ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئاتىلىشى

ئاپتور : زۇلھايات ئۆتكۈر

خوتەن ئەتلىسى قولدا توقۇلىدىغان، كەڭلىكى 50 سانتىمېتىردىن ئاشمايدىغان بولۇپ، بىر كىيىملىك ئەتلەس «بىر تاقا ئەتلەس» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەتلەسلەر گۈل شەكلى ۋە بوياق رەڭگىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قارا ئەتلەس، سېرىق ئەتلەس، قىزىل ئەتلەس، يەكەن ئەتلىسى قاتارلىق تۆت ئاساسىي تۈرگە، زۆتىنە ئەتلەس، ئالاقاغا شايى ئەتلەس، ئاق پىلەك ئەتلەس، جەينەك گۈل قىزىل ئەتلەس، قىزىل تۇمشۇق قارا ئەتلەس قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

قارا ئەتلەس: تېگى قارا ، گۈلى ئاق ئەتلەسنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كىشىگە سەلتەنەتلىك، سىرلىقلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. ياشانغانلار كۆپرەك كىيىدىغان بولۇپ، توي-تۆكۈن، ماتەم مۇراسىملىرىدىمۇ كىيىشكە بولىدۇ.

سېرىق ئەتلەس: سېرىق ئەتلەسنىڭ گۈلى شوخ سېرىق، تېگى ئاق رەڭدە بولىدۇ.سېرىق ئەتلەس نۇسخىلىرىدا تارغاق بىلەن مونچاق شەكلى ئاساسىي ئېلېمېنت قىلىنىدۇ.گۈل نۇسخىسى ساددا، نەپىس بولۇپ، ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئاياللار ياقتۇرۇپ كىيىدۇ.

قىزىل ئەتلەس: قىزىل ئەتلەسنىڭ گۈل رەڭگى قىزىل، تېگى سرىق ياكى ئاق بولىدۇ.قىزىل ەتلەستە ئارمۇت شەكلى ئاساسىي گۈل نۇسخىسى بولۇپ، ھەرە چىشى، قوشقىراق، ئالما، تارغاق، ناغرا گۈل قاتارلىقلار قوشۇمچە گۈل نۇسخىسى قىلىنىدۇ.قىزىل ئەتلەس قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە بولۇپ، گۈللىرى شوخ ۋە ياش قىزلار، ئاياللارنىڭ نىڭ كىيىشىگە ماس كېلىدۇ.

يەكەن ئەتلەس: يەنە بېلىشمان نۇسخا ئەتلەس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئەتلەسنىڭ باشقا ئەتلەسلەردىن ئەڭ چپڭ پەرقى گۈل نۇسخىلىرىنىڭ بوي يۆنۈلۈشى ئوخشىمايدۇ.گۈل نۇسخىلىىرىنىڭ جايلىشىشى كىچىك ۋە زىچ بولۇپ، رېتىملىق، رەڭ تۈرى كۆپ. كىچىك قىزلار ۋە ياشلارنىڭ كىيىشىگە باپ كېلىدۇ.

زۆتىنە ئەتلەس: تەگلىك رەڭگى زۆتىنە رەڭدە بولىدۇ.

ئالاقاغا شايى ئەتلەس— بۇخىل ئەتلەسنىڭ گۈل نۇسخىسى بەزى جەھەتتىن سېرىق ئەتلەس گۈلىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.ئەمما ئەتلەس گۈللىرىدە ھەرە چىشى سىزىقلىق رومبا شەكلى ئاساسىي گۈل قىلىنىدۇ، شۇنداقلا گۈللەر ئۇششاق ۋە زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ..

  جەينەكگۈل ئەتلەس— بۇ ئەتلەسنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان بولۇپ، تۆت خىل رەڭ تۈرى بار. مەسىلەن: جەينەكگۈل قىزىل ئەتلەس دېسەك بۇنىڭ گۈللىرى ئاق رەڭدە بولىدۇ.بۆرەك، تارغاق قاتارلىق قارا     ئەتلەسكە خاس بەزى گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ جەھەتتە قارا ئەتلەسكە ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن تىگى قىزىل رەڭلىك بولۇش، گۈللىرى ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنۈپ، بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋەت گۈللىرى ئوخشاش بولۇش، ئەتلەس يۈزىدە جەينەكگۈل ئالاھىدە گەۋدىلىنىش جەھەتتە پەرقلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا تەگلىك رېڭى يېشىل بولغان جەينەكگۈل يېشىل ئەتلەس، جەينەكگۈل سۆسۈن ئەتلەس ۋە جەينەكگۈل زۆتىنە ئەتلەس قاتارلىقلارمۇ بار.

  كەلكۈن نۇسخا ئەتلەس— بۇ خىل ئەتلەسنىڭ ئۆرۈشىدە گۆش رەڭ ئاساس قىلىنىدۇ شۇنداقلا يەنە بىر بۆلۈك ئۆرۈشلەر چىگمە بوياق ئۇسۇلى ئارقىلىق سېرىق، قىزىل، زۆتىنە،يېشىل، قارا رەڭلەردە بويىلىدۇ، ئارقاق يىپ گۆش رەڭدە بويىلىدۇ. بۇ ئەتلەسنىڭ چاچما كەلكۈن نۇسخا ۋە تاج كەلكۈن نۇسخا دېگەن ئىككى خىل قېرىنداش نۇسخىسى بار. چاچما كەلكۈن نۇسخىلىق ئەتلەستە چاقماق شەكىللىك ياغلىقگۈل ئاساسىي گۈل قىلىنىدۇ. ئۇ چوڭ بىر ئاساسىي گۈل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا سىممېترىك جايلاشقان تۆت سەپلىمە چاقماقگۈلدىن تۈزۈلگەن گۈل گۇرۇپپىسىنىڭ تەكرار داۋام قىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.

    موكىگۈل ئەتلەس—موكىگۈل ئەتلەس 2000- يىلى لوپ ناھىيىسىنىڭ جىيا يېزىسىدا ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۈللىرى ئەتلەس ئېنىگە قاتار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇلار موكىگۈل ئەتلەسنىڭ بەش خىل قېرىنداش نوسخىسىنى شەكىللەندۈرىدۈ. ھەر بىر قېرىنداش نوسخا قارا، قىزىل، زۆتىنە، يېشىل، گۆش رەڭ، پور رەڭ، سۆسۈن، سېرىق قاتارلىق سەككىزخىل تەگلىك رەڭ ئۆزگىرىشلىرىگە ئىگە بولۇپ، نۇسخا ۋە رەڭ تۈرى 40 خىلغا بارىدۇ.
  چاقماقَگۈل ئەتلەس— بۇ تىك تۆتبۇلۇڭ( چاقماق ياكى كاتەكچە) شەكىللىك رەڭدار يوللۇق ئەتلەس بولۇپ، قىزىل چاقماق ئەتلەس، قارا ، زۆتىنە، يېشىل، گۆش رەڭ چاقماق ئەتلەستىن ئىبارەت بەش خىل رەڭ تۈرىگە بۆلۈنىدۇ. ئەتلەس يۈزىدىكى گۈللەر سەركەش جايلاشقان رەڭدار چاقماقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.شۇڭا‹‹ چاقماق ئەتلەس ›› ياكى ‹‹ كاتەكچە ئەتلەس›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بەش خىل ئەتلەسنىڭ تەگلىك رېڭى بىردەك ئاق رەڭلىك بولىدۇ. قىزىل چاقماق ئەتلەسنىڭ گۈلى قىزىل رەڭلىك، قارا چاقماق ئەتلەسنىڭ گۈلى قارا رەڭلىك، زۆتىنە چاقماق ئەتلەسنىڭ گۈلى زۆتىنە رەڭلىك بولىدۇ.

نەۋباھار تەييارلىدى

 

جاۋاب يېزىش