زۇلفىيە مۇھەممەد
خۇشاللىقتا بولۇشۇپ ئۈلپەت،
دەرتلىشىپ كەلگەندە كۈلپەت.
بەھىرلىنىپ سائادەت _ سۈلكەت،
سالاملىشىپ تاپساقلا پۇرسەت.
ھايات مەناسى يېقىن دوستلىرىم.
ھەمداستىخان ياخشى تاماققا،
سەبىر بېرەر تەنبىھ _ ساۋاققا.
ئىسىنىشقان ئوخشاش ئوچاقتا.
سەيىر ئەتكەن ئوخشاش قولۋاقتا،
كۆڭۈل تېرىگى يېقىن دوستلىرىم.
ئارلىغىمىز بولسىىمۇ يىراق،
قىينىسىمۇ سېغىنىش _ پىراق.
قىسمىتىمىز بولسىمۇ قىرتاق،
قەلبىمىزدە مېھرىمىز ئويغاق.
مۇڭدىشىمىز غايىبانە باق،
ھېسداش، تىلەكداش، يېقىن دوستلىرىم.
