جىگدە يىلىمى

گۈلنۇر

مەن تۇغۇلسام بار ئىكەن،
ئېشىكىم  ئالدىدا
توققۇز تۈپ جىگدە دەرىخى.
بىرى دوڭغاق،
بىرى مايماق،
بىرى غەمكىن،
بىرى  ئاچماق.
جىگدە چېچەكلىگەن شۇ كۈنلەردە،
پۈتۈن مەھەللە،
يۇلتۇزلۇق ئېرىقلار ،
كەڭ پېشايۋان،
ئەنجان تاملار
تام تۈۋىدە
قۇشلار
پىچىرلاشلار
شىرىن جانلار
مۇھەببەت پۇرايتتى باغلار،
غۇچچىدە خۇشپۇراق.

ھەر باھاردا
يېلىمى چىقسۇن ،
بۇلدۇقلاپ  ئاقسۇن، دەپ،
بۇ بىچارە دەرەخلەرنىڭ
كەكە بىلەن
باغرىنى يۇنۇپ قوياتتۇق.
گۈپ- گۈپ ئۇرۇپ دۈمبىسىگە،
تېلىپ- تېلىپ پۇت- قولىنى ،
بەزى ئويۇپ يۈرىكىنى،
پارچە- پارچە ئىز سالاتتۇق.

جىگدە يېلىمى ئاسان چىقامتى؟
باغرىدىن ئېقىپ چىققان مۇھەببەت ئۇ،
دەردىدىن پۈتۈپ چىققان ساداقەت ئۇ،
جىسمىدىن ئۈنۈپ چىققان نازاكەت ئۇ،
شىپاسى سۆيگۈ تۇغقان لاتاپەت ئۇ.

يېزىنچە يىلىمى قاينىسۇن، دەيمىز،
سۇمبۇل چاچلاردا ئوينىسۇن،دەيمز.
مەختۇمسۇلا  چاچ تارىغان ئېرىق بويىدا
يىگىتلەر ئاشىق بولوپ  يېلىم ھىدىغا،
پۇراپ- پۇراپ
بۇ ھاياتقا   قانمىسۇن، دەيمىز.

جىگدە يىلىمىنى ھەر كىم بىلەلمەيدۇ،
يامغۇردا قالغىنىنى
《بۇل 》بولوپ قالدى ، دېيىشىپ
ھىچكىم ئالمايدۇ.
چاچقا سۈرسىمۇ چاچتا تۇرمايدۇ.
يامغۇر چۈشمىگىنى،
قۇشلار قونمىغىنى،
خوشنام كۆرمىگىنى،
يىلدىن قالمىغىنى،
كەھرىۋادەك جۇلالىغىنى ،
《ئەڭ ياخشىسى》 دېيىشىپ ،
بەلچىلەرنى بىلەي بىلەن بېلىشىپ،
سىنىڭ ئاز، مىنىڭ ساز دەپ تالىشىپ،
يېغقانلىرىمىزنى يۇمىلاقلاپ،
ئاپتاپقا سېلىشىپ،
ئالدىرايتتۇق،
قىرىق بىر ئۆرۈم بوستان چاچلارنى سېلىشىپ…

ساندۇقىڭىزدا يىلىم تۇرسۇن قىزىم،
دەپ تاپىلايدۇ ،
جىگدە يىلىمىدا
چىڭ پاتلانغان چىچىنى
ئالتۇن قاداق دوپپىسى بىلەن چىڭ باستۇرۇپ كېيىۋالغان چوڭ ئانىلار.

قىزنىڭ تويلۇق بوخچىسىدا يېلىم ساقلاقلىق،
يېلىم پۇرار يىڭى ھوجرا ،  يىلىم چىلاغلىق.

تاشتەك قاتقان بۇ  يېلىم قانداق يۇمشايدۇ؟
ئۆرۈم- ئۆرۈم بوستانلاردا قانداق توختايدۇ؟
بىر- بىرىگە ئاشىق بولوپ تەشنا بولمىسا،
مۇھەببەتلىك قوشاقلارنى قانداق ئاڭلايدۇ؟
جىگدە شىخىدا بۇلبۇل سايرايمىش،
جىگدە يىلىمى قىزغا ئاشىقمىش،
باغرى تېلىنسىمۇ،
يۈرىكى ئويولسىمۇ.

جاۋاب يېزىش