زۇلفىيە مۇھەممەد
چارىباغ ئەمەس،
بەكلا ئاددىي مومامنىڭ بېغى.
غىچىلداپ ئېچىلار ئىشىگى،
خوشنا ئايرىغان خالتا كوچىسى..
نەپەس ئالدۇرار
سايە تاشلار،
ھوزۇر بېغىشلار …
ھويلىدىكى چوڭ بىر تۈپ ئۈجمە.
ئېسىپ قويۇغلۇق بەزىدە سۈزمە.
بالىلار ئېلانگۈچتا قىلىدۇ بەزمە…
ئۈژمە پىششىغى.
قۇشلار تۈزۈشەر نەزمە.
مومامنىڭ بېغى،
تامسىز….
چىتلاقسىز….
ئېچىۋىتىلگەن ھەممىگە….
مىۋە پەسلىدە ئادەم چاقىرار…..
«پىشىپ كەتتى….
ئاستىغا تۆكۈلۈپ كەتتى…
ئېلىۋېلىڭلار قۇرۇتلاپ كەتتى….»
كۆڭلى بىر دەريا،
مېھرى ئوخشاش ۋىلىقلىغان چەشمىگە….
مومامنىڭ بېغى بىر جەننەت
ئورۇن ئالغان بارچە مىۋىلەر،
ئەنجۈر، ئۈزۈم، قوتور ئامۇتلار…
شاپتۇل، نەشپۈت، قوغۇن، غەنويلا،
تاۋۇز، گىلاس، ئۈرۈك ۋە ئانار،
يىمەي تۇرۇپ كۆزىمىز يانار…
ئىھ تەبىئەت، مۆجىزەڭ چەكسىز،
تۆھپەڭ بىلەن ھاياتلىق غەمسىز.
مومام چاقىراتتى ھەقەمسايىنى،
خالتا كوچىغا سېلىپ پالاسنى…
پىشىپ كەتكەن مىۋە باھانە،
ئەجدادلىرىدىن قالغان يالدامە.
دىدارلاشماق ئىدى ئىستىگى…
ئۈجمە ئاستى دۇنيا كۆزنىگى،
يېنىكلىسە باشتىكى دەردى،
ئورۇنلانسا خوشنىلىق پەرزى.
پانى ئالەم، قالمىسۇن قەرزى…
بەكلا يامان ئۇ دۇنيا ئەرزى.. .
مومامنىڭ بېغى،
مىۋىلا ئەمەس بەخش ئەتكىنى.
جەم قىلاتتى سۇنۇق كۆڭۈلنى…
ھاياتلىرىنى بايان قىلىشار….
يېڭىلىقلار تاشلىشار…
ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ،
بىر _بىرىرىگە بېقىشار….
قوللىرىنى سىقىشار….
گۇۋا بولار ئۈجمە سايىسى..
ھوزۇر ئالغاچ قۇشلار نەغمىسى….
قېتىپ قالار مومام چىھرىدە،
بەختىيارلىق سەزگۈ جۇلاسى…
پىشىپ كەتكەن مىۋىلەر كەبى،
چىرايىدا قوياش ئىزناسى…
شەپەق بىلەن چۈمكەلگەن بېغى،
مىھىر بۇلاق، بەخت ئەنقاسى..
مومامنىڭ بېغى،
ئەمەس چارىباغ،
تامسىز، چىتلاقسىز مىۋە ئوردىسى…
قارشى ئالار ھەممىنى،
ئىزدەش نە ھاجەت؟
يىراقلاردىن ھەرەم خورمىسى.
يېتىملەرنىڭ غەمخانى،
مىسكىنلەرنىڭ دەرمانى…
ساخاۋەتنىڭ سەركانى،
ھالاۋەتنىڭ گۈلخانى…
مومامنىڭ بېغى…..
