مەھەلىدىكى سامانيول

زۇلفىيە مۇھەممەد

مەھەلىدىكى تاشيول،
قەلبتىكى سامانيول….
دەسلەپ توپىلىق،
كېيىن شېغىل _ تاش،
توپا شېغىلغا بولۇشۇپ ئاداش…
گۈلدۈرلىگەن تېراكتۇر بىلەن،
توپا _ چاڭلار بولۇشۇپ يولداش،
ئىشىك _دەرىزىنى ياپ،
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ قاچ….
چىلەك بىلەن سۇ توشۇپ،
توپا ئۈستىگە قۇيۇپ….
كەچتە ھېچكىم دەسسىمەس،
سوپەك، ۋېلسىپىت ئۆتمەس….
ئەتىگىچە قۇرۇپ،
توپا _ چاڭلار كۆرۈنمەس…
قىز _ يىگىتلەر بەسلىشىپ،
توپا يولغا سۇ سېپىشىپ،
پۈتۈن مەھەللە قايناق،
كۆڭۈللىرى شوخ _ ئويناق.
مەھەلىمىزدىكى تاشيول،
زەۋقىمىزگە كەلگەن،
ئىككى تەرىپى تېرەك،
ئادەملىرى خۇش يۈرەك…
شاتلىقلارغا پۈركەلگەن…
بالىلارغا مەيدان بوپ،
ئويۇن بولۇپ كۈلدۈرگەن…
ئانىلارغا غەمخانە،
ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپ،
دەرتلىرىنى تۆكۈشكەن….
ئارزۇ بايان ئەيلىشىپ،
ئاچچىق ھاياتنى سۆكۈپ،
يېنىككىدە تىن ئالغان،
مەھەلىدىكى تاشيول،
غايىبانە سامانيول…..

كەينىڭدىكى نىمىلەر؟
ئاپپاق ئاپپاق قۇشلىرىم،
ماڭا بىرنى بەرسەڭچۇ،
كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ…
مەھەلىدىكى توپا يول،
قىزىپ كېتەر قىز _ ئوغۇل ،
قاچقاچ توپنى كۆمۈپ قوي،
توپا پۇرايدۇ خۇشبۇي…
ئاق سۆڭەكنى يوشۇرۇپ،
توپا دۆۋلەپ تولدۇرۇپ…
مۆكۈنەيلى دالدىغا،
تېپىۋالار ئاختۇرۇپ…
يالاڭئاياغ مېڭىۋال،
توپا يولدا پاتۇرۇپ،
قوياش نۇرى مۆكۈنگەن،
قۇۋۋىتى چوڭقۇر سىڭگەن…
توپىدىن كەلدۇق يەنە،
توپا بولۇش پۈتۈلگەن…
مەھەلىدىكى تاشيول،
كۆڭلۈمدىكى سامانيول…
بالىلىق ئىزنالىرى،
قەلب تۆر مېھمانلىرى..
ھاياتىمنى بېيىتقان،
ئەسلەپ، چۈشەپ سېغىنغان..
كۆڭۈل مېھرىبانلىرى …
تېرەك، سۆگەت، جېجىغان ،
يانتاقتىن گۈل ئېچىلغان.
ئەنجۈر، غەنويلا پىشقان…
كىچىك ئېرىققا سۇ باشلاپ…
كېچىلىرى سۇ تۇتقان…
تاشيولدا ناخشا ياڭراپ،
قۇمسېغىدىن شور تاللاپ،
ئۆتكەن كەچكەن ئۈزۈلمەس،
بەشكېرەمدىن ئۈرۈكلەر،
سۈكەنلەرگە قاچىلاپ،
ئاققاشدىن چىققان ياغاچ،
ھارۋىلاردا پاتمانلاپ…
مەھەلىدىكى سامانيول،
مەن ئوينىغان تاشيول…
بېرىپ ھەممىگە ئاق يول،
توپىسىنى پۇرقىرىتىپ،
بەزىدە شېغىل چاچرىتىپ..
ئېچىپ بېرەر داغدام يول….

مەھەلىدىكى تاشيول،
قەلبىمدىكى سامانيول….
قېنىپ _ قېنىپ زوق ئالغان،
ئانام بىلەن دەسسىگەن،
چوڭقۇر سىرلار كۆمۈلگەن،
ئىشەك ھارۋىغىمۇ،
مۇتۇسىكلىت، ماشىنغىمۇ،
ۋېلسىپىتلىك، پىيادىگىمۇ،
ئېچىپ بەرگەن قۇچاق،
قەلبى مېھىرگە توشاق…
نۇرغۇن تارىخلارغا شاھىد،
قوينى كەڭرى باغرى يۇمشاق….

جاۋاب يېزىش