رەڭسىز تېلېۋىزور

زۇلفىيە مۇھەممەد

سائەت ئون سەككىز،
تولغان ئىدى كىچىك پىشايۋان،
يېقىن _يىراق خوشنىلار بىلەن,
كۆرمەك ئۈچۈن رەڭسىز  تېلېۋىزور….

ئورۇندۇق قوي تېلېۋىزورغا،
توكنىڭ  سىمى يەتمەس ھويلىغا،…
سەل تۈرۈپلا خوشنىلار كىرەر،
كىگىز سالغىن بۇ چوڭ سۇپىغا.
جانلاندۇرار دادام ھەر كۈنى،
تازىلايتتۇق ھەممە ئەتراپنى.
بەزەن سۇپا يەتمەي قالاتتى،
ئورۇندۇقنى ئېلىپ كىرەتتى…
تالاشمايتتى كۆرپە، تۆر، پەگا،
بىر _ بىرىنى بەك چوڭ كۆرەتتى…

رەڭسىز تېلېۋىزور،
بىلدۈرەتتى  سەنئەتتىن خەۋەر،
قىلدۇراتتى دۇنياغا سەپەر،
بولسىمۇ گەر رەڭسىز ۋە كىچىك،
ھاياتقا مەنا بېرەر شۇ قەدەر….
كىرىپ كېتىپ فىلىم ئىچىگە،
ياش تولاتتى بەزىدە كۆزگە،
راۋاپ بىلەن غىڭشىيتتى بەزەن،
سەنئەت روھى پاتماي تىنىگە.
ئاقىللىرى تەھلىل قىلاتتى.
بىزنى بىز قىلغان، سەنئەتتۇر دەيتى .
بەزىدە قولدىن قاسمۇ چىقاتتى..
كۈندۈزلىرى ئېتىزلىق ئىشى،
رەڭسىز تېلېۋىزور كۆڭۈلنىڭ خوشى….

رەڭسىز تېلېۋىزور،
جەم قىلاتتى بۇ مەھەللىنى،
كۈچەيتەتتى مىھىر _ رىشتىنى..
ئۇنتۇلدۇراتتى ھايات مۇشكۈلاتىنى،
شۇڭا دىيىشەتتى بۇ بۇدۇر دىل بۇزۇر…
پاراڭ باشلاپ يېقىن _يىراقتىن،
تەربىيلەيتتى ياخشى ياماندىن…
سۆزلىشەتتى مەملىكەت خەۋەر،
چىقىپ بەزەن دۇنياغا قەدەر…
كۈلۈشەتتى…چاخچاق كەلتۈرۈپ،
مەقسىدىنى خاتا بىلدۈرۈپ….
خەبەر _ ئۇچۇر تارقىلار شۇنداق،
ھىس قىلاتتۇق جاھان مۇشۇنداق.

رەڭسىز تېلېۋىزور،
كۆرمەك باھانە ،
دەرت تۆكۈشەر تەرەپ _تەرەپتىن،
سۇ كەلمىدى نەچچە ئاي بولدى…
يەر يېرىلدى..ئىچىم سىيرىلدى…
سۇ پۈل دىسە يۈگۈرۈپ كېلىدۇ..
دىھقان پۈلنى نەدىن تاپىدۇ؟
ئۈزۈم پىشىپ، تۈرىدۇ قاراپ،
خېرىدار يوق، ئولتۇردۈق ماراپ،
ئانار، ئامۇت، بىھىلار پىشتى،
ئادەم تاپساق ئوبدان بولاتتى…
بۇ يىل قىشقا ھېچ تەييارلىق يوق،
ئۈزۈم سېتىپ كۆمۈر ئالاتتۇق….
قار ياغمىدى، مايسا ئۈنمىدى،
كۈچلۈك بوران ئۈرۈكنى تۆكتى.
ئاپەت بولدى، ھوسۇل ئاز بولدى،
قوناق بۇ يىل باش ئالالمىدى.
سىزچە مۇخبىر، قانداق قىلىمىز؟
گەپ ئاڭلارغا  باشلىق تاپسىڭىز…
ئېغىر تىنىپ قوياتتى دادام،
قالغان تۇرسا تارىختىن يالدام….
سەبىر تىلەپ بېسىپ قوياتتى، دىھقان دەردى يۈرەك تىلاتتى….

زىمىستان بەك كۆچلۈكقۇ بۇ يىل،
چارۋىلارغا بەكمۇ تەس بولدى…
قوزىلارنى ئۆيگە ئەكىردۇق….
كۆمۈرسىزلەر بىچارە بولدى.
ئەتىيازدىن چىقىۋالساقلا،
يازدا ئەھۋال ئوبدان بوپ قالا.
كىتاپ پۇلى دەپتۇ مەكتەپتىن،
تارتىۋالدىم قىزنى ئوقۇشتىن…..

تۈگىمەيتتى دىھقان غەملىرى, تېشىپ تۇرار ئاچچىق دەرتلىرى.
ئۇنۇتتۇراتتى رەڭسىز تېلېۋىزور،
باش قاتاتتى، قاچاتتى ھوزۇر….

رەڭسىز تېلېۋىزور،
ئولتۇراتتى ھەممە تىكىلىپ…
تەشنا ئىدى خۈش كۈلۈشلەرگە،
قاقاھلىسا بىرلا تېلىقىپ،
ئارام بولسا  يۈرەكلىرىگە….
بىر _بىرىگە ئۈمىد بېرەتتى  .
مىسكىنلەرگە سەبىر تىلەيتتى..
ياردەم بەرمەك يولى ئىزدەيتتى…
ئېغىر _ئېغىر تىنىپ قوياتتى…
شىپا ئىزدەپ بىر _بىرلىرىگە.
قۇچاقلىغان كىچىك پىشايۋان،
تەبەسسۇم ھەم ئېغىر ھەسرەتنى..
ئۇزىتىدۇ ھەر كۈنى تىلەپ،
«يېتىۋالسا ئىستەكلىرىگە…»

جاۋاب يېزىش