بايرىمىڭغا قۇت بولسۇن ئانا

«قۇيۇش بەلگىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئاۋازلىق دېكلاماتسىيەنى ئاڭلاڭ»

كۈندۈزئاي ھامۇت

بۈگۈن ۋاتساپ قاينىدى يەنە،

ئانىلار ئۈچۈن گۈللەر ئۇزۇتۇپ.

تىلىم تۇتۇق، ياشلىرىم تارام،

ئانىلارنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ.

«بايرىمىڭغا قۇت بولسۇن ئانا»،

دېيەلمەسمەن يۈرىكىم ئېزىك.

ئاھ! ئونبەش كۈن ئاۋال سەن تېخى،

ھايات ئىدىڭ، قەلبىمدە لىرىك.

ئۆلۈمۈڭنى ئاڭلىغان شۇدەم،

تىنىچ بولدۇم، ئۈنسىز ئولتۇرۇپ.

يەرشارىمۇ توختىدى بىر پەس،

ئەمما مېڭەم خاتىرە تولدۇرۇپ.

سۈرەتلىرىڭ تىزىلدى رەت-رەت،

ھەر ۋىسالنىڭ خاتىرىلىرى ئۇ.

تۈرمە-تارىم لاگېر تۇرمۇشۇڭ،

ياشلىغىڭنىڭ قانلىق يېشى شۇ.

باقالمىدىڭ باغرىڭغا بېسىپ،

يۈرەك پارەڭ بالىلىرىڭنى.

تارتىۋالغاچ چۈنكى كوممۇنىست،

«ئانا بولۇش» شەرەپ نامىڭنى.

كۆرەلمىسەم ئون يىللاپ سېنى،

ئاۋازىڭنى ئاڭلىماي ھەتتا.

قانداق چىداپ ئۆتتى بۇ پارەڭ،

تاشدىن قاتتىق كۈنلەردە يانا؟

قىسمىتىڭ ئوخشاش ئانىلار كۆپ،

رەنجىمەيمەن مەنمۇ ھەم سەندىن.

سەن مېنىڭكى «قەھرىمان ئانام»،

رازى بولغىن سەنمۇ ھەم مەندىن.

خاتىرەمدە پاتىگۈل ئانا،

قۇۋانخان رېھىمدەك يەنە مىڭلىرى.

كەتتى تۈمەن ئانىلار نامسىز،

كۆمۈلدى تۇپراققا ھەممە سىرلىرى.

يازالمىدى خالىدە ھەدەم،

سۇندۇرۇلدى قەلەم تۇلپارى.

ھالى نېچۈك گۈلباھارنىڭمۇ، 

مىنەۋەر ھەم چىمەنگۈل ئۆزى؟

قەلەم تۇتقان ئانىلار ئۆرتەر،

كەتمەن تۇتقان ئانىلارمۇ ھەم.

كۆز ئالدىمدە نېمجان يېتىملەر،

ھالا بۈگۈن كوممۇنىستقا يەم.

ھەر سېغىنسام ئانىلارنى مەن،

مۇڭدىشىمەن خىيالىمدا تەڭ.

«ئالتۇن كەش»نىڭ داۋمى شۇچاغ،

ئۆركەش ياسار قەلپلەردە ئەڭ.

ئېكرانىمدا راھىلە داۋۇت،

سوال سورار نەزىرە ئۈنسىز.

كېكەشلەنگەن رەشىدە داۋۇت،

ئاق خالاتلىق ئانىلار چارىسىز…

بايرىمڭغا قۇت بولسۇن ئانا،

دېيەلمەيمەن ئۇلارغا ئۈنلۈك.

سۇنالمايمەن مۇئەللىملەرگە،

بىر دەستە گۈل،خۇددى مەن ئۆلۈك.

خاتىرجام كەت،ئەي ئانا سەنمۇ،

جىمجىت كەتكەن مىڭلاپ ئانىدەك.

بىر ئارمىنىڭ قەشقەرنى كۆرۈش،

كۆرەلەمدۇق بىزمۇ بارىدەك؟

سۆزلىگەندە تارىم لاگېرنى،

ئارتۇر ئۈچۈن ياشلار تۆككەنتىڭ.

تۇغۇلغاندا قۇياش كۈندۈزۈڭ،

ئاھ،يىغاڭغا كۈلكە قاتقانتىڭ.

لاگېردىكى قاتتىق قىيناقلار،

ئىگەلمەپتۇ زىيالىلارنى.

بىرى كەتسە،بىرى تىرىلىپ،

ئۆتكۈزۈپتۇ ئۇزۇن يىللارنى.

كويزىلارنىڭ ئىزلىرى قالغان،

ئاتىلارنىڭ قولىدا قىرلىق.

بۈگۈن سۆزلەر ئانىلار يەنە،

زامانىۋىي لاگېرلار سىرلىق.

بايرىمىڭغا قۇت بولسۇن ئانا،

دېيەلەيمەن يەنە كىملەرگە.

دېيەلمەيمەن يەنە مىڭلارغا،

قۇسۇر كۆرمەڭ يەنە بىركىمگە؟

ئانىلارنىڭ ئىزىدىن ماڭدى،

دىلدار ئەزىز، روشەن ئابباسلار.

ئايخان ئانا كۈلۈپ باقىدۇ،

سەپتە تۇرسا گۈلنار،خەندانلار.

نۇزۇكئاينىڭ نازۇك قوللىرى،

يېشىلمىدى ئەركەك قولىدا.

كەتتى نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرى،

ئەرك ئۈچۈن خىتاي ئاستىدا.

بىر ياخشىنىڭ بىر كۈندىشى بار،

رىزۋانگۈللەر چىقسۇن ھەر زامان. 

زۇمرەت،مېھرىگۈل،گۈلباھار،

سايرا گۈللەر سايرىسۇن ئامان.

ئىلدام چاپسۇن ئاسىيە ئۇيغۇر،

سەپ ئالدىدا تۇتسۇن «خۇمارى».

پەرىزاتمۇ تىنماي تىرىشتى،

زۇلھاياتلار تاپسۇن باىارى.

بايرىمىڭلار قۇت بولسۇن ئانا،

كۈنلەر ئۆتسۈن بايرامسىمان.

گۈلشەن،شەمشىنۇرلار تىرىشتى شۇڭا،

تۇرنىسالار گۈلچېھرەسىمان.

ھەر بايرامدا ئويلاپ كېتىمەن،

قاچان يوقار قۇللۇق،ئىشكەنلەر؟

تەربىيەنى چىڭ تۇتقان ئانا،

قۇچىغىغا تولار دۇر،گۈللەر.

2020-يىلي، 10-ماي شىۋىتسىيە

جاۋاب يېزىش