كېلىڭ يۇلتۇزلارغا ئايلىنىپ كېتەيلى

(ھۇزۇرۇڭلار ئۈچۈن ئاۋازلىق قىسقا فىلىم بىرگە يوللاندى)

راھىلە كامال

بۈگۈن ھاۋانى ئوچۇق، دەپ قىياس قىلدىم,

چۈنكى سىز كەلمەكچى.

سىز يوق چاغلاردا،

مۇشۇنداق ياشاشنى ئۆگەندىم.

تۇتۇق ھاۋادا،

ئوچۇق رەڭلىك كۆينەك كىيىمەن.

يامغۇر ياغقاندا 

چېچىمنى بۈدرە قىلىمەن.

قۇرۇپ قالغان گۈل بىلەن پىچىرلىشىمەن.

قاچان دەمسىز؟

سىز كەتكەندىن كېيىن،

سىزنى سۆيۈپ قالغاندىن كېيىن.

يۇلتۇزلارنى ساناپ،

ئونغا بارمايلا ئېزىپ كېتىمەن.

ئۇ بىر قىش ئاخشىمى ئىدى،

يۇلتۇزلار قار بولۇپ يېغىپ كەتكەنىدى،

«تېرىۋالاي، يۇلتۇزلارنى تېرىۋالاي»

قار ماڭا ئاپئاق ،سەت كۈلدى.

تېرىۋالغان يۇلتۇزلار قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى.

قېپ قالغان بىرىنى كۆزۈمگە پاتۇرىۋالدىم.

كۈلكىنىڭ بۇنداق سەتلىكىنى،

ئاقنىڭ بۇنچە سوغۇق، مەينەتلىكىنى،

كۆرۈپ قالغىنىمغا ئېچىندىم.

شۇندىن بېرى،

چىرايلىق گۈللەرنى كۆرسەم,

كۆزۈمگە مۆللۈدە ياش كېلىدۇ.

كۆزۈمگە گۈلنىڭ سۇلغان، توزىغان، قۇرىغان

ھالىتى كۆرۈنىدۇ.

گۈللەرنى لوڭقىلارغا سېلىشىمىز,

پۇرىشىپ نەپەس ئېلىشىمىز,

لوڭقىلاردىكى گۈللەر ئالمىشىپ تۇرىد،

كۆك نۇر خىرۇستالدا قامىشىپ تۇرىدۇ،

گۈل بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىشىمىز،

گۈللەر ئۈچ كۈندىلا سولىشىدۇ.

بىر گۈلدە سۆيۈشىمىز،

ئىككى گۈلدە تويىشىمىز ،

ئۈچ گۈلدە خۇيلىشىمىز ،

تۆت بولغاندا خوشلىشىمىز،

بەش بولغاندا….

ھەي ئېسىت،دەپ،

قەبرىمىزنى يوقلىشىمىز .

مېنىڭ گۈلگە ئوخشىغىنىم، 

قىپ قىزىل يالغانچىلىق،

مەن بۇلارنى گۈللەرنىڭ دەردى، دېدىم.

بەلكىم گۈل ئۇنداق دىمەيدىغاندۇ.

گۈللەرنىڭ ئۆزىنى  سۆزلىدىم,

بەلكىم گۈل بۇنى بىلمەيدىغاندۇ.

ئېھتىمال گۈللەر مېنى كۆرسە ،

كۆزىنى يۇمىۋالار،

مەندە بار لېكىن،

قالغان بايانسىز،

قاقشال ئېدىرلار،

پايانسىز چۆللەر ئۈچۈن .

بەلكىم گۈللەر كۆرۈپ قالدى،

تەشتىكىمدە ئېچىلغان ئۆزۈمنى ،

چاچلىرىنى يېيىپ ھەريان ،

كۆزلىرىدە قىلىپ بايان،

ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ،

يۇلتۇز كۆزلۈك ئايالنى .

بۈگۈن ئاسماننى زەڭگەر دەپ ئويلىدىم ،

چۈنكى سىز كېلىسىز .

كېلىڭ ،تېزراق كېلىڭ !

قۇياش پاتقۇچە،

تاڭ ئاتقۇچە ،

مىس تاۋاقتەك تولۇن ئايمۇ،

غۇلاپ چۈشكىچە .

كېلىڭ ، تېزراق كېلىڭ !

بېرەرمەن سىزگە ،

كۆزۈمدە كۆيدۈرۋەتمەي،

ئاۋايلاپ ساقلىغان ،

بىر تال يۇلتۇزنى.

كېچىمىزنى يورۇتماق ئۈچۈن .

بېرەرمەن،

سۆيگۈگە ئاتىغان،

لوڭقىغا سالمىغان ,

بىر تال گۈلۈمنى.

كۆزلەردىكى ياشلارنى قۇرۇتماق ئۈچۈن .

يەنە بېرەرمەن،

تەشتىكىمدىكى.

يۇلتۇز كۆزلۈك،

سۇمبۇل چاچلىق،

گۈزەل شېئىرنى،

بىزنى ھاياتقا قالدۇرماق ئۈچۈن.

جاۋاب يېزىش