پەرۋاسىز ئۇيغۇرۇم؟

نازىرە جاھاننوۋا ( قىرغىزىستان، بىشكەك)

ھېلىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ،1990 – يىلى تۇنجى قېتىم ئائىلىمىز بىلەن غۇلجىغا بارغاندا، شۇنداق گۈزەل بىرخىل تۇيغۇلارغا چۆمۈلگەن ئىدىم. غولجىنىڭ گۈزەل كوچىلىرى، پاكىز ئاقارتىلغان كېسەك  تاملار، ئېشىك ئالدىدىكى  ئېرىقتا  شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېقىن سۇلار، ھەممە كوچىلاردا دىگۈدەك سۇغا ئىگىلىپ تۇرغان تال چىۋىقلار….ھويلىلاردىن ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان يېقىملىق مۇزىكا ۋە  كۈلكە چاقچاقلار…… پاكىز ئاقارتىلغان، رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ھويلا ئاراملار، كېچىلىرى ئۇخلىمىسىمۇ ئۆي تازىلىغىنى قولدىن بەرمەيدىغان چىۋەر غولجا ئاياللىرى …..ماڭا ئۆچمەس گۈزەل تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. گەرچە بىزنىڭ غولجىغا بارغان ۋاقتمىز روزا- رامزان ئايلىرىغا توغرى كەلگەن بولسىمۇ، ئاياللار يەنىلا شۇنداق چىۋەر ۋە ئىشچان ئىدى .  رامىزاننىڭ ئاخىرىغا ئۇلىشۇپ ھېيتنىڭ ئالاھىدە تەييارلىغى باشلىنىپ كەتكەن ئىدى….  شۇ چاغدا رەھمەتلىك دادامنىڭ شۇنچىلىك كۆڭلى ئېچىلىپ، ساياھىتىمىز ئاخىرلاشقۇچە غۇلجىغا تويماي كەتكەن ئىدى. بىرگە ئۆسكەن نەۋرە ئىنىلىرى، دوست ئاغىنىلىرى، بىرتال   نەۋرە ھەدىسى قاتارلىقلىق تۇققانلىرى بىلەن كېچە – كۈندۈز  جەم بولۇپ  تۇرۇپمۇ ھېچ قېنىشمايىتتى.

        بىراق شۇ چاغلاردا سىرىتلارغا چىققاندا، يەنە باشقا بىر مەسىلىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ، شۇ گۈزەل تەسىراتلارنى خۇددى بىر پىيالە مەززىلىك چاينىڭ ئىچىگە بىر تال چىۋىن چۈشۈپ قالغاندەك ۋە ھەتتا بىلمەي چىۋىن يەۋالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. ئۇ بولسىمۇ ئەنە شۇ خىتايلار بىلەن بىرلىكتە تىجارەت قىلىدىغان ئاممىۋى سورۇنلاردىكى مەينەتچىلىك ئىدى.  گەرچە ئۇ چاغلاردا بىز تېخى بالا بولساقمۇ، ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئەھۋال كاللىمىزغا روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇراتتى. بولۇپمۇ بازارلاردىكى  ئاشخانىلارنىڭ  تازىلىق شارائىتى تولىمۇ ناچار بولۇپ،  تاماق ئېتىۋاتقان جاي، ئاشپەزلەرنىڭ كىيىملىرى، بۇ ئەتراپىدىكى پاسكىنىچىلىق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇراتتى.

      ئەلۋەتتە، مانا بۇ سوۋېت مەدىنىيىتى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېڭىدە پەيدا قىلغان ئوخشىمىغان تەسىرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. شۇنىڭدىن كىين مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەندىن كىيىن، ۋەتەندىكى مەينەتچىلىك توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ قالدىم. نېمە سەۋەپتىن  بىزنىڭ ۋەتەن شۇنداق بولۇپ قالغاندۇ؟  دەيىتتى دادام: «مېنىڭ يۇرتۇم  غۇلجا ئەزەلدىن ئۇنداق پاسكىنە ئەمەس ئىدىغۇ!؟».

      مەسىلەن، سوۋېت مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى كۈچلۈك قوبۇل قىلغان قىرغىزىستاننىڭ بازارلىرىدىكى، يېمەك-ئىچمەك ساتىدىغان، تاماق ساتىدىغان دۇكانلاردا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ھەممىسى خۇددى دوختۇرلاردەك ئۇچىسىغا ئاپپاق خالات كىيىپ، بېشىغا ئاق پوسما كىيەتتى. بۇلارنىڭ تازىلىقى دائىم تەكشۈرلۈپ تۇراتتى. بۇ كىيىملەر ھەر دائىم پاكىزە تۇرۇش كېرەك ئىدى. ھاتتا كراخمال بىلەن قاتۇرۇلۇپ دەزماللىنىشى كىرەك ئىدى. ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان خادىملار ئۇنىڭدىن بەتتەر تەكشىۈرۈلۈپ تۇراتتى. ھەر كۈندە بۇ خالاتلار ۋە پەرتۇقلار ئالماشتۇرىلاتتى. ھەتتا تالادىكى ئوتياشچىلار ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارنى ئامبارغا توشىيدىغان ۋە تازىلىق قىلىدىغان خادىملارمۇ مەخسۇس پاك- پاكىز كۆك خالاتلارنى كىيپ ئىشلەيىتتى.

     بىراق مەن كۆرگەن غۇلجا ئاشپەزلىرىنىڭ پەرتۇقلىرىنىڭ بولسا رەڭگىنىمۇ پەرقلەندۈرگىلى بولمايىتتى. كەچلىك بازاردىكى يېمەكلىك ساتقۇچىلارنىڭ خىزمەت كىيىملىرى توغرىسىدا سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى.  ئۇلارنىڭ ئەتكەن تامىغى گەرچە شۇنچە مەززىلىك بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە قاراپلا ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشقاندىن «غىققىدە» بولۇپ قالاتتى. 

       بىز ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈن غولجىدىن ئىككى كۈن ئاۋتوبۇستا ئولتۇردۇق. سەپەر ئۈستىدە بىر ئايال بالىسىنى ئاۋتوبۇس ئىچىدىلا  توستى، تەرەتنىڭ سېسىق پۇرىقى ئاپتۇبۇسنى بىر ئالدى. بىراق ھېلىقى ئايال پەرۋاسىز ئىدى. بىز بولساق سېسىق پۇراقتىن ھوشىمىزدىن كىتەيلا، دەپ قالغان ئىدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتپبۇس ئىچىدىكى بىرەرسىمۇ نارازى بولۇپ ئىنكاس قايتۇرۇپ قويمىدى. ئەتىراپىمىزدىكى كىشىلەرگە خۇددى بۇ بىر نۇرمال ئىشتەك بىلىنسە كېرەك. مەن ھەيرانلىق ئىچىدە ئەتىراپىمغا قارىدىم. كۆڭلۈمدە بىرەرسىنىڭ بۇ ئىشقا نارازىلىقىنى بىلدۇرۇپ ئىككى .ېغىز گەپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلدىم، بىراق ھەممەيلەن پەرۋاسىز ئىدى. قېنى ئۇ بىز كۆرگەن پاكىز ئۇيغۇر ئاياللىرى؟ ئۇيغۇر ئاياللىرى مۇشۇ ھالىتى بىلەن كىملەرگە ئوخشاپ قېلىۋاتۇ ھازىر؟!!

       سەپەر ئۈستىدە بىز يول بويىدىكى مېھمانخانىغا چۇشتۇق،  بىراق بۇ يەرنىڭ مەينەتلىگىدىن ئارام ئېلىش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئورۇن كورپىلەر پاسكىنلىقتىن پارقىراپ تۇراتتى، يوتقان ئۈستىدە  پىتلار  ئەيمەنمستىن ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۇرەتتى. بۇ يەردە ئۇخلاش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. بىراق بۇنىڭغىمۇ ھەممەيلەن پەرۋاسىز ئىدى. كۆڭۈلنى تېخىمۇ بەك غەش قىلىدىغىنى شۇكى،  مانا شۇ پاسكىنچىلىق بۈگۈنكى كۈندە مەن چىن دىلىمدىن سۆيگەن  ئۇيغۇرلىرىم ئارىسىدا ،مەن سېغىنىپ بارغان ۋەتىنىمدە ئۇچۇرتىشىم ئىدى. 

         نەچچە يىلدىن كىيىن، 2004-يىلى، مەن ئۈرۈمچىگە قايتا باردىم. كۆزۈمگە تۇنجى بولۇپ چىلىققىنى  يېڭىئازادە ئاسڧالىت  يوللار، شەھەر ئىچىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان  مېھمانسارايلار ۋە ئاۋات چوڭ بازارلار بولدى.  ئادەمنىڭ  بۇ شەھەرلەرنى خۇددى كىنولاردا كۆرگەن نيۇ- يورك شەھرى بىلەن سېلىشتۇرغۇسى كەلسىمۇ،  بىراق بۇ يەردىكى ناچار تازىلىق شارائىتى مېنى يەنىلا ھەيران قالدۇرغان ئىدى. گەرچە خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بۇرۇنقىدىن خېلىلا  يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى  پاسكىنىچىلىق يەنىلا  يوقۇلماپتۇ. نېمىشقا؟  

       شۇ چاغدا  غىزالىنىش ئۈچۈن «كونسۇل» كوچىسىدىكى ئاشخانىلارغا تولا باراتتۇق. بۇ ئاشخانىلارنىڭ خېلى كۆپلىرىنىڭ ئىچىدە ھەتتا قول يۇيۇش ئورنىمۇ يوق ئىدى، «ۋاي، بولدىلا، قولۇمنى يۇمايلا قوياي» دېگۈدەك. گاي بىر ئاشخانىلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ژۇندىنى  تالاغا ئاچىقىپ ئىىشك ئالدىدىكى يول ئۈستىگىلا تۆكەتتى، ھەتتا ئادەم بارمۇ يوقمۇ كارى يوق ئىدى.

     بۇ سەپىرىمدىمۇ بىر ۋەقەنىڭ شاھىدى بولدۇم : شۇ كونسۇل كوچىسىنىڭ ئارقا  تەرىپىدە يېڭىدىن سېلىنغان  چىرايلىق كۆپقەۋەتلىك بىنا ئۆيلەر بار ئىدى. شۇ بىر ئۆيدىن بىر ختاي ئايال ژۇندىنى دېرىزدىن سىرتىغا قارىتىپ تۆكىۋىدى، ئالدىمىزدىكى بىر ختاي ئادەمگە چاچىردى، ئۇ بولسا: «ساڭا نىمە قويۇپتۇ بۇ گۈزەل ئۆيدە ياشاش!…. » – دەپ، ئاچچىغى بىلەن ھېلىقى ئايالنى يامان تىللار بىلەن  تىللاپ كەتتى. ئۇ ختاي تۇرۇپ ختايغا ئىنكاس قايتۇردى! بىراق مىنىڭ ئۇيغۇرلىرىم ھەممىگە پەرۋاسىز ئىدى. مەن ئويلاپ قالدىم، بىز نېمىشقا ئەتراپىمىزدىكى ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىيلىگىمىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلارغا، گۈزەل تۇرمۇش شارائىتىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئادەملەرگە، تازىلىققا رىئايە قىلمايدىغان  ئىنسانلارغا بىر يېغىز گەپ قىلمايمىز؟ نارازىچىلىغىمىزنى بىلدۈرمەيمىز؟ بۇ بىز ياشاۋاتقان، سۆيگەن شەھەر تئەمەسمۇ؟! بىزنىڭ زىمىنىمىز  ئەمەسمۇ ؟! ياكى ئادەملەر بۇ مەينەتچىلىككە كۆنۈپ كەتكەنمۇ؟  ياق! ياق! مىنىڭ ئۇيغۇرۇم بۇنداق مەينەتچىلىككە كۆنمەسلىگى كىرەك. مەن قايتا قايتا ئويلۇنۇپ، ئاخىرى بۇنىڭ تىگىگە يەتكەندەك بولدۇم.  مانا بۇ ئۆز ۋەتىنىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ خۇددى ۋەتەنسىزدەك، مۇساپىردەك ياشاۋاتقان ، ئەركىنلىگىنى يوقاتقان، ئۆزىنىڭ نورمال پىكىر قىلىش ھوقوقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان بىر قەۋۇمنىڭ شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاسى ئەمەسمۇ؟!!! 

             چۇنكى بۇ ھۆكۈمەت خەلقنىڭ پاكىزە مۇھىتتا ساغلام ياشىشىنى خالىمايىتتى. بۇنىڭ ئاددىي بىر ئىسپاتى شۇكى: مەن كۆرگەن ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدە شۇ چاغلاردا  بىرمۇ ئەخلەت تاشلايدىغان ساندۇق يوق ئىدى! ھەتتا پۈتۈن ئۈرۈمچىدە  مەن بىرەرمۇ ئەخلەت ساندۇغىنى كۆرمىگەن ئىدىم! بۇ چەتئەللىكلەرگە غەلىتە كۆرۈنگىنى بىلەن، يەرلىكلەرگە خۇددى نورمال ئىشتەك بىلىنىدۇ-دە، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئەخلەتنى خالىغان يەرگە تاشلاپ كېتىۋېرىدۇ. بۇنىڭغا نىمىمۇ دىگۈلۈك؟!  نۇرغۇن سۇئاللار نىرۋىلىرىمنى دائىم غىدىغلاپ تۇراتتى:

      نېمىشقا مىللئون دوللارلىق مەبلەغ سېلىپ رېستۇران ئاچقان  رېستۇراننىڭ غوجايىنلىرى خادىملاردىن پاكىزلىقنى تەلەپ قىلمايدۇ؟ نېمىشقا بىز خېرىدارلار، بۇ رېستۇرانلارغا كىرىپ، بىر چەينەك چايغا 40 يۈەن تۆلەپ تۇرۇپمۇ ئۇلاردىن پاكىزلىقنى تەلەپ قىلمايمىز؟  نېمىشقا؟  نېمىشقا بىز ئۆيلىرىمىزنى تازىلاپ ئۇيغۇرلىغىمىز بىلەن ياسايمىزۇ، بىراق ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىگمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز؟.   

        مەن دوستۇمدىن: » نېمە ئۈچۈن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئاممىۋى سورۇنلاردا تازىلىققا رىئايە قىلمايدۇ؟ بىز مۇسۇلمانغۇ. بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئاساسى پاكىزلىققۇ؟» دەپ سورىدىم  ئىچىم تىتىلدىغان ھالدا. دوستۇم دېدى: «بۇ پاسكىنىچىلىق بىزگە خىتايلار بىلەن كەلدى. خىتايلار بارلار يەردە پاسكىنىچىلىق يامىراپ كىتىدۇ». ھەقىقەتەن، نامىرات پورولىتارىياتلار پارتىيەسى ھۆكۈمىرانلىغىدىكى   ختاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئۆز تېرىتورىيەسىدىكى خەلىققە سوۋېت دۆلىتىدەك پاكىزلىقنى تەلەپ قىلمىغان، چۇنكى يالاڭئاياق قوڭالتاقلار قۇرغان پارتىيە بولسا ئەزەلدىن مەدەنىيەتنىڭ نىمىلىگىنى، پاكىزلىقنىڭ نىمىلىگىنى بىلگەن ئەمەس. ھۆكۈمەت بۇنى بىر نورمال ھالەت قاتارىدا كۆرگەچكە،  بۇ خىل ئادەت خەلىق ئىچىدە ئۆزلىشىپ قالغان بولىشى  مۈمكىن.  بىراق ئوخشاش كوممۇنىزىم بايرىغى ئاستىدىكى  نۇرغۇن مىللەتلەر مەينەتچىلىكنى ئ قوبۇل قىلمىدىغۇ؟!

       مەسىلەن: چېچەن، بالقار، قاراچاي ياكى داگېستاندىكى خەلقنى ئالايلۇق،  ئۇلارنىڭ پاكىزلىغىدىن ئادەم سويۈنۈپ كىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئەركەكلىرى قانچىلىق باتۇر بولسا، ئاياللىرى شۇنچىلىك چېچەن ۋە پاكىز! بولمىسا، بۇلار ئاساسەن ئېگىز تاغلاردا ياشايدۇ. يەنى، ستالىن 1944-يىلى ئۇلارنى ئۆز ۋەتىندىن، ئۆيلىرىدىن قوغلاپ، ۋاگونلارغا بېسىپ، ئورتا ئاسىيادىكى ئەڭ يىراق سەھرالارغا تاشلىۋەتكەن ئىدى. بۇلار كۆپ قىيىنچىلاقلارنى تارتقان.  قىرغىزىستاندىمۇ بۇلار ھازىرغىچە بار، كۆپىنچىسى ۋەتىنگە قايتىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە خېلى كۆپ بىر قىسمى يەنىلا شۇ يەردە  ياشىماقتا. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھويلىلىرىدا  ئۆي ھايۋانلىرىنى باقسىمۇ،  بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى شۇنچىلىك پاكىزكى، پاكىزلىقتىن ھويلا ئاراملىرى  پاقىراپ تۇرىدۇ. چېچەنلەرنى ئالساق، بۇلارنىڭ ۋەتىنى 10يىلدىن ئوشۇق ئۇرۇش مالامىتى ئاستىدا قالغان بولسىمۇ، پاكىزلىق توغرىسىدا سۆز بولسا بۇلارنى ماختىماي مۇمكىن ئەمەس . ئاددىسى، ئۇلار ھەتتا كىر ئاسىدىغان يىپنىمۇ ھەر دائىم كىر يېيىشتىن بۇرۇن يۇيۇپ تازىلايىدۇ. ئاياللار ھېچ قاچان ئىشسىز ئولتۇرمايدۇ، بىكار ئولتۇرغاندا، بىرنىمنى بولسىمۇ توقۇيدۇ، شۇنچىلىك ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايدۇ. .  

        ئامما، تازىلىق قىلىمەن دېگەن ئادەم، پاكىزلىقنى سۆيگەن ئادەم، تازىلىق قىلىدۇ، مەيلى ئۇ قەيەردە بولمىسۇن، قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىسۇن. ياۋرۇپىنى ئالايلۇق، ئورتا ئەسىردە پارىژنى ئاساسەن مەينەتچىلىك بېىسپ كەتكەن، شۇ دەۋىردىكى پاسكىنىچىلىقنى  كىنولاردىنمۇ كۆرەلەيمىز. پارىژدىكى مەينەتچىلىك تۈپەيلىدىن پۈتۈن شەھەرنى ۋابا قاپلىغان ۋە بۇنىڭدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈپ ئۇلارتۈركۈم- تۈركۈملەپ يەر ئاستىغا كۆمۈۋېتىلگەن.كوچىلاردا سېسىق پۇراق تۈپەيلىدىن مېڭىشمۇ مۇمكىن  بولمىغان.  پارىژلىقلار  بۇ مەسىلىنى بىنورمال، دەپ بىلىپ ، نۇرغۇن يىل تىرىشىش بەدىلىگە پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان بىر گۈزەل ھەم پاكىز پارىژ شەھرىنى بەرپا قىلغان….  

          بىزچۇ؟  بىز دىنىمىزنى ، تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى يوقاتمىدۇق، روھىمىزنى يوقاتمىدۇق، بىراق بىز ئۈچۈن خېلىلار موھىم بولسان تازىلىق ئادىتىمىزنى بىلىپ بىلمەي يوقاتتۇق. ئىسلام دىنىمىزدا پاكىزلىك بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بىراق بىز بۇ پاكىزلىققا پەقەت نامازغا تاھارەت ئالغاندىلا رىئايە قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

      دۇنيادىكى نۇرغۇن سەياھەتچىلەر بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە، بىزنىڭ بۈيۈك قەدىمىي شەھەرلىمىزگە، تارىخىمىزغا، بىزنىڭ تائاملىرىمىزغا، سەنئىتىمىزگە بەك قىزىقىدۇ، ئامما تازىلىقىمىزدىن  ئۈمىدسىزلەنمەي قالمايدۇ. 

     ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى، مىنىڭ بۇ يەردە ھەرگىزمۇ بىرلىرىنى ئەيىپلەش مەقسىدىم  يوق . بىراق مەن سۆيگەن ۋەتەندىكى خىلقىمنىڭ تازىلىق جەھەتتە شۇ دەرىجىدە خامۇش بوپ قالغانلىغىغا ئېچىنماي تۇرالمىدىم. خىتاي ئېدىلوگىيەسىدە ياشاۋاتقان، دىننىي ئىتىىادىي ۋە مىللىي كىملىگى مەجبۇرى يوقۇتۇلىۋاتقان  ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلىرىم ئۇچۇن ئېچىنماي تۇرالمىدىم.  مەن ئاخىرى بۇنى ھەممە نەرسىسى تارتىۋېلىنغان بىر مىللەتنىڭ روھىي ھالىتىدىكى پەرۋاسىزلىقى بولىشى مۇمكىن، دەپ چۈشۈنىشكە مەجبۇر بولدۇم.

( مەزگۈر ماقالىدىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.)

جاۋاب يېزىش