راھىلە كامال
ئۇ ئاپتاپتىكى مۈشۈكتەك ئۈن-تىنسىزكېرىلىدۇ.
ئۇ توڭلىغان بۇرجەكلەرگە شاملار ياقىدۇ،
مۈشۈك بىلەن شام پىچىرلىشىدۇ..
ئۇنتۇلغان چۈشلەرنى ئويغۇتار بىخلار ،
ئۇلار سۈكۈناتتا ئۆسىدۇ ئاستا .
يۈرەك تۇنجى رەت سوققانغا ئوخشار ،
چىمەنلەر مۇز ئاستىدا شېئىر يازغاندا.
ئۇ رەڭ ۋە قۇياش نۇرىلا ئەمەس ،
ئۇ قەلبىمىز ھەم روھىمىز.
ئۇ يوقىتىپ قويغىنىمىز ئەمەس،
ئۇدۇر بايقىغانلىرىمىز.
