تۇمارىس ئالماس
چىقتى جان،
ئاقتى قان،
كەلمىدى ۋەتەن.
ھەممىگە بىر ئۆلۈم،
شېھىت بولالماس بىراق ھەممىلا ئۆلۈم،
ۋەتەن كىلەرئىدى،
گەر شېھىت بولسا ھەممە ئۆلۈم.
بەدەل ئەمەس تۈكۈلگەنلا قان،
گەر بەدەل بولسا ئىدى ھەممىسى،
كىلەر ئىدى ۋەتەن،
بولماستۇق ۋەتەنسىزلىكتىن بۇنچە خار.
بەدەلدىن كۆپتۇر مەجبۇرلانغىنى،
شېھىت كەتكەندىن كۆپتۈر ئۆلگىنى،
چۈنكى شېھىت باش ئەگمەس،
ئۆلگەن قارشىلىق كۆرسەتمەس.
گەرچە قان دەريا بولۇپ ئاقسىمۇ،
ۋەتەن ئىنسانسىز تىمتاس قالسىمۇ،
ۋەتەن كەلمەيدۇ ئۆزلىگىدىن،
چۈنكى جىھات روھىي يوق ئۇ قانلاردا.
.
ۋەتەن يوق،
كەتمەكتە ئۇ قولدىن،
نەدىدۇر مەناسى شۇ پەرىزنىڭ؟
ئەگەر قارشىلىقسىز كەتكەنلەر سانالسا شېھىت.
ئۆلگىنى ئۆلدى،
گەر ۋەتەن كۆيىۋاتسىمۇ ئوت ئىچىدە،
بولۇپ ھۆرلۈكنىڭ دۈشمىنى،
تىرىك ياشايدۇ بەزىلەر بەتتەر ئۆلۈكتىن.
.
تىلىكىم شۇ،
بولسا ئىدى ۋەتەن قىبلىسى،
ئۆلسە ئىدى تىرىك ئۆلۈكلەر،
كەتسە ئىدى شېھىت ھەممىسى،
تاپسا ئىدى ئاققان قانلار شىھىت روھىنى،
يىتەر ئىدى ھۆرلۈك مەنزىلگە.
تۇمارس ئالماس
2024- يىلى 5- ئىيۇل
See less
