دىھقان بازىرى

زۇلفىيە مۇھەممەد

دىھقان بازىرى،
بۇ يەردە يوق ئىگىز بىنالار،
ۋە ياكى چوڭ ئاسفالىت كوچا..
مەۋجۈت ئەمەس رېستوران، قەھۋە،
ھەم ھەيۋەتلىك سودا _سارايلار
تاپالمايسىز ھامبۇرگ بولكا،
ئىسىل ماشىنا،  ئارامگاھ جايلار.
ئئشەك  ھارۋا   قاتناش قورالى.
يېڭى بازار  دىھقان ئارمىنى.
بازارچىلار ساددا، كۆڭۈلچەك،
يۈرىگى يۇمشاق، ئاددىي، كۈلگۈنچەك.
لازىمەتلىك سودىسى قىلسا،
ئۇنى _ بۇنى  يىيىشىۋالسا ،
ئۇنتۇپ كېتەر ئېغىر ھاشانى،
پۈتەر بازارلىق ، چىقار پىغانى.

دىھقان بازىرى
مىھرى ئىسسىق جاي،
ئۆتۈشىدۇ  كىشىلەر سالاملىشىپ،
چاخچاق بىلەن كۈلۈشۈپ،
كۆرمىگەنلەر توۋلىشىپ…
ئەھۋاللىرىنى سورىشىپ..
مىھىر تۆكۈشەر…
يېقىنلىق تۇيغۇسىنى بېرەر،
ئوخشاش  مەۋقەدە سۆزلەر..
بىكىر ئېلىشار ،
مەسلىھەت بېرىشەر.
يول كۆرسىتىشەر،
ئىجىل _ ئىناق،
مىھرى بۇلاق،
دىھقان بازىرى .

دىھقان بازىرى
ئۇنۋىرسال بازار،
سېتىلىدۇ ھەممە…..

ۋاراڭ _ چۇرۇڭلۇق مال بازىرى،
باغلىۋالغان قوي، ئۆچكە، كالا..
قىزبپ كەتكەن باھا تالاشلار..
قولۇڭنى ئەكەل،  بەردىڭمۇ _ بەردىم.
ئىشى پۈتەر قول سىقىشسىلا،
شۇنداق ئاددىي دىھقان سودىسى،
بۇدۇر يېزا ھايات پەدىسى….
دوغچى ئۇستام، لەڭپۇڭ ھارۋىسى
ئۆپكە _ھىسىپ، توخۇ شورپىسى
كىچىككىنە لەمپە ئاستىدا،
دىھقان يەيدۇ تونور سامسىسى
قىززىق چېيى دەملەنگەن ياندا،
ئولتۇرغاندەك ئارامگاھ باغدا،
مۇڭدىشىدۇ مېھمانلار بىلەن،
پاراڭلىرى خۇشكەيف بەلەن.
قېنى ئېلىڭلار بىرلىكتە يەيلى…
ئۇياق _ بۇياقتىن پاراڭ قىلايلى.
ئىزدىشىدۇ بەھىرلەنمەكنى،
يېقىن كۆرۈپ بىر  _ بىرلىرىنى.
كۆڭلى ئىدى  پايانسىز دەريا ،
تېپىلماس بۇ روھ ئوردا _ سارايدا..
ئىزدىمەس دىھقان بەكمۇ چوڭ پايدا،
قانائەت تاپار، شۈكۈرلەر ئېيتار،
مەنا تاپسىلا ئاددىي ھاياتتا….

مىۋە _ چىۋە، يەل _ يىمىش سەرخىل،
ئۇزۇن كەتكەن قىزىل لاپاستا…
تەمى ئىسىل، تەبىئىي ئورگانىك،
تېپىش مۈشكۈل بىزنىڭ بۇ جايدا.
قوغۇن، تاۋۇز قىلار سىزنى لال،
ئۇندان تەمدە نەدە قالۇر. بال.
دىھقان قىلار خېرىدارنى خوش،
ماختىمايدۇ ماللىرىنى  بوش .
سودىسىدا  باردۇر بەرىكەت
سالام _سۇلا قىلماس نەچچە رەت.
دىھقاندا بار نىسىۋە  تۇيغۇ..
قىلمايدۇ ھېچ يامان بىر نىيەت..
قىزىپ كەتكەن رەخت بازىرى،
ئاياللارنىڭ چۇۋۇلداشلىرى.
كۈلۈپ تۇرۇپ باھا تالىشار،
ئاسلا بوپتۇ بەردىم دىيىشەر.
ئىسىل كىيىملەر، تويلۇق كۆرپىلەر،
مۇشۇ يەردە  كېسىلىپ چىقار.
ئادەت، ئەنئەنە، ھەر خىل مۇراسىم،
بۇ بازاردا  ساقلىنىپ بارار.
زامانىۋى ئەمەس كىيىمى،
چاچقا سۈرەر جىگدە يىلىمى.
ئوزۇقلۇغى ھويلىسىدىلا،
خۈشاللىقى باراڭ ئاستىدا.
يۈرىگىدىن چىقىدۇ كۈلكە،

شەھەردە  بۇ ئايلاندى كۈلگە.

دىھقان بازىرى،
ئنسانلىقنىڭ ئۆلگىسى بۇ يەر،
غەمكىنلىككە بولىدۇ پەنەر.
ئىس_ تۈتەكلىك چوڭ شەھەر ئەمەس،
خوش كۈلكىلەر لىققىدە پەۋەس.
ئىھ توپىلىق دىھقان بازىرى،
تاپالمىدىم دۇنيا چۆگىلەپ..
ساڭا ئوخشاش ھۆرمەتتە بىرى.
ئىزىم قالدى بارچە كوچىدا،
ئەسلىمەمدە نۇرانە يېرى…

جاۋاب يېزىش