپ،

كەتكۈم بار پۇررۇدە ئۇچۇپ سەن تامان.

،ئاھ شۇنداق قوشۇلۇش يېرىپ كۆڭلۈمنى —

شۇ چاغمۇ قويارمۇ سەن، مېنى ئامان؟

توي بارغىقى

قاناتلىرى ئاپئاق بەك ئاپئاق،

.بىر قۇش كەلسە ئۇچۇپ بۇ ياققا

تىترەپ كېتەر جىمى نازۇكلۇق،

.يۈرىكىنى يېقىپ بىر ئوتقا

توينىڭ چۈشى قۇشنىڭ پەرۋازى،

.قۇش سىياقتا تور بارغىقى ھەم

بارغاق دەسلەپ تىترەڭگۈ كۆكرەك،

.ئۇلۇغ قىزغا ئايلىنار بۇ دەم

قىز قۇش دىمەك، قۇش ئۆزى بىر قىز،

.خىيال قىزدۇر، قىز پۈتمەس خىيال

قۇش خىيالغا، خىيال قىزغا ئايلىنار بەك تېز،

توي بارغىقى بولالماس ساختا،

.رەڭگى دەردتۇر، تېگى مۇھەببەت

قاناتلىرى ئاپئاق بەك ئاپئاق،

.بىر قۇش كەلدى ئۇچۇپ بىز تامان

قېنى شۇنى قوغلاپ تۇتقۇدەك، كىمنىڭ قولى ھەممىدىن چاققان؟

شىۋىتسىيە

جاۋاب يېزىش