سەنئەت بېغىدىكى «نۇزۇگۇم»

        دىلنۇر ئابدۇرېشىت 

        ئۇيغۇر سەنئىتىگە بولغان ئىشتىياقىم، مىنى ھەرخىل ئوبرازلانى ياراتقان تالانتلىق  سەنىئەتكارلارغا بولغان قىزىقىشىمنى قوزغاپ تۇراتتى. ئەينى يىللىرى ئۆزبەكستاندا سۈرەتكە ئېلىنغان  ”نۇزۇگۇم“  فىلىمدە باش رول ئالغان سۇمبات ھىزبۇلام قىزى غېنىيارۇۈا ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ يىل سەنئەتشۇناس، شائىرە، ئاكتىيور سۇمبات خانىم، ئۆزىنىڭ ئەللىككىنچى باھارىنى كۈتىۋالماقتا ئىدى.

       سۇمبات خانىم مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ راۋاجلىنىشغا  زور ھەسسە قوشقان، خەلققە كەڭ دائىرىدە نۇزۇگۇم ئوبرازى بىلەن تونۇلغان سەنئەتكاردۇر.   ئۇ مۇئارىپچىلار ئائىلىسىدە  دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ھىزبۇلام غېنىيارۇف، ئانىسى رىزۋانگۈل غېنى يارۇالار پۈتۈن ھاياتىنى مائارىپ ئىشىلىرىغا بېغىشلىغان پىشقەدەم ئۇستازلاردۇر. مانا مۇشۇنداق ئاىلىدە دۇنياغا كەلۆكەن سۇمبات خانىم  بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلاپ، سەھنىنى ھاياتىنىڭ ئەڭ نۇرلانغان دەقىقىلىرى سۈپىتىدە ياخشى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئۇنىڭسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھالدا ياشاپ كەلدى. ئۇقازاغستاندىكى ئۇيغۇر مالىۋاي ئوتتۇرا مەكتىۋىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كىيىن ، ئالماتادىكى <<تېمېربېك ژۇرگېنۋف>> نامىدىكى تىياتىر، رەسساملىق ئىنستېتوتىنىڭ دىرامما ۋە كىنو ئاكتيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۇستازى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق خەلق ئارتىسى شولپان جاندار بېكىۋا، سۇمبات خانىمنىڭ ئاكتىيورلۇق جەھەتتىكى ئالاھىدە تالانتىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا شۇ چاغلاردىكى قازاق داراممىلىردا باش قەھرىمانلارنىڭ رولىنى ئويناشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا يەنە ۋىليام شىكىسپىرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى كاتىرىنا قاتارلىق ئورۇنلاش بىر قەدەر قىيىن بولغان ئوبرازلارنى يارىتىشقا باشلايدۇ. سۇمبات خانىم ئىككىنچى ئوقۇش يىلىدىلا ، ئالماتادىكى ”مۇختەر ئاۋۇزۇف“ نامىدىكى ئاكادىميلىك  چوڭ دىرامما -تىياتىرغا ئارتىسلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. ھەمدە شۇ يەردە ئۆزىنىڭ تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن  بىر تەرەپتىن ئوقۇش، يەنە بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىشىغا، شۇنداقلا ئاكتىيورلۇق قابىلىيىتىنى يىتىلدۇرىشىگە بىر ياخشى پۇرسەت ئىدى.  ئۇ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگەتكەندىن كىيىن، ”قازاغىستان دۆلەتلىك ئۇيغۇر – دراما -تىياتىرى“ غا  ئارتىسلىققا قوبۇل قىلىنىپ رەسمىي خىزمەتكە چۈشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە قوشۇمچە  قازاقىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالتاغ ئۇيغۇرچە پروگراممىسىغا  رىئاسەتچىسى بولۇپ  ئىشلەيدۇ. 1991- يىلى سۇمبات خانىم ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى. چۈنكى شۇ يىلى ئۇ ئۆزبېكىستاندا سۈرەتكە ئېلىنىش ئالدىدا تۇرغان ”نۇزۇگۇم“ فىلىمىدە، فىلمنىڭ باش قەھرىمانى  نوزۇگۇمنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللانغان ئىدى. شۇ يىلى سۇمبات خانىم دەل 21 ياشقا كىرگەن ئىدى.

       ئۆز ھاياتىنى سەنئەتكە بېغىشلىغان سۇمبات خانىم ئۈچۈن،  پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، تاجاۋۇزچىلارغا باش ئەگمەيدىغان   ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك قىزى، نوزۇگۇمنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ  يارىتىش ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇر پەللىگە كۆتۈرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ سەھنىدىكى مەردانە قىياپىتى، قەيسەر جاراڭلىق ئاۋازى، نىمجان روھلارنى ئويغۇتۇپ، سۈكۈتتە ياتقان ئىنسانلارغا جاسارەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈرىگىدە  نىجاتلىققا بولغان كۈچلۈك ئۆمۇت ئۇچقۇنلىرىنى يالقۇنجاتقان ئىدى. سۇمبات خانىم ياراتقان نۇزۇگۇم ئوبرازى، ئۇيغۇرنىڭ  پەخىرلىك قىزى نۇزۇگۇمنى كۆرۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قايتىدىن جانلاندۇرغان ئىدى.

图片包含 窗帘, 人, 室内, 站

描述已自动生成

         نۇزۇگۇم كىم؟ نۇزۇگۇم، 19 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ۋەتەنپەرۋەر، ئوت يۈرەك، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل بولۇپ، تەخىمىنەن 1806 -،1807-يىللىرى قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن چىچەن ھەم نازۈك قىز بولۇپ يىتىلگەچكەن،  كىشىلەر ئۇنى“نازۈك“ ياكى ”نۇزۇگۇم“ دەپ ئاتىغان. نۇزۇگۇم 1825-يىلىدىكى قەشقەر خەلقىنىڭ چىرىك چىڭ ئەمەلدارلىرىغا قارشى قوزغىلىڭىغا قاتنىشىدۇ. قوزغىلاڭ  مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ غولجىغا پالىنىدۇ ۋە كىيىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ سۇلۇن ئەمەلدارىغا خوتۇنلۇققا مەجبۇرلىنىدۇ. ياتلارغا خوتۇن بولۇشنى نومۇس، دەپ  بىلگەن نۇزۇگۇم، توي  كېچىسى سۇلۇن ئەمەلدارىنى ئۆلتۇرىۋېتىپ قېچىپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي چىن چىرىكلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ  قىلىپ دارغا ئىسىپ ئۆلتۇرۇلىدۇ(1827-يىلى). 

图片包含 户外, 草, 年轻, 男人

描述已自动生成

         سۇمبات خانىم بىلەن سۆبەتلىشىش جەريانىدا، مەن ئۇنىڭ  كەمتەر، ئاقكۆڭۈل، ۋىجدانلىق ، ئالىيجاناب ئېسىل خىسلەتلەرگە ئىگە مېھرىبان ئايال ئىكەنلىگىنى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاياللارغا  خاس گۈزەل پەزىلەتلەرنىڭ تولۇق يىتىلگەنلىگىنى چوڭقۇرھېس قىلدىم. 

       سۇمبات خانىم ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئىشلەپ يۈرۈپمۇ، ئۆز تىرىشچانلىغى بىلەن يەنە سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ سەنئەتشۇناسلىق كەسپىي بويىچە ماگىستىرلىقتا  ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ”ئۇيغۇر سەھنىسىدىكى ئاياللار ئوبرازى“ نامىدىكى دېسسىرتاتسىيەسى ئارقىلىق، يوقۇرى نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملايدۇ. شۇندىن كىيىن ”مەدەنىيەت“، ”قازاق تىياتىرى“، ”زامان قازاقىستان“ ۋە ”ئۇيغۇر ئاۋازى“، ”ئىنتىزار“ قاتارلىق ئۇيغۇرچە، قازاقچە ژورنال گېزىتلەردە  ئۇنىڭ ماقالىلىرى داۋاملىق ئېلان قىلىنىشقا باشلايدۇ.

图片包含 人, 对着, 照片, 男人

描述已自动生成

       سۇمبات خانىم كىنو تىلۋىزىيە ساھەسىگىمۇ كۆپ ئەجىرلەرنى سىڭدۈردۇ. يېقىنقى يىللاردا قازىغىستاندا سۇرەتكە ئېلىنغان ”گۆھەر“ ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرىدا ئىككىنچى باش قەھرىمان تۇنانىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا  ”دوختۇر ئەخمىدىۋا“  قاتارلىق كۆپلىگەن فىلىملەردە ئوخشىمىغان  روللارنى ئىلىپ ئۆز تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

图片包含 人, 女人, 室内, 食物

描述已自动生成

         سەنئەت قاينىمىدا ۋاقىت بىلەن ھەمنەپەس ياشناۋاتقان سۇمبات خانىم ھازىر بولسا ”مۇختەر ئافىزوۋ“ نامىدىكى ئاكادىمىيەلىك تىياتىردا رېجىسسور ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

        ھەر بىر ئىنساننىڭ ”بۈگۈنكى كۈننىڭ تۇلپارى ياكى ئەتىنىڭ ئىجاتكارى، ۋە شۇنداقلا تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى بولۇش، بولالماسلىقى  شۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە باغلىق“ دەيدۇ، سۇمبات خانىم. كىچىكىدىن باشلاپ دادىسىغا ئوخشاش شائىر  بولۇشنى قەلبىگە پۈككەن بۇ قىز، 12 يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا باشلىغان. مەرھۇم دادىسى ئاتاقلىق شائىر ھىزبۇلام غېنىيارۇف ئىزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۇپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ  نەشىر قىلدۇرغان. بۇنۇڭ ئەڭ تىپىك بۇلغىنى ، سۇبات خانىمنىڭ 2018-يىلى ئۆزىنىڭ تۈنجى رومانى ”ئارتىس“ ناملىق كىتاۋى بۇلۇپ، بۇ تارىخى روماندا سەنئەتكارلارنىڭ مۇشەققەتلىك ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. خەلقنىڭ زىيالىسى بولۇش سۇپىتىدە، سۇمبات خانىم ئۆزىنىڭ بىلىم ئىقتىدارىنى داۋاملىق يۇكسەلدۇرۇش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى مىللەتنىڭ  مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشنى مۇقەددەس دەپ بىلگەن. ئۇنىڭ  ئانىسى رىزۋانگۈل خانىم، يولدىشى 38 يشىدا ۋاپات بولغان  بۇلسىمۇ تۆت پەرزەنتىنى جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىدۇ.سۇمبات خانىمنىڭ ئۆمۈرلۈك يولدىشى- خەلق ئاممىسىغا كەڭ تونۇلغان ناخشىچى، كومپوزىتور ئابلەھەت ئىسلاموڧ ۋە بۇلارنىڭ قىزى ناخشىچى مۇشتەرى ئىسلاموۈا  بولسا  ھەمىمىزگە تۇنۇش چولپانلادۇر. 

     سۇمبات خانىم ئۆز ھاياتىدا سان-ساناقسىز بوران چاپقۇنلۇق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ،  ھايات-ماماتلىق تەڭسىزلىكلەرنى يېڭىپ، پۈتۈن ھاياتىنى جان دىلى بىلەن سۆيگەن سەنئەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان توۆپىكار سەنئەتكاردۇر. ئاخىردا سۇمبات خانىمنىڭ ئايىلىسىگە خاتىرجەملىك، تىنىگە سالامەتلىك ، ئۇنىڭ كىيىنكى ھايات ۋە ئىجادىيەت مۇساپىسىغا ئوڭۇشلۇق ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار تىلەش بىلەن زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم.

One Reply to “سەنئەت بېغىدىكى «نۇزۇگۇم»”

جاۋاب يېزىش