ئىسسىق نان

زۇلفىيە مۇھاممەد

دەريا كۆڭۈل خۈلۈم _خوشنىلار،
نان ياقىدۇ تونۇر بېشىدا،
توۋلاپ قويار ئۆتكەن كەچكەننى،
يەپ ماڭسىكەن ئىسسىققىدە نان،
بەكمۇ تەملىك تونۇر بېشىدا.

ئىسسىق نان،
تارقىتىدۇ ئىللىق بىر ھاۋا،
ئۆيدىن ئۆيگە، كوچا،مەھەللە،
ھاياتقا ئۈمىد، يېزىغا مەنا،
ئىسسىق بېرەر كۆڭۈل _كۆڭۈلگە،
گوياكى ئۇ مېھرىبان ئانا.

قىزىغان تونور،
زۇۋۇلا تۇتار،
ھەم نان ئاچار بىر نەچچە خوشنا ،
قولى ئىشتا، ئېغىزىدا گەپ،
چاخچاق تۆكىدۇ،
نان چاپلىغاچ قىزىق تونورغا ،
ئىللىق سىزىم،
ماڭغۇزغاندەك كىچىك تومۇرغا،
پىياز، خېمىر، تۇكۇچا، تۇزلار،
ھامكارلىشىپ ماڭغاندەك يولغا.
كۆڭۈل بۆلۈدۇ،
بىر _بىرىنىڭ چىراي، ھالىغا.
ياداپ كېتىپسەن،
ئوڭشىلىپ قاپسەن،
ئۆزەڭنى ئاسرا  ،
دوختۈرغا كۆرۈن……
كۆيۈنگەندەك ئانا بالىغا….

ئىسسىق نان ھەم تونۇر باھانە،
قېنىشىۋالار،
تۇيغۇلىرىنى تۆكۈشىۋالار،
دەرت ئېيتقاندەك  سۆيگەن يارىغا..

ئىسسق نان،
باش تېمىسى بۇ مەھەللىنىڭ،
باشلىنار پاراڭ، چاخچاق ھەم كۈلكە،
كېلىشىدۇ تەرەپ _تەرەپتىن،
تام خوشنىلار، يىراق _يېقىندىن…
تونۇر بېشى بولار باھانە،
پاراڭ قىزار شۇنچە شاھانە.
تۆكۈشىدۇ خەۋەر، ئۇچۇرلار،
تەجرىبىلەر ھەمدە ساۋاقلار،
تەھقىقلىشار بىرلىرى بىرنى،
سۇرتۈشىدۇ ساۋاق يېشىنى…
قۇچاقلىشار يېقىن كۆڭۈللەر،
تىلىشىدۇ گۈزەل تىلەكلەر…
ئۇزۇن ئەمەس جەم بولۈش ۋاقتى،
جانلاندۇرار بىراق يۈرەكنى .
بىر چىشلەمدىن يەپلا ئىسسىق نان،
تاراپ كېتەر تەرەپ _تەرەپكە،
قانائەت تاپار،
قەلبى يېنىكلەر،
گەر بارمىسىمۇ ئىسىل مەشرەپكە.

جاۋاب يېزىش