مۇيەسسەر خەندان
پۇتلىرىمىزدىكى كىشەنگە قاراپ،
بىزنى ئەسىرلەرنىڭ قۇللىرى ساناپ،
ئىچىڭىزدە بىز
«ئۆزىمىزنىڭ شورىدا» قاناپ،
ئىچىڭىز بەك ئاغرىدى، جاناب!
«ياق!
بىزدىن قەھرىمانلىق تالاشماڭ» دېسەم،
«بىز بۇنداق باھا بەرمەيمىز» دېسەم،
«ئۇلار تومۇرىمىزدا ياشاۋاتىدۇ،
بىز يوللاردىن قەھرىمان تەرمەيمىز» دېسەم،
بىر قول باسار گەجگىمىزنى،
ئېزەلمەس؛
بىر پۇت باسار سەجدىمىزنى،
ئېزەلمەس؛
بىر سۈكۈت باسار تىلىم – تىلىم چۇقانلىرىمىزنى
ئېزەر.
ئەگدۈرگەن باشلىرىمىزدا
ئېگىلمەي يىقىلغان
يېنىمىزدا يوقلىرىمىز بار.
سىز ئاجىز كۆرگەن ياشلىرىمىزدا
دەل تېگىدىغان ئوقلىرىمىز بار!
ھەققانىيەت نېمە؟ ئۆگەتمەي قويۇڭ،
ئۆگەتكەن ئاتىلىرىمىز بار!
ئوغلىنى قۇچاقلاپ دۇئالىرىدا
چۇل – چۇل بولغان ئانىلىرىمىز بار!
ئات، سولۇمنى چەنلە، ئاپتوماتلارنى
جىيەكلىرىگە قويمىغان يۈرىكىمىز بار.
قەھرىمانلىق سەرمايىسىگە
قاقاھلاپ كۆز يۇمغان تىرىكىمىز بار.
سوراڭ بارىننىڭ توپىسىدىن:
ئاسماندىن قايسى ئوغۇل – قىزىنىڭ
قانچىنچى ئاھى يېغىۋاتىدۇ؟
سوراڭ ئىلى دەرياسىدىن:
بۇلدۇقلاپ تۆكۈلگەن ۋەسىيەتلەر
قىنىغا قانداق سىغىۋاتىدۇ؟
سوراڭ ئۈرۈمچىنىڭ كوچىسىدىن:
«ئون يىل» دېگەندە، لېۋىنى چىشلەپ،
يۈرىكى قانچىلىك ئېغىۋاتىدۇ؟
سوراڭ قولىمىزدا تۆمۈر بارمىكىن؟
سوراڭ دەردىمىزدە ئۆمۈر بارمىكىن؟
قەھرىمانلار سىزنىڭ بولسۇن،
قاراڭ، يۈزىمىزدە كۆمۈر بارمىكىن؟
2019 – يىلى 29 – يانۋار
رەسىم: Yettesu
