ھىجران

زۇلفىيە مۇھەممەد

يىگۈزەر پىغان،كۆڭۈلدە تۇمان،
يۈرەكتە لىققىدە ئارمان….
يوقالغان دەرمان….
تاشلىۋىتىلگەن كونا تۈگمەندەك،
بوراندا قالغان ياپراقسىز دەرەخ…
سۈيى قۇرۇغان لوپنۇر كۆلىدەك..
ئۆزى ئاينىغان ياۋا گۈل مىسالى،
سايىسىز….
پۇراقسىز…
كېرەكسىزدۇر  ھىجران.

كىندىك قېنىمىز ئەمەس بۇ يەردە،
ھىس قىلىمىز،
لەيلىگەندەك سۇنۇق كېمىدە،
جۇغۇلدايدۇ تىنىمىز،
يەلپۈسىمۇ بىر مەيىن شامال…
ئاۋازىمىز چىقمايدۇ تەبىئىي،
بوغوزىمىز توسۈلغان كەبى…
بىر تال بۇلۇت يۈرسە ئاسماندا..
بۇرنىمىزدا شىۋىرغان ھىدى…

ئۇنتۇلماس… ئاخىرقى ھىجران،
ئاچچىق ئىدى جۇدالىق،
ھايات  بولسا كۆرۈشەر ئىنسان،
ئايرىلىشكەن ئىككى دۇنيالىق..
ھايات ئۆتەر قانداق ،
دوستسىز، تۇققانسىز، يارسىز _ يۈلەكسىز.
بېرەلمەيمىز ئۆز _ئۆزىمىزگە،
نە بىر ئۈمىد نە بىر تىلەكلەر…
كۆرۈنۈشتە ھېچبىر  چۈشەكسىز،
بىراق..
روھىمىز  غايىپ ئىزسىز _دېرەكسىز…..

ئېچىشتۇرار كۆز،
قېتىپ قالدى قارچۇغىمىزدا،
ئاخىرقى سىما، ئېيتىلغان بىر سۆز.
قۇچاقلىشىشلار، تۆكۈلگەن ياشلار..
سىقىشقان قوللار…
ئاخىرقى تاماق، ئىز قالغان ھويلا.
يېشىمىز تەڭ سۇۋادان تېرەك،
خوشنىمىز قىلغان دۇئا ۋە تىلەك،
مىھمان دەپ كۈتكەن تاغا _ھاممىلار،
يىراق تام خوشنا بالىلىق دوسلار..
تاختاق قوغلىغان ئېتىزلىق باغلار،
يامىشىپ يۈرگەن قاقاسلىق تاغلار…
قانداقمۇ ئۇنتۇلسۇن شۇ گۈزەل چاغلار…

ئالدىمىزدا  گىرىمسەن نىشان.
يوق بىزدە  تارتماسقا ئىمكان،
قىينايدۇ ھىجران،
قىلالمايمىز بىر چۇقان ،
ۋە ياكى ئىسيان.

جاۋاب يېزىش