زۇلفىيە مۇھەممەد
ئۆيى، ماكانى _دالا،
كۆڭلى ئەمەستۇر ئالا.
ئىچىشى يامغۇر سۈيى….
ئاڭلىشى شامال كۈيى..
ئىسىنىشى قوياش كۈلى،
يىگىنى ئورمان گۈلى…
شۇنداق ياشايدۇ سەرگەردان،
قۇش ئىزدىگەندەك دان.
بېسىپ ئۆتتى بەزىدە قۇملۇق،
ۋە بەزىدە مەنزىل قومۇشلۇق…
ھەر سەپىرى ئىدى ھوسۇللۇق..
كۆرسەتمەيتتى ھېچكىمگە قۇللۇق .
تىكىۋالار بەزىدە چېدىر،
بولۇپ قالسا يوللىرى چىغىر.
قورقۇتالماس ئەگرى _بۈگرىلەر،
بېسىپ ئۆتتى نۇرغۇن تاغ _ئىدىر.
سەرگەردان،
غەم يىمەيدۇ ئەتىدىن…
كۈتۈۋالار كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،
ھايات بەرگەن ئاچچىق _چۈچۈكنى…
قايرىلىپ قارىماس ئەسلا،
ئۆتمۈشتىكى قايغۇ _ئەلەمگە…
تىكىلىدۇ يىراق مەنزىلگە،
يازماق ئۈچۈن،
ھاياتتىكى يېڭى بۆلۈمنى.
سەرگەردان ،
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش ھەممە جاي،
خىيالىغا كەلمەس،
تۇغۇلغان يۇرت، ئانا ماكانى،
ھەم ئويلىماس،
بارمق _يوقمۇ قايتىش ئىمكانى،
پەرق ئەتمەس،
كېلىپ قالدىم قايسى تەرەپتىن،
تارتىدۇ نەگە كۆڭۈل شۇڭقارى…
ئويلىماس، ئۇيلىيالماس…
باياۋاندىكى ماڭقۇرت مىسالى…
سەرگەردان،
ئوخشاپ قالار،
گۈل ئارىسىدىكى تىكەنگە.
ئۇرۇقىنى شامال تاشلىغان…
قورۇنار،
خىجىل بولار،
كىرگۈسى كىلەر يەرنىڭ ئاستىغا،
دوراپ باقار،
ئوخشىغۇسى كېلەر ،
ئەتراپىدىكى ھەمراھلىرىغا…
بىراق…
ئوخشىماس ھەم ئوخشىيالماس..
قانداقمۇ ئايلانسۇن بىر تىكەن گۈلگە.
سەرگەردان،
ئاڭقىرالماس تەۋەلىگىنى،
قايسى يىلتىز، قايسى قەبىلە؟
نىمىدىن دېرەك ئىسىم _فامىلە؟
بىلمەس ئۆزى ھەم بىلدۈرەلمەس،
ئايرىيالماس ئەجداد فەرقىنى،
كۆزى ئوچۇق ھېچنىمە كۆرمەس.
بولۇپ قالار بەزەن مۆرىمەس.
يات كۆزلەردىن كۆڭلى سۇ ئىچمەس.
سۆزلەي دىسە پۈتمەس _تۈگىمەس….
سەرگەردان،
تىنىچ ئەمەس تۈيغۇسى…
كۈتۈپ تۇرار بىر توساق ھامان…
ئارتۇق ئىستەك كېسەلدۇر يامان.
ئۇنى تاپقۇچە چىرايى سامان…
ئۇھ تارتىدۇ قانداق بۇ زامان؟
ئالدىغا ماڭار بىر، كەينىگە ئىككى،
تېپىۋالغۇچە ئىللىق بىر ماكان.
ھەممە يەر ئاللاھنىڭ دەيدۇ…
بىراق يۈرىگى باشقا سۆزلەيدۇ.
