ئايگۈل« تامچە»
ھېچكىمنى دوست تۇتما ،دوستۇڭ بولمىسا،
قىراۋدا يېپىنچاڭ، پوستۇڭ بولمىسا.
ئازاپلىق شاتلىققا ئەبجەش ھاياتتا،
كۈلكەڭگە تەڭ كۈلگەن ئوخچۇڭ بولمىسا.
ھېچكىمنى دوست تۇتما ،دوستۇڭ بولمىسا،
قوينۇڭدىن چۈشكەندە قونچۇڭ بولمىسا.
بىركىلىپ كەتكۈچى تەلەي ۋە ئامەت،
ئامەتلىك كۈنۈڭگە ئالچۇڭ بولمىسا.
ھېچكىمنى دوست تۇتما ،دوستۇڭ بولمىسا،
سىردىشىڭ مۇڭدۇشۇڭ ئەلچىڭ بولمىسا.
ئارمانغا يېتەكلەر ھاياتتا ئىشەنچ،
گۇمانلىق ئىشلارغا خۇرچۇڭ بولمىسا.
ھېچكىمنى دوست تۇتما، دوستۇڭ بولمىسا،
ئالدىڭدا ، كەينىڭدە يولچۇڭ بولمىسا.
بۇ رەڭۋاز دۇنيادا رەڭلەنمەس ئىنسان،
ئۆز يولۇڭ ئۆزەڭدە، ۋاڭ – چۇڭ بولمىسا.
