ئايگۈل»تامچە»
كېچىلىرى ئۆتمەيدۇ تىمتاس،
ھىجران تۈندە سالىدۇ قېقاس.
ئەسلىمىلەر مارلايدۇ رۇجەك،
يۈرەك سوقار يۈرەكتە بولغاچ.
كۆكتە ساما سالغاندا ئۆتمۈش،
ئاي جىلمىيىپ يۈتەر ئۆكۈنۈش.
يۇلتۇزلاردا تۈمەن مىڭ سوئال،
يۈرەكتىنلا چىقىدۇ ئۆكسۈش.
يۈرەك توختاپ قالسا بىر سەھەر،
كۈن تەپتىدە كۈلسە مىڭ باھار.
بىرگە كۈلگەي جانلار تەسەددۇق،
كۈتكەچ تاڭنى بولۇپ ئىنتىزار.
يۈرەك سوقار يۈرەكتە بولغاچ،
داۋام يەنە تىلەكتە قالغاچ.
تىنىق توختاپ ، چىقسىمۇ بۇ جان،
مەيىن شامال روھلارغا تەڭداش.
